دالىيەن تەرەپتىن بىرلا ئېغىز گەپ ، ساھىپخان مەيدان ھەم ئۇزۇن يىللىق مۇسابىقە تەجىربىسى بۇ قېتىملىق غەلبىنىڭ تولۇق ئاساسى بولدى . دالىيەنگە ھۆرمەت .
بىز تەرەپتىن ، ئوتتۇرا مەيدانغا بۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىلەرگە قاتنىشىپ تەجىربىگە ئېگە بولۇپ باققان ئۇيغۇر توپچىلاردىن بىرىمۇ چۈشۈرۈلمىدى . ئاندىن ئادەم سېتىۋىلىشتا ئۆتكۈزگەن چوڭ خاتالىقى مانا مەن دەپلا ئاشكارلىنىپ قالدى . بىر توپچىنىڭ نام ئەمەلى ۋە ئەمەلى كۈچىنى ئويلاپلا بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ھۇجۇمچى سېتىۋالغان بىلەن ئوتتۇرا مەيدانغا پۇل خەجلىمىگەنلىكى ئۇبدانلا چاندى . ئاۋۇ بىر ھۇجۇمچىنىڭ پۇلىغا ئەسلى راۋرۇس بىر ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدىغان چەتئەللىك كېلەر بولغىيتى .
كېيىنكى مۇسابىقلەردە باش تېرىنىرنىڭ كۇلۇب ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن كۈچ بېرىشىنى ، توپچىلارنى ئادىل ۋە ئورنىدا ئىشلىتىلىشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.
شىنجاڭ كوماندىسى غەيرەت قىل ! |