elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1099|ئىنكاس: 61

تەڭرىتاغ يىلپىزى مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

               
011.png


ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى شەنبە سائەت 13:30 دا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كۇلۇبى داۋانچىڭ ناخۇەن كوماندىسى(  مەن قىسقارتىپ شىنجاڭ كوماندىسى دەپ ئالماقچى)، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، ئۆتكەن يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن دەرىجە چۈشكەن كوماندا دالىيەن ئاربېڭ كوماندىسى بىلەن ساھىبخان ھالەتتە مۇسابىقىلەشتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا، قارشى تەرەپ 9-نومۇرلۇق چەتئەللىك توپچىسى رانىجى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 27 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 22-نومۇرلۇق ماھىرى يەنجىيۈ ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي، ئۆز قاپقىسىغا بىر توپ ئۇرىۋالدى. 39مىنۇتتا دالىيەن ئاربىڭ كۇماندىسىدىن 11-نومۇرلۇق چەتئەللىك ماھىرى بولونۇ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ئاشۇردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:3 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

  كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 60 مىنۇتتىن ئاشقاندا، شىنجاڭ كۇماندىسىدىن شاۋكەت يالقۇن مەيدانغا ئالمىشىپ چىقتى، 78-مىنۇتتا يەھيا جۇۋخېڭنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى، ئىپادىسى ياخشى بولدى، 80-مىنۇتتا ئەرەفات  16-نومۇرلۇق دۇڭ جى يۈەن نىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، 88 مىنۇت بولغاندا دالىيەن كوماندىسى بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمدىن پايدىلىنىپ،  يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نومۇرنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 4:0 نەتىجە بىلەن تۇنجى قېتىملىق مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمىز.......
  شىنجاڭ كوماندىسى خېلى كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ، كۈچلۈك رەقىبى ئالدىدا ئاجىزلىق قىلدى، توپ كونترول قىلىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان، ئەمما پاس يەتكۈزۈشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى تۆۋەن، توپ تاتۇرۇپ قويۇش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ، مۇداپىئەنىڭ ئاجىزلىقى، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى بىر تەرەپ قىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە كەتكۈزۈپ كويدى.


  
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانغا چىققان ئەزالار تىزىملىكى :


    قاپقىچى         :     12-نومۇر  گوجۇنجى

    مۇداپىئە         :    2-نومۇر ئەرەپات،     3-نومۇر سەيشى،    5-نومۇر جۇۋ خېڭ،    6-نومۇر  ۋېيسىنتې

    ئوتتۇرا مەيدان :    8-نومۇر ۋاڭ كاڭ،   11-نومۇر  شۈچېڭ  ،  21- نومۇر تۇڭشىياۋ شېڭ،  22- نومۇر  يەنجىيۈ

    ھۇجۇم          :      9-نومۇر  فېلىپ،   10 -نومۇر  دانالاخ


  مۇنبەرداشلارنىڭ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىدىن ئالغان تەسىرات، چۈشەنچىلىرىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ باقايلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 9 سائەت بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 18:21
بۇ ئىشلارنىڭ يەكۈنىنى چىقرىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا ئامال ق ...

يېرىم پەسىل يەتمەيدۇ . ئۇيغۇر توپچىلار چوقۇم كىچىكىدىن ئەمەلىي مەشىق بىلەن ئەقلىي مەشىقنى تەڭ ئېلىپ بىرىشى كېرەك . رايونىمىز پۇتبولچىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك بىر خىل ناچار خائىش ھازىرغىچە مەۋجۈت يەنى توپ تېپىدىغان بالىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئورتاق ھالدا تۆۋەن ئورۇندا بولۇش . ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم توپچىلارنىڭ شەخسىي تېخنىكىسى ۋە پۇتبول روھى رايونىمىز پۇتبولچىلىرىغا يەتمىسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە مۇسابىقە ئوقۇش نەتىجىسى رايونىمىز پۇتبولچىلىرىنى نەچچە ھەسسە قاتلايدۇ . مۇسابىقىنى بىر ئادەم ياكى ئىككى ئادەم ئوينىمايدۇ . كوللىكتىپنىڭ مۇسابىقە ئوقۇش نەتىجىسى بىر كوماندىنىڭ ناچار ياكى ياخشىلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل . ئوقۇغان تاغ ئاشۇر دەپ ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىراق بولغان پۇتبولچىنىڭمۇ كوماندا تېرىنىرىنىڭ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى باشقا توپچىلارغا قارىغاندا يۇقىراق بولىدۇ. ئەمەلىي ۋە نەزەرىيىۋىي نوقتىلارنى چۈشىنىشى ئېنىق ۋە ئىجىرا قىلىشى ياخشى بولىدۇ. دىمەك ئونبىر توپچىنىڭ ئىچىدە پەقەت ۋە پەقەت ئەڭ كام بولغاندا سەككىز نەپەر توپچىنىڭ مۇسابىقە ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولسىلا دىمەك بۇ مۇسابىقىدىن ئۈمۈت كۈتۈشكە بولىدۇ. ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە پۇتبول تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئومۇميۈزۈلىك قېلىپلاشقان . ئەمەلىيەت ۋە پۇتبول نەزەرىيە بىلىملىرى ۋە ئاساسلىق پەنلەر تەڭ ئېلىپ بىرىلىدۇ . بۇنداق بولغاندا بىر ياخشى ئەتىراپلىق يېتىشكەن پۇتبولچى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ . لېكىن رايونىمىزدىكى پۇتبولچىلار پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسى تېخنىكىسى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپلا ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولغىنى بىلەن مەيدانغا چىقىپ بىر ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينىغاندىلا چوڭ مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ . ئەزەلدىن بىز بىلىپ كېلىۋاتقان ، ھەم ئىشەنگەن ئەمەلىي تاكتىكىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ . شۇڭا رايونىمىز پۇتبولچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئەھمىيەت بىرىشىمىز ، پۇتبولچىلارنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇردىغان ھەم ئىزچىل مۇنتىزىم تەربىيىلىندىغان تەربىيىلەش نوقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك . لېكىن ھازىرقى شارائىتتا بۇنىڭغا بىر قانچە يىل كېتىشى مۇمكىن .


   يەنە بىر مەسىلە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن . ھەجەپ كىچىك بالىلىرىمىز شۇنچىلك زەپەر قۇچۇپ كېلىدىيۇ ، ھازىرقى چوڭلار نېمىشقا غەلبە قازىنالمايدۇ ؟

   سەۋەپ ناھايتى ئاددى . باشلانغۇچ يىللىقلار ۋە تولۇقسىز يىللىقلار بويىچە رايونىمىز پۇتبولچىلىرى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق بەدەن ھالىتى ۋە شەخسى تېخنىكىسى بىلەن باشقا رايونلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرغاچقا يۇقارقى مۇسابىقىلەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلەپ كەلدى . لېكىن رايونىمىز پۇتبولچىلىرىغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرغان شۇ كىچىك پۇتبولچىلار يەنە ئون يىلدىن كېيىن مۇنتىزىم تەربىيە كۆرۈپ رەسمى پۇتبولچى بولۇپ يېتىشكەندە ، ئۆزلىرىنى بىر قېتىمدىن يەڭگەن شۇ رايونىمىز پۇتبولچىلىرىنى ئوخشاش ياش ۋاقىتتا ھەتتا نەچچە ھەسسىلەپ يېڭىپ قويىشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇلار ئون يىل داۋامىدا گەرچە شەخسى تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن ، ئۇلاردىكى سېستىملىق تەربىيە ئۇلارنى كوللىكتىۋىزىملىق ۋە مۇسابىقە ئوقۇش ئالاھىدىلىكىگە ئېگە قىلىپ بولىدۇ . دىمەك ئۇلاردىكى مۇشۇ ئەۋزەللىك بىز پەخىرلىنىۋاتقان شەخسى تېخنىكا ، بەدەن ئالاھىدىلىكى ، پۇتبول روھى دىگەنلەرنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمران بولىشىغا يېتەرلىك سەۋەپ بولالايدۇ . ئويلاپ باقايلى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە گەرچە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىرازلىيە قاتارلىق بىر قانچە پۇتبول تېخنىكىسى يۇقىرى ۋە چولپانلار جىق چىقىدىغان دۆلەتلەر كۆپىنچە ھاللاردا ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ . سەۋەبى نىمە ؟ بۇنىڭمۇ سەۋەبى ناھايتى ئاددى . يەنى يۇقارقىرقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى توپچىلارنىڭ ئەمەلىي شەخسى تېخنىكىسى ۋە بەدەن ھالىتى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى توپچىلارغا يەتمىسىمۇ لېكىن ئۇلاردىكى مۇسابىقە ئوقۇش ۋە تەربىيىلىنىش ئەھۋالى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى توپچىلاردىن بىر بالداق يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇلار مۇشۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ رەقىبىنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان ھالەتكە ئەكەپ قويالايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە كوللىكتىپنىڭ چىرايلىق ماسلىشىشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ . بەلكىم بۇلارنى باشقىلارمۇ ھېس قىلىپ يەتكەن بولىشى مۇمكىن . قىسقاراتقاندا بىز كەچكىچە بىزنىڭ باللا ئانداقيەي ، مانداقيەي دەپ پونى ئېتىۋەرمەي ، ئاساسلىقى رايونىمىز پۇتبولىنىڭ ۋە پۇتبولچىلارنىڭ كېيىنكى تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياخشى قىلالايمىز دىگەنلەرنى ئويلاشساق بولاتتى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
ئەلبارىس + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 22:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   دالىيەن تەرەپتىن بىرلا ئېغىز گەپ ، ساھىپخان مەيدان ھەم ئۇزۇن يىللىق مۇسابىقە تەجىربىسى بۇ قېتىملىق غەلبىنىڭ تولۇق ئاساسى بولدى . دالىيەنگە ھۆرمەت .

   بىز تەرەپتىن ، ئوتتۇرا مەيدانغا بۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىلەرگە قاتنىشىپ تەجىربىگە ئېگە بولۇپ باققان ئۇيغۇر توپچىلاردىن بىرىمۇ چۈشۈرۈلمىدى . ئاندىن ئادەم سېتىۋىلىشتا ئۆتكۈزگەن چوڭ خاتالىقى مانا مەن دەپلا ئاشكارلىنىپ قالدى . بىر توپچىنىڭ نام ئەمەلى ۋە ئەمەلى كۈچىنى ئويلاپلا بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ھۇجۇمچى سېتىۋالغان بىلەن ئوتتۇرا مەيدانغا پۇل خەجلىمىگەنلىكى ئۇبدانلا چاندى . ئاۋۇ بىر ھۇجۇمچىنىڭ پۇلىغا ئەسلى راۋرۇس بىر ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدىغان چەتئەللىك كېلەر بولغىيتى .

   كېيىنكى مۇسابىقلەردە باش تېرىنىرنىڭ كۇلۇب ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن كۈچ بېرىشىنى ، توپچىلارنى ئادىل ۋە ئورنىدا ئىشلىتىلىشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.

                                                                        
شىنجاڭ كوماندىسى غەيرەت قىل !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىجە چۈشكەن بولسىمۇ رەقىبى خىلى بەك كۈچلۈككەن ...... كېيىنكى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي !!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەھيانى ئاساسلىق قىلىپ ئويناتسا بولغىدەك، مۇداپىئەمۇ، ئوتتۇرا مەيدانمۇ ئاجىزكەن.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك توپچىلاردىن نەچچىنچى چىقارسا بولىدىغاندۇ؟  ئالدىنقى مەيداندا ئاران بىر ماھىرمىز چۈشۈپتۇدە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  باللىدىن ئاران بىر ياكى ئىككىسى ئاساسلىق بولالامدۇ نىمە .. بۇندا بولسا ساھىپخان مەيداندىكى تاماشىبىنلارمۇ  ئۆتكەن يىلقىدەك يەنە 10مىڭدىن ئاشمايدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ باللار بىر توپ ئۇرۇپ قويغان بولساچۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرۋاخ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 17:51
بىزنىڭ باللار بىر توپ ئۇرۇپ قويغان بولساچۇ

شۇنى دەڭلا بىرنى ئۇرۇپ قويغان بولسىمۇ !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازىمۇ قاملاشمىغان مۇسابىقە بولدى . ۋاقىت ئىسراپ قىلغانغا چۇشلۇق ئىش يوق !!!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىنى تولۇق كۆردۆم . ئەزالارنىڭ  ماسلىشىشى  پەقەت ياخشى  ئەمەس، ۋاراتامۇ  تازا  شاش  ئەمەسمۇ  ھە؟

ئىشقىلىپ  كىيىنكى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 18:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تولۇق كۆردۈم  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ  ۋارتارى بەك دۆت ۋارتاكەن مۇداپىيە بەك  ناچار بىزنىڭ باللا خىلى ياخشى ئوينىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 18:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى ئىشلىرىڭلا ئۇتۇقلۇق بولسۇن تىخمۇ ياخشى ئويناپ ئاساسلىق ئەزابولۇشقا تىرشىڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 18:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا ئۇيغۇرۇم ئالغا شىنجاڭ كوماندىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 10:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش