akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: putboldunyasi

بىزگە مىرئەخمەتجان مۇھىممۇ مىسسى،رونالدۇمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-3-17 10:13:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 10:18  

مىرئەخمەتجانمۇ پۇتبولچى، رونالدو، مىسسىمۇ پۇتبولچى، لىكىن ئۇنىڭدىكى پەرىق مەۋجۈت، تىخنىكا ،نام ئابروي، مۇسابىقە ئەھۋالى  قاتارلىقلار،
توردىن ئىزدەپ  باقايلى رونالدو، مىسسى، دەپ ئىزدىسەك  بىر توقاي  رەسىم،  شىپىن  قاتارلىقلارنى تاپقىلى  كۆرگىلى  بولىدۇ،   مىرئەخمەتجان دەپ   ھىچ   ئىز  دىرىكىنى تاپالمىدۇق،  بۇ  مىنىڭ دىگىنىم ھەرگىزمۇ مىرئەخمەتجاننى تۆۋەن  كۆرۈپ  مىسسى، رونالدو لارنى ئىگىزگە كۆتۈرگەنلىك  ئەمەس،  ماۋۇ  سىلىشتۇرۇش  تازا  توغرا   بولمىغان،  ئەمسە   سىز ،  كۈندە  دىسەم  قىيناپ  قويغانلىق  بولىدۇ، ھەپتىدە  بىر  مىرئەخمەتجان  بارىلارنىڭ  مۇسابىقە  جەۋھەرلىرىنى  يوللاڭ  ،  بىز  كۆرۈپ   تۇرايلى   ، كۆزدىن يىراق  كۆڭۈلدىن يىراق  دەپتىكەن، گەرچە جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتە يىقىن بولساقمۇ، كۆرۈش  ئاز،   بۇ مىرئەخمەتجان، بارىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى ئاي-يىل ئۆتۈپ  كۆرمەيمىز  شۇڭا   بىلمەيمىز، رونالدۇ مىسسىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى ھەپتە-ھەپتىدە بىر  يىڭى  مۇسابىقىللىرىنى  كۆرىمىز،  شۇڭا  ئۇلارنى  مۇلاھىزە  قىلىمىز،  بۇ ھەرگىز چوڭ بىلىپ كەتكەنلىك ئەمەس  بەلكى شۇ  توغرىسىدا  مۇنازىرە  قىلىش،  سىز   تۇيۇقسىزلا ئۇ  موھىممۇ بۇمۇ  دەپ لوگىكىغا چۈشمەيدىغان  گەپنى قىلسىگىز  توغرا  بولمايدۇ، پۇتبول تىخنىكىسىدىن ھوزۇرلىنىش جەھەتتە  بىزگە ھەر ئىككىلىسى  موھىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
8899kaysar + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ccرونالدو يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 01:22
توغرا دېدڭىز بىزگە موھىمى شىنجاڭ پۇتپۇلچىلقىنىڭ گەلگۈ ...

باش سۈرەتنىڭ ئۆزىلا جىدەل ئۇرىقى ئۇكام .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:43:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ccرونالدو يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 01:22
توغرا دېدڭىز بىزگە موھىمى شىنجاڭ پۇتپۇلچىلقىنىڭ گەلگۈ ...

سىزگە سەمىمى تەكلىپ دوستۇم، باشسۇرتىڭىزنى ئالماشتۇرۋەتسىڭىز بوپتىكەن، بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئېسىل باشسۇرەتلەر بار . (كۈلۇم سىرگەن چىراي ئىپادىسى )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:47:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىر مىللىي كارخانىچى مانا مەن دەپ چىقىپ پۇتبولىمىزنى قوللاپ چىقتى
رادىل ئابلانىڭ ئارمان گوروھى نامىدىن ب دەرجىلىك بىرلەشمە قۇرۇش پىلان 3 يىل بۇرۇن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.......ھەرەمباغمۇ  شۇ كوماندا تەشكىللەيدىغاننىڭ گەپ سۆزلىرى بولغان ئەمما نەتىجە قانداق بولدى..........ھەممە ئادەم جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە باشقىلارغا تاپا تەنە قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس
بىر ھېكايە يادىمغا كىلىپ قالدى:ئافغانىستاننلىق بىر قىز ئانىسىغا ئېيىتتى:‹‹ئانا مەن ياۋرۇپادىكى ئېلغار مەكتەپلەردە ئۇقۇپ ۋەتىنمنى گۈللىتىمەن،ئانا ئېيىتتى:قىزىم ھازىرچە ساڭا ئۇقۇش مەنپەت بىرەلمەيدۇ،ئەتراپىڭغا قاراپ باق.................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ شاھى بولغان پۇتبول ھەركىتى ئاللىقاچان مىللەت ، ئىرق ،دىن چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتتى ، شۇنداقلا بىرەر قىتئە ، بىرەر دۆلەتنىڭ بەلگىسىمۇ ئەمەس ، تىما ئېگىسىنىڭ مەقسىتىگە قارايدىغان بولساق ، ھەرگىز مۇ مېسسى ، رونالدولارغا مەستانە بولماڭلار دېمەكچمۇ ئەمەس ، پەقەت ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار توپچىلىرىمىزغىمۇ دېققەت - ئىتابىرىمىزنى سېلىپ قويايلى دېمەكچى .ئەمدى دىيارىمىز توپچىلىرىنىڭ دۇنياۋى چولپان بولالماسلىقىغا كەلسەك ،نۇرغۇن سەۋەپلەر بولسىمۇ  ،ئەڭ موھىم سەۋەپ يەنىلا ئۆزىمزدە ، بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىز ئافرىقىدىن مىڭ ھەسسە ياخشى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ .نۇرغۇن دۇنياۋى چولپانلار ھەر - بىر مىنۇتلۇق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ئۆزىنى ئىسپاتلىغان .ئۆزىنى بىلىش ، ئۆزىنى قەدىرلەش باشقىلارنى ھۆرمەتلەش كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمەس پۇتبول مەيدانىدىمۇ ئىنتايىن موھىم .مەيلى كىم بولسۇن ،ياخشى ماھارەت ، ئېسىل ئەخلاق بىلەن كىشىلەرگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلالىسا ئوخشاشلا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىش بولالايدۇ .مىرەخمەت ، ئەكرەم ....لەر دۇنياۋى چولپانلار بولالمىغان بولسىمۇ موشۇ دىيارىمىزدا ھەر قاچان ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشلەردۇر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:55:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ  توغرا .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:57:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىلغان  تىما  بوپتۇ،  ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا  ئەرزىيدۇ،  مەنغۇ  بىر  يەككە  تىجارەتچى ، قاسساپچىلىق قىلىمەن ، ئەتراپىمدىكىلەرگە  پۇتبول توغرىلىق پاراڭ  قىپ  بېرىمەن، توپچىلارنىڭ  يىلدا  تاپىدىغان پۇلى، نام  ئابرويى توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىمەن، بىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچى،  ۋاسكىتبولچى ، ئەزىمەتلىرىمىز توغرۇلۇقمۇ سۆزلەپ بېرىمەن، ئۇلار تەبىئىيلا   بىزنىڭ  ئۇيغۇر  بالىلار نىمىشقا  ئاشۇلاردەك   نام  ئاتاق  قازىنىپ  ئاشۇلاردەك پۇل تاپالمايدۇ  دەپ  سورىشىدۇ، ئەلۋەتتە  ئۇلارغا، مۇنداق  دەپ چۈشەندۈرىمەن،  بەزىلەر  بىزنىڭ  شان  شەرەپ   قۇچۇپ،  ئۆزىدىن ئېشىپ  كىتىشىمىزنى  خالىمايدۇ،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:58:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا   ئازراق   چاقناپ  بولۇپلا   ،  جىمىپ  قالىدۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 11:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 20:06  

بىز پۇتبول مەستانىسى بولغانكەنمىز ئۆز پۇتبولچىلىرىمىزغىمۇ دىققەت ئىتىبارىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك ...قاچان قارىسا س.رونالدو ، مېسسى دەپلا ئۆتۈپ،ئۆزىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بىزنى قانداقمۇ مەستانە دېگىلى بولسۇن ؟ ئەلۋەتتە دۇنياۋى چولپانلارنىڭ مۇنازىرىسى كۆپرەك بولۇش نۇرمال ئەھۋال... بىراق ئۆزىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ...پۇتبولچىلىرىمىزنى قوللاش بىزنىڭ بۇرچىمىز ... بىزدە ھەقىقەتەنمۇ تېما ئىگىسى دېگەندەك توپچىلىرىمىزنىڭ خەۋەرلىرىگە نەزەر سالمايدىغان ئىشلار ئېغىر ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 11:02:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مېسسىدەك مىرئەخمەتجان مۇھىم ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 11:08:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستانبۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 08:20
ئەمدى ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مۇھىم ، رونالدو بىلەن مىسسى ...

گېپىڭىزنىڭ ئايىغىدىكى ئىچ ئاغرىتىش دېگەنگە مەن قارشى.بىزنىڭ يىگىتلىرىمىزدە تىرىشچانلىق يېتەرلىك ئەمەس دېسىڭىسىز بۇ گېپىڭىزنىڭ خېلى ئاساسى بار.لېكىن بىز ئۆزىمىزنى قوللايلى دېدۇق ئىچ ئاغرىتايلى دېدۇق.بۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس.ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ مەركىزى بولغان ئىنگلاندتا ھەر قانداق بىر شەھەر رايوندا ھەتتا يېزا مەھەللىلەردىن تارتىپ كۇلۇبلار بولىدۇ،كىشىلەر دۆلەت ئىچىدىكى،ياۋروپادىكى زەردارلارنى قوللاشتىن بۇرۇن بىرىنچى بولۇپ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى كوماندىنىڭ سەۋىيىسى،بىرلەشمىدىكى دەرىجىسى قانچىلىك تۆۋەن بولىشىغا بارلىق كۈچى بىلەن قوللايدۇ.بۇ ئىچ ئاغرىتىشمۇ؟بۇ ھەقىقىي پۇتبول مەدەنىيىتى.بىرىنچى بولۇپ تىرىشىش ئۆزىدىن،ئىككىنچى بولۇپ قوللاش بىزدىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 11:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلىيەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىمىمىز قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئاشۇ بارى ، مىرەخمەتجان قاتارلىقلارنى رونالدو بىلەن مېسسىدىن چوڭ بىلىدۇ بۇنىسى ئېنىق ، لىكىن ئاۋۇلار توغرۇسىدىكى تىمىلارنىڭ كۆپ بۇلۇشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشىمىز كىرەك ، چۇقۇم ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاز قىلىپ مىللى توپچىلارنىڭ گىپىنى جىق قىلىش كىرەك دەيدىغان گەپمۇ بولمايدۇ ، لىكىن شۇنداق دىيەلەيمەنكى ھەممىمىز بەكرەك مىللى توپچىلىرىمىزنى قوللاشنى خالايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 19:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش