بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 19:17
ئەسسالاممۇ - ئەلەيكۇم دوسلار كەمىنە بوۋايدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام . كەمىنە پۇتبولغا ھېرىسمەن بولۇپ ئۇشبۇ مۇنبەرنى كۈزۈتۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ھالا بۈگۈنگىچە كۆپچىلىكنىڭ يازغىنىنى ئوقۇپلا يۈردىم . كىچىكىمدە ئېلىپبەنى ئوبدان ئۈگەنگەن بولساممۇ ۋاقىت سەۋەبىدىن مۇنبەرگە تۈزۈك بىر نەرسە يېزىپ باقماپتىمەن . بۈگۈن ئازراق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ پۈتتۈردىم . مۇنبەرداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . گەرچە مىلەن كۇلۇبىنىڭ مەستانىسى بولساممۇ مىسسى رونالدو ھەر ئىككلىسىگە ئامىراق . بۇ تېما بارسىلونا مەستانىللىرغا بولغان سوۋغام بولسۇن.
‹‹ پامپاس بۈركۈتى ›› شەجەرىسى
پۇتبول تارىخىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ شانلىق نەتىجىلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان تالانىت ئىگىلىرى ئاز بولغان ئەمەس. بىز پېلىنىڭ 1200 دىن ئارتۇق توپ ئۇرغىننى كۆرمىگەن، بىز مارادونانىڭ يىقىلسىمۇ قوپۇپ تەلۋىلەرچە توپ ئۇرۇشلىرىنى كۆرمىگەن، بىز دىستىفانونىڭ رىۋايەت كەبى دەۋەر سۈرگەن ۋاقىتلىرىنى كۆرمىگەن. بىز تاشقى پىلانىت ئادىمىنىڭ تۇلپاردەك ۋاقىتلىرىدا دەرىجىدىن تاشقىرى سۈرئەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ ۋارتارغا توپ ئۇرۇشلىرىنى كۆرمىگەن. بىز يەنە شانلىق مىلان خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى گوللاندىيلىك ئۈچ چەۋەندازنى، ئېنتىر مىلاندىكى ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنى، 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى مادىرىدنىڭ ئەڭ قالتىس بەش بۈركۈتنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان.
قانداق ئۆزىڭىزنى تەلەيسىز ھېس قىلىۋاتامسىز؟ پۇتبول مەستانىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتامسىز؟ كونىلارنىڭ ‹‹كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ›› دېگەن ھېكىمەتلىرى ئېسىڭىزدىدۇ؟ بۇ ھايات شۇنداق رەھىمسىزكى، سىز كۆرۈشنى ئويلىغان نەرسىنى سىزدىن ئېلىپ قېچىپ كۆرسەتمەيدۇيۇ، ئەمما كەينىدىن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىنى سىزگە ئاتا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئالدىرىماڭ، يەنە بار، ھايات سىزگە ۋە بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىنى، بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان داڭدارلارنىڭمۇ داڭدىرىنى ھەم شۇ ئۆزىنى كۆرمەي نامىنى ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتقان شەخىسلەرنىڭ مۇجەسسىمىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلدى. ‹‹كىم›› دەمسىز؟ ئالدىرىماڭ، ھازىر بىلىپ قالىسىز.
2008-يىلى دۆلىتىمىزدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. دادامنىڭ ‹‹ئاۋۇ ئۇزۇن چاچ قويۋالغان 15 نومۇر ئەڭ يامىنىكەن، ھەركىتى بەكلا چاققان، قاراپ تۇر، ھازىرلا توپ ئۇرىدۇ... ئەمدى 20 كىرگەن تازكەن، 5-6 يىلغىچە ھەممە ئادەم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان داڭلىق چولپان بولۇپ كەتكۈدەك››. كىم ئويلىغان دەيسىز قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا بىزنىڭ بوۋاينىڭ (دادامنى دىمەكچى) موللاتاپقاقتەك دېگەنلىرى ئەمىلىيەتكە ئايلاندى...
ئەمدىغۇ كىمنىڭ گېپى بولىنۋاتقانلىقىنى ئازىراق بولسىمۇ ھېس قىلۋاتقانسىلەر؟
بولدىلا، سىلەرنى تەققاززار قىلماي يەنىلا بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى باشلاپ كېتەي.
1987-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئارگىنتىنانىڭ سانتافى ئۆلكىسى روسارىئو شەھرىنىڭ نامىراتلار رايونىدا بىر ئوغۇل بوۋاق دۇنياغا كېلىدۇ. ئەمما ھېچكىممۇ بۇ بوۋاقنىڭ كىيىنكى دەۋىردە پۇتبول دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. مېسسىنىڭ ئاپىسىمۇ، دادىسىمۇ ئوخشاشلا پۇتبول مەستانىللىرىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىدىيىسى ئاساسىدا مېسسىمۇ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ قەلبىدە بارا-بارا پۇتبولغا بولغان يۈكسەك ئىشتىياق پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
5 ياشقا يىلى ئۇ يۇرتىدىكى كىچىك بىر ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدا توپ تېپىشنى باشلايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى باش تېرنىرى بولسا ئۇنىڭ دادىسى ئىدى. تەلەپچان ئۇستاز، تىرىشچان ئوقۇغۇچى بىرلىشىپ مېسسى كىچىك تۇرۇپلا ناھايىتى تىز ئىلگىرلەشكە ھەمدە ئۆز رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن كىچىك تىپتىكى مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازىنىشقا باشلايدۇ.
بىراق تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن مېسسى 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۆسۈپ يېتىلىش ھورمىنى كەمچىل ئىكەنلىكى بايقالغان بۇلۇپ، بۇ كېسەل ئۇنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بويىمۇ تەڭتۇشلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاكار ۋە ۋىجىك بولۇپ، دائىم باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ. ئوغلىنىڭ ئازابىغا چىدىمىغان مېھرىبان ئاتا ھەم ئۇستاز بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، مېسسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمايدۇ. ئەسلىدىنلا ياخشى بولمىغان تاشقى مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي ئامىل تۈپەيلى بۇ ئائىلە ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاشقا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. مېسسىنىڭ دادىسى ئوغلىنى ياخشى بولغان داۋالىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئائىلە بويىچە ئىسپانىيەگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئىسپانىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ مېسسى داۋالىنىش بىلەن بىرگە پۇتبول مەشىقنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. 2000-يىلى يازدا مېسسىنىڭ تۇغما تالانتىنى بايقىغان مەشقاۋۇل رېكساس ئەپەندى بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 1.40 مېتىر كېلىدىغان 13 ياشلىق مېسسنى بارسېلونا ئۆسمۈرلەر مەشىق بازىسىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئالداپ ئۆتۈشتىكى قالتىس ماھارىتى ۋە تەمكىنلىك بىلەن ۋاراتارغا توپ ئۇرۇشلىرىنى كۆرگەن كىچىك سەپداشلىرى ئۇنىڭغا «كىچىك مارادونا» دەپ چىرايلىق لەقەم قويۇپ قويىدۇ. لامايسىيادىكى ۋاقىتتا گەرچە فابرىگاس، پىك قاتارلىق يەرلىك ماھىرلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بويى پاكار مېسسى شۇ ۋاقىتتىكى لامايسىيانىڭ ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. قالتىس ئىپادىسى بىلەن كېتىپ بارغان مېسسى ناھايىتى تېزلا بىرىنچى سەپ كوماندا مەشقاۋۇلى رىجىكاردنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. كۇلۇپ تەرەپ بولسا مېسسى بىلەن 2012-يىلغىچە بولغان 10 يىللىق خىزمەت توختامى تۈزىدۇ.
مېسسىنىڭ كۇلۇپ بىلەن توختام ئىمزالىغان ۋاقتى
2003-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پورتۇ كوماندىسى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە 16 ياشلىق مېسسى بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. 2004-يىلى ئىسپانىيلىكلەر كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقە ئۇنىڭ ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ. 6-ئايغا كەلگەندە 17 ياشلىق مېسسى تۇنجى قېتىم ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۆلەت ياشلار كوماندىسى U20 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە پاراگىۋاي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
2005- يىلىغا كەلگەندە مېسسى ئارگېنتىنا ياشلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنيا ياشلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىدۇ ھەمدە شۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە چېمپىيۇنلىققا ئېرىشىپ، شۇ تۈردىكى ئالتۇن توپ ۋە ئالتۇن ئاياق موكاپاتىنى مونوپۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. يىل ئاخىرىغا كەلگەندە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن شۇ يىلدىكى «ئالتۇن ئۆسمۈر» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ مۇكاپات يولغا قويۇلغىنى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمدىلا تېخى 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مېسسىگە نىسبەتەن زور ئىلھام بولۇپ قالىدۇ.
مېسسىنىڭ 2005-يىلىدىكى ۋاقتى
مېسسىنىڭ ئالتۇر ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋاقتى
2006- يىلى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ چوڭ سەھنە ھېساپلىنىدۇ. كىچىك گۇرۇپپنىڭ تۇنجى مەيدانىدا كوتدى ئېۋورى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كەينىدىن سېربىيە ۋە قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوينالغان 2-مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 74-مىنۇتتا ماركىس رودىرىگىز بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشۈپ، دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرىدۇ. كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بولسا ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا توپ ئۇرغان كۆرۈنۈشى
2006-يىلى 12-ئايدا مېسسى زاراگوزا بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە تاپان سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىش سەۋەبىدىن 3 ئاي يارىدار بولۇپ ياتىدۇ.
2007- يىلى ۋەتەن ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئالغان مېسسى جەنۇبى ئامېرىكا لوڭقىسىغا ئاتلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە گەرچە ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما كونا رەقىبى كاكا، رونالدىنخو باشچىلىقىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋېتىپ ئىككىنچى بولۇپ قالىدۇ. كۇلۇپقا قايىتقاندىن كېيىنكى بىر قانچە مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە ئۇدا توپ ئۇرۇپ، ھەتتا مارادونانىڭ دۇنياغا مەشھۇر «ئەسىر توپى» ۋە «پەرۋەردىگارنىڭ قولى» دەپ نام ئالغان توپلىرىنى تەقلىد قىلىپ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ چىقىدۇ.
2008-يىلى دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە نېگىرىيە كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ ئويناپ ئاخىرى چېمپىيۇنلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇ يىلى پۈتكۈل ئارگىنتىنا ئۆز دۆلىتىدىن مارادونادىن كېيىنكى يېڭى بىر پۇتبول شاھىنىڭ چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ قىزغىن تەنتەنە قىلىشىدۇ.
2009- يىلىنى مېسسى ئۈچۈن غەلبىلىك بىر يىل بولدى دېيىشكە بولىدۇ. لامايسىيانىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە قابىل ئۇستاز گۇئاردىئولانىڭ يېتەكلىشىدە پۈتكۈل ياۋرۇپانى بويسۇندۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىشقا باشلايدۇ. يىل ئاخىرىدا مېسسى بارلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ شۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئېرىشىشكە تېگىشلىك شان-شەرەپلەرنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ. يىغىپ ئېيىتقاندا 2009- يىلنى مىسسى يىلى دەپ ئاتىساق ھەرگەزمۇ مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.
2009-يىلىدىن 2012-يىلغىچە 4 قېتىملىق ئالتۇن توپنى مونوپۇل قىلىش، دىستىفانو كەبى رىۋايەتلەرنى قالدۇرۇش، پېلى كەبى توختىماي توپ ئۇرۇشلار مېسسىنى بارسىلونا مەستانىلىرى قەلبىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى توپخۇمارلار قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدىغان چولپانغا ئايلاندۇردى.
2013-يىلىدىن كېيىن گەرچە مېسسى يارلىنىش ۋە ئىزچىل مېسسى تەرىپىدىن بېسىلىپ قېلىۋاتقان يەنە بىر داڭلىق چولپان رونالدونىڭ تۇيۇقسىز پارتىلىشى سەۋەپلىك بىر مەزگىل ئىپادىسى تۇراقسىز بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن مېسسى ئۈچۈن پۇرسەت ئۆز تارىخىنى تېخىمۇ چوڭ قىلىپ يېزىش ئۈچۈن يېتىپ ئاشىدۇ.
مېسسىنىڭ ئايالى ئانتونېللا ۋە ئوغلى تىياگو
ئەمدى بىز مىسسىنىڭ ئىرىشكەن كوللىپتىپ شەرەپلىرىگە قاراپ باقايلى: كۇلۇپتىكى كوللىكتىپ نەتىجىلىرى :
ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى 5 قېتىم
ياشلار دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى 1 قېتىم
ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى 5 قېتىم
دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چىمپىيونى 2 قېتىم
پاۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى 2 قېتىم
دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيونى 2 قېتىم
ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى 2 قېتىم
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2 لىك بىر قېتىم
..................................................................
شەخسى شان-شەرەپلىرى :
2009-2010-2011-2012-يىللىرى 4 قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى
2005-يىلى ئەڭ ياش مەرگەن، ئەڭ ياخشى پۇتبولچى
05\06 مۇسابىقە پەسلى ياۋرپا 21 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىچىدە ئالتۇن توپ ۋە ‹‹ئالتۇن ئۆسمۇر›› مۇكاپاتى
2005-يىللىق ئارگىنتىنا پۇتبول ئەپەندىسى
05\06 مۇسابىقە پەسلى FIFPro ئەڭ يېڭى پۇتبولچى
06\07 مۇسابىقە پەسلىياۋوپادىكى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى
06\07 مۇسابىقە پەسلىئىسپانىيەدىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى
2007-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى 3-دەرىجە
2007-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى 3-دەرىجە
06\07 مۇسابىقە پەسلى ئارگېنتىنانىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ ياخشى توپچىسى
06\07 مۇسابىقە پەسلى تەنتەربىيە رەسىم ژورنىلى تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى
2007-يىللىق ياۋروپا ئەڭ ياخشى پۇتبولچى
2007-يىللىق ئىشلىتىش قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى پۇتبولچى
06\07 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ ياخشى جەنۇبى ئامېرىكىلىق پۇتبولچى
2007-يىللىق ئىسپانىيەدىكى ئەڭ ياخشى جەنۇبى ئامېرىكىلىق پۇتبولچى
2008-يىللىق ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى 2-دەرىجە
2008-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى 2-دەرىجە
08\09 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى
08\09 مۇسابىقە پەسلى پاۋروپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى
08\09 مۇسابىقە پەسلى ياۋوپادىكى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى
.....................................................................
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقارتىلدى.
چاقچاق قىلمىغاندىمەن راس كۆرۈپتۇقمۇ ؟ يۇقارقى نەتىجىلەر ھەر قانداق پۇتبول تىپىدىغان ئەركەككە نىسبەتەن قورقۇنۇشلۇق نەتىجە ۋە چۈش خالاس . ئەمما دوستۇم سىز ئۆزىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ مىسسىنىڭ مەيداندىكى نەپس ھەركەت ، توپ ئۇرۇشلىرىنى تىلىۋىزوردىن بولسىمۇ كۆرگەنلىكىڭىزدىن ، بىر ئەۋلات شاھقا ‹‹ شاھىت ›› بولغانلىقىڭىزدىن مەستانە بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ ...
ئەمدى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ بىز يەنىلا ئەڭ تەلەيلىكى، گەرچە نەخ مەيداندىن كۆرەلمىسەكمۇ ... ئەڭ قالتىسىنى كۆرگۈچى، ئەڭ مۇجەسسەم بىرىكمىسىنى كۆرگۈچى، ئەڭ قابىل ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنى كۆرگۈچى، ئەڭ قالتىس رىۋايەتنى كۆرگۈچى. ئەڭ قالتىس رىكورىت ياراتقۇچى شاھلارنىڭ شاھى مېسسىىنى كۆرگۈچى ...
ئاپتۇرى: بوۋاي تەھىرىرلىگۈچى: بېرنابۇ
|