akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1898|ئىنكاس: 78

بىزگە مىرئەخمەتجان مۇھىممۇ مىسسى،رونالدۇمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىزگە مىرئەخمەتجان مۇھىممۇ مىسسى،رونالدۇمۇ؟
سالون ئىشلىگەن بىر يىلنىڭ ياقى مۇنداق بىر مەسىلىنى كۆرۈپ يەتتىم،سالوندا مىسسى،رونالدو دەپ ماقالە يوللىسام كۆرۈلىشى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ،لېكىن دىيارىمىز پۇتبولچىلىرىنىڭ چىمپىيون بولدى،دۆلەت كوماندىسىغا كىردى دېگەن خەۋەرلىرىدىن باشقا مەزمۇنلىرىنىڭ كۆرۈلىشى ئۇنچە ياخشى ئەمەس.بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇنىڭدا سەۋەب ناھايىتى كۆپ،لېكىن بىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان مۇھىم سەۋەب شۇكى،بىزنىڭ پۇتبول سۆيەرلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە پۇتبول سۆيەر ئەمەس،پەقەت توپ توغرىسىدىكى ئاقچى كۆكچى دۇمباقچى دېگەن خەۋەرلەرگە قىزىقىدىغان توپ قارىغۇلىرى.
مىسسىنى تونۇمسىز؟رونالدۇنىچۇ؟ئەلۋەتتە تونۇيسىز،چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبول چولپانلىرى.
مىرئەخمەتنى تونۇمسىز؟بارىنىچۇ؟ئۆتكۈرنىچۇ؟باشقا دىيارىمىز توپچىلىرىنىچۇ؟ئونىمىزنىڭ ئىككى ئۈچى ئاران تونۇيمىز.چۈنكى بۇلار دۇنيا چولپانلىرى ئەمەس،دۇرۇسمۇ؟
لېكىن بىر مەسىلە ئايدىڭ بولسۇنكى مىسسى رونالدولار سىزگە ئانچە مۇنچە مەنىۋى زوق ئاتا قىلغاندىن سىرت سىز بىلەن ئون تىيىنلىق مۇناسىۋىتى يوق،دىيارىمىز توپچىلىرى بولسا دىيارىمىز پۇتبولىنىڭ نامايەندىلىرى،پۇتبول ئارمانلىرى بار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى،بىز نېمىشقا بۇلارنى تونىمايمىىز؟نېمىشقا بۇلارنى قوللىمايمىز؟
مۇنبەرگە كىرسىڭىزمۇ شۇ،پۇتبول شاھى مىسسى،مېنىڭ مەبۇدەم رونالدو دەپ،قاچانلا قارىسا بارسىلونا مادرىت جىدىلى،سىزنىڭ ئۆيىڭىز مادرىتتىمۇ؟ياكى سىز كاتالونىيالىق بۆلگۈنچىمۇ؟سىز ئۇلاردىن نەچچە مىڭ كلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۇلار ئۈچۈن ئەرزىمەس،ئون تىيىننىڭ پۇچىقىغىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئىنسان،ياخشى كۆرۈڭ،قوغلىشىڭ،جايىدا بولسۇن،ئارتۇق بولسا لاۋزىلىق.
ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى پۇتبول ھەرىكىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ چەتئەلدىن چۈشكەن پۇتبولخۇمارنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،قۇرۇق گەپنى قويۇپ،نەزىرىڭىزنى ئۆزىمىزنىڭ يىگىتلىرىگە كۆپرەك ئاغدۇرۇڭ،ئەمەلىيەتتە قوللاڭ،بىزنىڭ بالىلىرىمىز قانچىلىك جاپا مۇشەققەتلەردە مۇشۇ كۈنلەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ،قايسى بىر مىللىي كارخانىچى مانا مەن دەپ چىقىپ پۇتبولىمىزنى قوللاپ چىقتى؟ئاددىي پۇقرا بولساقمۇ بىز قوللايلى،يىگىتلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى قورغان بولايلى!بىزگە مىسسى،رونالدو مۇھىم ئەمەس،مىرئەخمەت بارىلار مۇھىم!بۇنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغانلار پۇتبول سۆيەر ئەمەس بەلكى دىيارىمىز پۇتبولىدىكى پارازىت قۇرۇت!
W020140609357270700990.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 08:20:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مۇھىم ، رونالدو بىلەن مىسسىدەك بىزگە مەنىۋى زوق بېغىشلىيالىغۇدەك نۇرغۇن دۇنياۋى چولپانلار بولغاچقا بىز بىر مۇنبەر قۇرۇپ چۆرىدەپ ئولتۇرۇپتىمىز  . مىرەخمەتجانمۇ مۇھىم ، ئەمما مىرەخمەتجان چولپانلىقى بىلەن ئەمەس بىزگە قېرىنداش بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھىم ، بەلكىم كەلگۈسىدە ئۇمۇ دۇنياۋى چولپان بولا ياكى دۇنياۋى چولپان بولغۇداك بىرەر قېرىندىشىمىزغا سەۋەپچى بولا . ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ، مەن بىر كارخانىچى . ھەممىڭلار ئىتراپ قىلمىسىاڭلار بولمايدىغان بىر چۈشەك باركى بىز ھەممە نەرسىنىڭ ئالدىغا « مىللى ، مىللىچە » دەيدىغان بىر كۈرۈنمەس چۈشەك كۈرۈنمەس كىشەننى سېلىپ كىلىۋاتىمىز ، ئەمدى بۇ كىشەن مۇنبەردە چولپانلىقنى مەستانىلىقنى كىشەنلىگىلى تۇرۇپتۇ . بىز مىللى كارخانىلارنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى دىگەندەك سەپسەتە گەپلەرنى جىق سېتىپ ئولتاغاچ ئاتالمەش مىللى كارخانىلىرىمىز دۇنياغا يۈزلىنەلمەيدۇ ، دۇنياغا يۈزلەنگەن قايسى كارخانىدا مىللەت ياكى دۆلەت چەكلىمىسى بار ؟ ئەمدى مەستانىچىلىكمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ، كىم پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بىزگە زوق بېغىشلىسا شۇنىڭغا مەستانە بوپ قالىدىكەن كىشى . مىللىچە گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى چۈشەپ ئولتاساق مىرەخمەتجان بارىجانلاردەك چولپانمىكى دىسە ئەمەستەك ، چولپان ئەمەسمىكى دىسە خېلى يامان ئەمەس كۇلۇپتا توپچى ئاشۇنداق بوپ قالىمىز . شۇلاردا ھىچ بولمىسا شارائىت بار ، ئۇلار رونالدو مىسسى … لاردەك چىشىنى چىشلەپ مەشىق قىلسا بىرەرسى تۇتىۋالدىمۇ ؟ رونالدۇ كۈنىگە مانچە مىڭنى يەر بېغىرلاپ ئاشۇنداق قاۋۇل بەدەنگە ئىگە بولدى ، نامرات ئائىلىدە چوڭ بوپتىكەن تىرىشىپ چولپان بولدى دىدۇق ، بىزنىڭ چولپان تىرىشسا كىم تۇتىۋالدى ؟ بىڭسىمىز بولسا بىزمۇ ئاشۇنداق چولپان بولساق ، مەستانىلەرمۇ زورلاپ ئولتۇرماي مەستانە بولىدۇ . ئىتراپ قىلمىسىڭىز بولمايدىغىنى سىز رونالدو مىسسىغا مەستانە ، مىرەخمەتجانغا ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىش يۈزسىدىكى مايىللىق خالاس .  ئەسكەرتىش : ئۇششاق باللارنىڭ نەقىلى قۇبۇل قىلىنمايدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +60 يىغىش سەۋەبى
كۆسەنى + 10 قوللاش!
قەدىناس + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:22:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دېدڭىز بىزگە موھىمى شىنجاڭ پۇتپۇلچىلقىنىڭ گەلگۈسى كېرەك ،نىم دىگەن دە تالاش ئۆتكەندە تازلاشتا ئىشىپ قالغانلا باكەن بولمسا نىم كارى ھە لام دەپ قويسا بولدۇ ،مۇنەردىكى مەستانلىگە زەھىرنى چاچماي .ئاندا قىلشىپ كەتمەيلى قېرىنداشلىرىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 13:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ باللارنىڭ ئىچىدە مىللەت ئۈچۈن توپ تىپىدىغىنى يوق ئەمەس،ھەممىسى ھەم ئۆزىنىڭ ئارزۇسى،مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەم خەلقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ،بىراق ئۆزىنى بىلەلمايدىغانلىرىمۇ بار ،بارى بۇنىڭ تىپك مىسالى، ئۆزىدىن بۇرۇن خوتۇنى شىنلاڭ،سوخو غا چىقىپ چولپان بۇلۇپ كەتتى، خوتۇن دىگەن ئۇنداق ئىلان قىلىدىغان نەرسە ئەمەس مىنىڭ نەزىرىمدە،   خەق چولپان بۇلۇپ بۇلۇپ ئىلانغا چىقىدۇ،بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئىلانغا چىقىش ئارقىلىق چولپان بۇلىۋاتىدۇ، مىللەت ئۈچۈن توپ تىپىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى ئەمەس،ئۇنداق ئىشنى قىلىش ئاسان ،كاللىسىنى ئىشلەتسە بۇلىدۇ،مىللەت ئۈچۈن توپ تىپشتە مەيداندا ئەخلاقلىق بولسا مەيدان سىرتىدا دىيانىتىنى ،ئۆرۈپ-ئادىتىنى،دوست-بۇرادەرلىرىنى تاشلىمىسا،ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ،توپ مەستانىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشسە،ئازدۇر-كۆپتۇر نامرات ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى يوقلىسا،پات-پات ئائىلىسىگە،بۇرۇنقى مەكتىپىگە بېرىپ ئۇستازلىرىنى يوقلىسا ،گەپ-سۆزگە،يۈرۈش تۇرۇشىغا دىققەت قىلسا قاتارلىق ئىشلانى قىلسا مىللەت ئۈچۈن توپ تەپكەنلىك بۇلىدۇ،بۇ ئانچە تەس ئىش ئەمەس،كۆپلىگەن توپچىلىرىمىز شۇنداق قىلىۋاتىدۇ،مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 12:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغان كۇماندىنىڭ مەستانلىرىگە مىرئەخمەت مۇھىم .  بىراق پورتۇگالىيەلىك بىرسىنى دەپ ئۆز مىللتىگە تىل سالدىغانلارىغا شۇ پورتۇگالىيەلىك مۇھىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 16:07:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 13:21  

بۇتىمىنىڭ يىزىلغىنى ياخشى بۇپتۇ بىراق مەنمۇ ئۆزپىكىرىمنى دەپ باقاي .
مىرەخمەتچانغا كەلسەك بىز ئويغۇر پۇتپول مەستانلىرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ھۆرمەتلەيمىز ئۇھەقىقەتەن بىر تالانىت ئىگىسى ئويغۇرلارنى ئويغۇر پۇتپولچىلىقىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تۇنۇتۇشتا ئاكتىپ رۇلىنى جارى قىلدۇرۋاتىدۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنڭغا ھەم شۇقاتارلىق باشقا قېرىنداشلىرمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن .ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن بولسا بىر دۇنياۋى چولپان بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. لىكىن مەن بۇنىڭلىق بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇنى مىسسى ، رونالدولارغا سېلىشتۇرمايمەن توغرا مەن رونالدو مەستانىسى مەيلى مەن ئۇنىڭ توپ ئويناشلىرىغا مەستانە بۇلاي ياكى تىرىشچانلىقىغا مەستانە بۇلاي ۋەياكى ئۇنىڭ ئۆزلىكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا مەستانە بۇلاي نىمىلا بولسۇن مەن ئۇنىڭ مەستانىسى مەيلى مىرەخمەتچان ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە داڭلىق چولپان بۇپ كەتكەن دەقدىردىمۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر مەن يەنىلا ئەشۇ چىكىتنىڭ مەستانىسى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاڭلىدىڭلىما بارلىق مەستانىلەر ، ماۋۇ مىسسى ، رونالدو مەستانىسىگىلام دېگەن گەپ ئەمەس ، ھەممە مەستانىلەرگە دېگەن گەپ ، بىز كىم ئۇلار كىم ؟ بىز قېرىنداشلىرىڭىز ،  ھەم دىندىشىڭىز .  ھەم يۇرۇتدېشىڭىز ، ھەم قاندىشىڭىز ، ھەم دىلكىشىڭىز .... بىراق سىز مەستانە بولاپ يۈرگەنلەرنىڭ بەزىسى خىرىستىيان ، بەزىسى كاتولىك ، بەزىسى .... شۇڭا نەدىكى ئەرزىمەس ئادەملەرنى دەپ بىر بىرىمىزگە ئازار بەرمەيلى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:19:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkuk5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 01:25  

پۇتبول ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكتە ،
مەدھىيلىنەر پۇتبول ئەركىسى .
مىر ئەخمەتجان بىزلەرگە يولباش،
مېسسى رونالدۇ پۇتبول سەركىسى .
تىلەر قەلبىم مەڭگۈگە ھامان ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ پۇتبول روھىغا .
ئېشىپ كېتىپ مېسسى رونالدودىن،
شۇئار بىلەن جەڭدە ئالدىغا .
مىر ئەىمەت ھەم مېسسى رونالدو ،
سېلىشتۇرۇش بولۇر ھاماقەت .
كۆزيۇممايمىز تالانت ئىگسىگە ،
قېرىنداشقا تىلەپ سالامەت .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:20:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن  روزىنىڭ  بىر  ماقالىسى  بولدىغان . بىزگە  بىكھام  مۇھىممۇ  ئېشەكمۇ  دەيدىغان

شۇ  ماقالىگە  ئازراق  ئوخشاپ  قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەق نىمىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەن بولسا خىلى ئىشى باتى، ياقامنى چىشلەپ يىرتىۋەتسەممۇ باكا بۇ باللىغا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:29:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇرۇس !!!!! بىزگە زادى كىم مۇھىم ؟؟؟ بۇنى بىلەلمىگەنلە كۆزى ئۇچۇق قارىغۇ !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:33:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز،ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:38:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىمزدا ئىككى ئالما با  
بىرې  ئالما (ئادەتتىكىدەك لا)
يەنەبىرې  ئالما (  لىكىن بىر قاراپلا يىگىسى كەلگىدەك )  تاللا دەپ قالسا  قايسىنى تاللايسىز ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:46:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ORTON8 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 01:38
ئالدىمزدا ئىككى ئالما با  
بىرې  ئالما (ئادەتتىكىدەك لا) ...

بىرسى ئالدىمىزدا ئەمەس ياۋرۇپادا ، بىز ئاسىيادا تۇرۇپ ياۋرۇپادىكى ئالمىنى يىيەلمەيمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 01:49:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما پىكىرلەگە مەن قوشۇلمەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 02:00:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى چەكلىسەڭلا پەرۋايىم پەلەك ، تورخاننىڭ ئايپىرىنى چەكلىسەڭلا باشقا مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلارنىمۇ چەكلىگەن بولامسىلەرمۇ قانداق ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش