ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3763 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مۇبارەك بولسۇن بوۋايكا، تۇنجى نادىر تېمىڭىزنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى تەبىرىكلەيمەن!
تېمىڭىزغا رەھمەت، ھەر ھالدا ئاز بولمىغان ئەجىرىڭىز بىلەن بارلىققا كەلتۈرۈپسىز، شۇنداقتىمۇ مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلىق (ئاساسلىقى تەھرىر) سالاھىتىم بىلەن تېمىڭىزدا ساقلانغان بىر قانچە ئۇششاق مەسىللەر توغۇرلۇق پىكىر بېرىپ ئۆتەي، كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشىڭىزنى سورايمەن!
ئالدى بىلەن كۆزۈمگە چېلىققىنى ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى، 1.70 مېرى دەپ ئېلىنىپتۇ، مېنىڭ ئېنىق ئېسىمدە قېلىشىچە 1.69 مېتىرغۇ دەيمەن (مارادونادىن 1 سانتىمېتىر ئېگىز). بۇنى مۇنداقلا دەپ قويدۇم، 1 سانتىمېتىر دېگەن ھېچقانچە گەپ ئەمەس، بەلكىم بويى ئۆسكەندۇ، نېمە بۇنىڭغا ئېسىلۋالغاندۇ دەپ قالماڭ، مەن پەقەت ئۆزۈم بايقىغان تەرەپلەرنى دەپ قويدۇم خالاس، بۇ مۇھىم ئەمەس. (ئۆزگەرتىشنىڭمۇ زۆرۈرىيتى يوق).
تېما ئوقۇش جەريانىدا مەن يەنە «مارادونانىڭ دۇنيا لوڭقسىدىكى 5 ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈش ، دۇنياغا داڭلىق ئەسىر توپى قاتارلىقلارنى تەقلىد قىلىپ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ چىقىدۇ» دېگەن بىر جۈمىلىنى ئوقۇپ، كىچىككىنە خاتالىقىنى بايقاپ قالدىم. مارادونانىڭ 86-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا 4 كۈچلۈكلەر ئۇچىرىشىشىدىكى قان رەقىبى ئېنگىلاند كوماندىسىغا ئۇرغان 5 ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ كىرگۈزگەن توپىغا دەل «ئەسىر توپى» دەپ نام بېرىلگەن، يەنە بىر سول قولى بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزگەن توپىغا بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ قولى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ توغۇرلۇق باشقىلارمۇ ئېنىق چۈشەنچىدە بولۇش ئۈچۈن سۆزلەپ قويدۇم.
يەنە بىر جايدا چۈشەنمەي قالدىم، «ئۈچ چەۋەنداز، ئۈچ قېلىچۋاز» دېگەن سۆزلەرنى ئۇچىراتقىنىمدا كۆز ئالدىمغا دەرھال گوللاندىيلىك گۇللىت، ۋان باستېن، رىجىكاردتىن ئىبارەت شانلىق مىلان خاندانلىقىنىڭ يولباشچىلىرى كەلدى، لېكىن ئۈچ قېلىچۋاز دېگەن كىم بوپكەتتى؟ ئويلاپ باقسام، شۇ دەۋىرلەردە يەنە بۇ گوللاندىيلىك ئۈچ چەۋەندازغا تەڭ كېلەلىگۈدەك مىلاننىڭ قان رەقىبى ئېنتىر مىلاندىمۇ گېرمانىيلىك ئۈچ جەڭچى بىر مەھەل دەۋىر سۈرگەن، ئۇلارغا بولسا «گېرمانىيە ئۈچ جەڭ ھارۋىسى» دېگەن نام بېرىلگەن. بەلكىم سىز كۆزدە تۇتقان «ئۈچ چەۋەنداز، ئۈچ قېلىچۋاز» لار مۇشۇلار بولسا كېرەك. بۇ تەرەپتىنمۇ ئېنىقراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
ئۇنىڭدىن باشقا قىسمەن جايلاردا ئىملا خاتالىقى، خاتا يېزىلغان كىشى ئىسىملىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇ تېما ھەقىقەتەن ئەتىراپلىق يېزىلغان تېما دەپ باھا بەردىم.
تېمىڭىزغا قويغان نومۇرۇم: 9.5
ئۆزىڭىز قېرىغان بىلەن تېخى دەرمانىڭىزدىن، ماغدۇرىڭىزدىن كەتمىگەن بوۋايكامكەنسىز، يەنىمۇ تىرىشىپ، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن، بىز ئوت يۈرەك مەستانىلەر ئۈچۈن 2-، 3-، ھەتتا 100-نادىر تېمىڭىزنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر! |
|