ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 858 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يانفۇندا يازغان ئىنكاس ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاخىرلاشمايلا كېتپ قالدى . ئەمدى ئىككىنچى توپقا كەلسەك بۇنىڭدىمۇ ۋارىتارغا ئارتىشقا بولمايدۇ ، سانچېس توپنى تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ، قارشى تەرەپ ئەزاسى توپ كونتىرول قىلغاندا ئارسىنالنىڭ ئۈچ ئادىمى ئۇنى قورشىدىيۇ ئەمما توپنى تارتىۋالالمىدى ، ھەمدە مۇداپىئەچىلەرنىڭ ئورنى بەك قالايمىقان ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ ئىككىدە بىر ئادەم ئۈستۈنلۈكتە ئوتتۇرا يولدىكى بېرباتوفقا توپنى پاس بەردى ، بېرباتوفمۇ بۇ توپنى ۋارىتارغا نەچچە قېتىم قارىۋېلىپ ، راۋۇرۇس تەڭشىۋېلىپ تەپتى ، ئىشەنمىسىڭىز فىلىمنى قايتا كۆرۈپ بېقىڭ ، ئاستا كۆرۈنۈشتە بېرباتوفنىڭ توپنى ۋارىتارغا تېپىشتىن بۇرۇن نىشاننى ئوبدان قارىغا ئېلىۋالغىنى ئېنىق كۆرۈنىدۇ . ئەمدى ئۈچىنچى توپقا كەلسەك ، يەنىلا شۇ قايتۇرما ھۇجۇم ، ئۇ توپتا ئوسپىنانىڭ ئورۇن ئېلىشى خېلى ياخشى ، ئەمما توپ بەكلا بۇلۇڭغا تېپىلگەنلىكتىن ، ئىنكاسى تېز بولغان بولسىمۇ يەنىلا توسالماي قالغان . بۇ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان مەسئۇلىيەتنى مەن شەخسەن ۋېنگىردا دەپ قارايمەن ، چۈنكى ئۇ ھۇجۇم قىلىشقىلا ئېتىبار بېرىپ ، قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا سەل قارىغان … ئەمدى گىرۇدقا كەلسەك ، بۇنىڭ ئوڭ پۇتى مېنىڭكىدىنمۇ گالكەن … ھى ھى ھى … ئەسلى ئەڭ بولمىغاندا بىر توپ ئۇرۇشى كېرەكتى … |
|