ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2184 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسلى گەپ قىلماي دىگەن، ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم بۇ مۇنبەردە ئۇششاق باللارمۇ، ياشلارمۇ ھەم ئوتتۇرا ياشلىق توپ مەستانىلىرىمۇ بار. ھەتتا بىر قىسىم ھاجىم توپ مەستانىلىرىمۇ بار شۇڭا گەپ سۆزدە ئىلمى بولساق.
بۇ تىمىدا مادىرىت مەستانىلىرىنى تىلغا ئىلىۋاتقانلار، مەيلى قانداقلا بولسۇن شۇ گىپىڭلارنىڭ ئالدىغا بىر قىسىم دىگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇشۇڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن. بەش بارماق ئوخشاش بولمىغىنىدەك ھەممە مادىرىد مەستانىلىرى ئۇنداق ئەمەس.
ئىككىنچى بولۇپ دەيدىغان گىپىم ئاتالمىش مادىرىد مەستانىسى بولۇپ مۇنبەردە قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلار ھەم شەخس مەستانىسى تۇرۇپ مادىرىد مەستانىسى دىگەننى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلار ئەمدى ئۆزەڭنى تۇتۇۋىلىش، ھەقىقى مادىرىد مەستنىلىرىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەي ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلىش. ماۋۇ بىر قىسىم توپ مەستانىلىرى ھەدىسىلا «كۆزىنى يۇمغان پوقىنى يەر» دەپ قارىغۇلارچە كوتۇلداۋەرمەي ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇڭلار. سىلەر ھەم بىزنىڭ ئوتتۇرمىزدا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتقانلار «قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان بۆرە» لەر خالاس. ئۇلار مادىرىد مەستانىسى دىگەن نامنى سۈيئىستىمال قىلىپ مۇنبەردە ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتقانلار.
ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ قوياي، بىر قىسىم مەستانىلەر ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار. كونىلارنىڭ « پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە» دىگەن گىپى بار. بۇرۇن تاغ ئايلىنىپ كەلسە، ھازىر بوسۇغا ئايلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنى بەك ئالاھىدە تۇتۇپ كەتمەيلى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيلى، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيلى، ئۆز ئارا ئىناق، ئىجىل ئۆتەيلى، گىپىم بار دەپ كۆزىمىنى يۇمۇپ سۆزلەۋەرمەيلى، ئىشلارغا توغرا ئادىل مۇئامىلە قىلايلى. |
|