elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1018|ئىنكاس: 10

ئارسىنالنىڭ مەغلۇبىيتى ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سەھەردە 2014 - 2015 - يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى ئوينالدى، ئىنگىلاند زەردارى ئارسىنال كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا فىرانسىيەدىكى كۈچلۈك ھىسابلىنىدىغان موناكو كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى، 95 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن ئارسىنال كۇلۇبى 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۆز مەيدانىدا ئىچىنىشلىق ئۇتتۇردى، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن تاراتقۇلار،پۇتبول مەستانىلىرى ۋە مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئارسىنال كۇلۇبى غەلبە قىلىدۇ دەپ قارىغان ئىدى، ئەپسۇس نەتىجە كۈتكەندەك بولماي قالدى، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ئۈچۈن؟  
ئەمىليەتتە بۇ مۇسابىقىدە ئارسىنال توپ كونتىرول قىلىشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، كۈچ سىلىشتۇرما جەھەتتىمۇ ئارسىنال كۇلۇبىدا دۇنياۋى دەرجىلىك چولپانلاردىن بىر نەچىچىسى بار ئىدى، ھەم موناكو كۇلۇبىدىن ئۈستۈن تۇراتتى،  مۇسابىقە باشلىنىپ 43 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا موناكو توپچىسى تەپكەن توپ، ئارسىنال مۇداپئەچىسى مىرتىساكىرنىڭ مەيدىسگە تىگىپ يۆلىنىش ئۆزگىرىپ قاپقىغا كىرىپ كەتتى ،بۇ توپقا ئارسىنال قاپقىچىسى ئوسپىنا بۇتخانىدىكى ھەيكەلگە ئوخشاشلا ئىنكاس قايتۇرالمىدى ئالدىنقى مەيداندا ئارسىنال توپچىلىرى موناكو كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا نەچچە قىتىم بىسىپ كىرگەن بولسىمۇ قاپقىغا تىپىش پۇرسىتى يارتالمىدى ھەم موناكو مۇداپئەچىلىرى پۇرسەت بەرمىدى،ئارسىنالنىڭ 12- نۇمۇرلۇق ھۇجۇمچىسى گىرۇد بىر نەچچە قىتىملىق پۇرسەتنى ياخشى تۇتالمىدى، بولۇپمۇ سانچىس قاپقىغا تەپكەن توپ قاپقىچىنىڭ قولىدىن يىنىپ گىرۇدنىڭ ئالدىغا لاتارىيەدىن چىققاندەكلا كەلدى، ئەمما بۇ بويى ئىگىز پالاكەت ئاداش ئوچۇق قاپقىغا تىپەلمەي پاختەك سوقتى، ئىككىنچى مەيداندا بىر توپ ئىستىمال قىلغان كوماندا ئەزالىرى بىر ئاز جىددىيلەشتى، پۇتىدا توپ تازا ياخشى توختىمىدى، سانچىس چەكلەنگەن رايون سىرتىدا توپنى موناكو توپچىسغا تارتقۇزۇپ قويدى،موناكو توپچىلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىز سۈرئەتتە قايتۇما ھۇجۇم تەشكىللەپ ماسلىشىپ بۇ توپنىمۇ قاپقىغا تىپىپ كىرگۈزدى، قاپقىچى ئوسپىنا ئوخشاشلا تۈزۈك ئىنكاس قايتۇرالمىدى، ئارسىنال مۇداپئەچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھۇجۇمغا چىقىپ كەتكەچكە ئارقىغا قايتالماي ئامالسىز قالدى، نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئارسىنال ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى جامبىرلىن چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2-1 قىلدى، جامبىرلىننىڭ ئۇرغان توپىغا قاراپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم نىمىشقا دەمسىلەر؟  مۇشۇ ئىككى يىل جەريانىدا  ئارسىنالنىڭ مۇسابىقىلىرىنى ئاساسەن تولۇق كۆرۈپ كەلدىم ،ئارسىنال ھۇجۇمچىلىرى ياكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرنىڭ توپنى چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن زەمبىرەكتەك ئۇرۇپ كىرگۈزگىنىنى ياكى بىر تىپىپ سىناپ باققىنىنى كۆرمىدىم، ھە راس، سانچىس بىر نەچچە قىتىم تەپتى، نىم دىگەن ئەزمىلىك، بوشاڭلىق بۇ، قاچانغۇچە مۇشۇنداق ئەزمىلىك قىلىدىكىنە..... شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا  ئىككى مىنۇت قالغاندا مۇشۇ توپ ئۇرغان قەھرىمان جامبىرلىن توپنى بوشاڭلىق بىلەن قارشى تەرەپكە تارتقۇزۇپ قويدى ،يەنە بىر قىتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن ئارسىنال كۇلۇبى شەرەپلىك ھالدا 3- توپنى ئىستىمال قىلدى، بۇ توپقا ئارسىنال قاپقىچىسى ئوسپىنا لاي قورچاقتەكلا ئىپادە بىلدۈردى، مىنىڭ ھىس قىلشىمچە بۇ مەغلۇبىيەتتە قاپقىچىنىڭ مەسئۇلىيتى سەل ئىغىر، يەنە ھۇجۇمچىلارنىڭ بوشاڭلىقى، بىھۇدە توپ تارتقۇزۇپ قويۇش ،ۋە مۇداپئەچىلەرنىڭ سەزگۈسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولدى،يەنە باش تىرنىر ۋىنگىر ئەپەندىمنىڭ قوماندانلىقنى ياخشى قىلالمىغانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولماس، ئەمدىكى ئۈمۈد موناكو مەيدانىدا توپ كەتكۈزمەي 3 توپ ئۇرۇشتا قالدى، سىلەرچە ئارسىنال كۇلۇبى 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلەرمۇ؟  
تىما تىلفۇندا يىزىلدى، ئىملا خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن ئەپۇ قىلغايسىزلەر، يەنە بىر گەپنى دەۋالاي مەن ئاران باشلانغۇچ سەۋىيەسىگە ئىگە سەمىمى تەكلىپ پىكىر بولسا ئايمىغايسىلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:11:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەس جۇما ئۈزىنى بەكلا يۇقىتىپ قويدى ئارسىنال
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:13:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلەركە  مەيدان توپ  كەتكۇزمەي ئۇچ  روپ  ئۇرۇپ  ئۇتىشى  كېرەك  لىكىن  بەك  ئتەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:16:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇسابىقنى كۆرمىدىم بىرىنجى سەۋەپ بۇلار موناكونى بۇنچە كۇچلۇك دەپ ئ‍ويلىماي بىھودلىق قىلدى ئ‍ىككىنجى سەۋەپ بولسا باش جىنايەتچى يەنلا ۋىنگىر قولدىكى ئ‍ادەملەرنى ناچار دەپ باھانە كۆرسەتسە بولمايدۇ بۇ پەسىل تىخېچە ئ‍ىسىل دىۋەتكىدەك بىر سەپ شەكېلىنى تاپالمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:17:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنال چۇقۇم ئۇتمىسا بولمايدىغاندەك چۇقۇم توپنى تالىشىپ ئېلىۋېلىپلا بىر ئوتتۇر بىكتىن باشقا ھەممىسى ئالدىغا چاپتى، موناگوچۇ ئىنتايىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇداپىيە ئويناپ تەڭلىشۋېلىشقىلا كەلگەندەك ئوينىغان ۋىنگىرنىڭ قۇشۇنىدىكىلەر پۈتۈن مەيدان توپنى ئېلىپلا قارشى تەرەپ مەيدانىغا يۈگرەشنى كۈتۈرئېلىۋالغاندەكلا ئوينىدى، يۇچۇق دەل مۇشۇ جايدىن چىقتى، ۋىنگىر بۇ مەيداندا چۇقۇم يۇقرى نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتىمەن دەپلا سەپ شەكلى تۈزەپ چىققان ئەپسۇس ئىككى ھۇجۇمچىسىنىڭ بىرى كۈرۈنمىدى بىرىنىڭ تەلىيى قېچىپلا چۈپتىكەن بۈگۈن
جىرودنىڭ ئاخشامقى ئىپادىسى بەئەينى بۇلتىرقى بىنزىمانىڭ ئۈزى ھە

ۋىنگىر ۋىلبىكنى مۇشتاقلا ئازىلاۋەسە خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:19:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12نۇمۇرلۇق ئاداش توپ ئوينايمە دىگچە بالسىنى باخسا بولدۇ ئىسىت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:20:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موناگو ساھىپخان مەيداندا ئۆزمەيدانىدا ئوينىغاندەك ئوينىۋەتتى  

ئەمدىكى نۆۋەتتە ئارسىنالنىڭ مىھمان مەيداندا توپ كەتكۇزمەي ئۇچ توپ ئۇرۇپ ئۇتىشى بەسى مۇشكىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:22:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەتىياز كەلگەن ئوخشايدۇ ...

بۇندىن بۇرۇنقى فورمۇلاغا سالساق ، ئارسىنال مېھمان مەيداندا موناكونى 0:2 نەتىجە بىلەن يېڭىدۇ دە ، شۇنىڭ بىلەن ئارسىنالنىڭ " تەلىيى " كەلمەي قېلىپ ، 8 كۈچلۈكتىن خوشلىشىدۇ . ئارسىنال شاللانسىمۇ ، خەقنىڭ مەيدانىدىن " مەيدىسىنى تىك كۈتۈرۈپ " قايتىدۇ ...

بۇنىڭغا مەستانىلەر كۈنۈپ كەتتى ھازىر ...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:23:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچۇق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 20:17
ئارسىنال چۇقۇم ئۇتمىسا بولمايدىغاندەك چۇقۇم توپنى تال ...

ھېلىمۇ ئارسىنالنىڭ سەۋىر قاچىسى چوڭكەن   تېخىچە سەۋىر قاۋىسى توشمىدى ۋنگېرغا نىسپەتەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:23:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچۇق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 20:17
ئارسىنال چۇقۇم ئۇتمىسا بولمايدىغاندەك چۇقۇم توپنى تال ...

ھېلىمۇ ئارسىنالنىڭ سەۋىر قاچىسى چوڭكەن   تېخىچە سەۋىر قاۋىسى توشمىدى ۋنگېرغا نىسپەتەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:24:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارتارمۇ ياخشى تۇرالمىدى ھەم مۇناكۇنىڭ مۇداپىئەسىمۇ ياخشى بولدى ئارسىنالنىڭ ۋاراتارغا قارىتىپ تەپكەن توپىمۇ بەك ئاز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 20:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئارسىنالغا يەنىلا بەيرىن ياكى بارسا ئۇچىرسا بولغۇدەك ، بۇنداق بولغاندا ھىچكىم ئارسىنالنىڭ شاللانغىنىنى ۋىنگىردىن كۆرمەيىتتى ، ۋىنگىرمۇ ئاسانلا باھانە تاپالايتتى . بۇ قېتىم نىمە دەر ئەمدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 14:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش