elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3612|ئىنكاس: 372

ئەزا چەكلەش ئۇمۇمىي ئۇقتۇرىشى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 09:44  

شىنجاڭ پۇتبول تورى رايۇنىمىزدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئەڭ كۆپ توپلاشقان شۇنداقلا  دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى پۇتبولغا ئىشتىياقى بار چوڭ كىچىك ھەممە زىيارەت قىلىدىغان نوپۇزلۇق كەسپى تور بىكەت .مۇنبەر توپخۇمارلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇردىغان مەدەنى سورۇنى،نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاز  بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن.
مۇنبەر پەقەتلا خەۋەر تارقىتىش ۋە مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈنلا قۇرۇلغان بولماستىن ،ساپالىق، مەدەنى ، ئىلغار بولغان ئۇيغۇر توپخۇمارلىرىنى يىتىشتۇرشنى مەقسەت قىلغان بۇلۇپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ساپالىق مەستانىلەر مۇنبەردە يىتىشىپ چىقتى.بۇنىڭدا مۇنبەردىكى ھەربىر ئەزانىڭ تۆھپىسى بار.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنبەردىكى ئەخلاقسىز ، بولمىغۇر سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلغان ئەزالارغا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغانلار مۇنبەردىن چىكىندۈرۈلۈپ،مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
     بۈگۈنكى  ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاساسى مەقسىدى-مۇنبەر ئەزاسى تىروي يوللىغان "ئېنىستا:مەن لەمپاردنى ھۆرمەتلەيمەن" دىگەن تىمىدا (/forum.php?mod=viewthread&tid=47712) مۇنبەر ئەزالىرىدىن  "پەرۋەر" ۋە "ئۆركىشى" مۇنبەر ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ ، مۇنبەر كەيپىياتىغا زور ئەكىس تەسىر پەيدا قىلدى.بۇندىن بۇرۇن بۇ ئەزالارغا ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ كىلىنگەن ۋە بىرنەچچە  قېتىم مۇددەتلىك چەكلەنگەن.مۇنبەرنىڭ داۋاملىق ساغلام ، سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يىگىت باشلىرى ئورتاق كىڭىشىپ بۇ ئىككى ئەزاغا ئۇچۇق ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ جازالاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار تاپتى.

  مۇنبەر ئەزاسى، دەرىجىسى مۇنەۋۋەر ئەزا" پەرۋەر" مۇنبەر ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنىت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن مۇنبەردىكى نامى،دەرىجىسى ، سۆز قىلىش ھۇقۇقى ۋە زىيارەت ھۇقۇقى پۈتۈنلەي  مۇددەتسىز چەكلىنىدۇ.
مۇنبەر ئەزاسى،دەرىجىسى مۇنەۋۋەر ئەزا "ئۆركىشى" مۇنبەر ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ ئايلىق مۇنبەر تۇرمىسىگە يوللىنىدۇ.
  
پۇتبول مۇنبىرى دىيارىمىزدىكى پۇتبولخۇمارلارنىڭ چوڭ مەدەنىي ئائىلىسى،مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئىناق مۇنبەر كەيپىياتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىت قىلىمىز.


                                                      پۇتبول مۇنبىرى  باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
                                                       2015-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 00:42:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 00:19:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 00:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە خىلىدىن بىرى مۇنبەرگە كىرەلمەي، بۈگۈن كىرسەم، ماۋۇ "خوش-خەۋەر"نىڭ ئۈستىگە كىرىپتىمەن. ئەلۋەتتە ھەققە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا ھىچقايسىمىزنىڭ باھانىسى يوق، ھەم بايقۇت قىلىشقا ھەددىمىزمۇ ئەمەس.
ئەمما، مۇنبىرىمىزدىكى ئىغىز جىڭى بىز ئۈچۈن يىڭىلىق ئەمەس، ئەزەلدىنلا بار ئىشلار. شۇڭا چەكلەش كىرەك ئىدى، يالغۇز ئوت قويغاننىلا ئەمەس، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاننىمۇ، ياغ چاچقانلارغا داس تۇتۇپ بىرىدىغان ھىلىقىلارنىمۇ، ھۈشىت دەپ بولغۇچە، ئالتە تەرەپتىن تەڭ يىغىلىشپ، يەتتە تەرەپتىن ئىسىلىشىپ، جىدەلنى پەسلەتمەكتە يوق تىخىمۇ يوغىنىتىدىغان، ئوغىرى تۇرۇپ، ئوغىرىنى تۇت دەيدىغان گورۇھۋازلارنى چەكلەش كىرەك ئىدى.
ئەمما مۇنداقراق ئىشلارنى ما مۇنبەردە كۆرمەك تەس ئوخشايدۇ.
جاھان زورىنىڭ تاماششا كورنىڭ !  ياشاپ كىتىڭلار....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +75 يىغىش سەۋەبى
laqin1 + 50
missi0998 + 20 قوللاش!
ئېسىل + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 00:03:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەتتە قانۇن،  جەمئىيەتتە تۈزۈم،  ئائىلىدە  نىزام بولىشى كېرەك.   ھەر ئىككىلىسى ياخشى بالىلار پەرۋەرمۇ قېنى قىززىق بولغان بىلەن كۆڭلى ئوبدان بالىتى مەنمۇ دەسلەپتە چاتاق چىقىرىپلا يۈرۈيدىغانلاردىنمىكى دىسەم كىيىن ئوبدانلا چۈشۈنۈشۈپ قالدۇق.  ئۆركىشىمۇ ئالدىراپ ئۇرۇشمايدىغان قوينىڭ قوزىسىدەك ياۋاشلا بالا نېمە سەۋەپتىن ئۇرۇشتى ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم.  بىراق ئۇرشۇپ ياخشى قىلماپتۇ ئىككىلىسى.  مۇنبەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارشا بەلگىلىمىسى  بار.  جازاغا لايىق ئىش قىلغان بولسا چەكلىگەن بولسا باشقا پىكىرىم يوق.  ئەگەر كۆپچىلىك ھەر ئىىككىلسىغا چىدىمايدىغان ئىش بولسا مەن ياندۇرۇپ كىلدىغانغا ئامال كۆرسىتەي . ئىككىلىسىگە 3/5 گىچە نادىر تىما يېزىش جازاسى بېرىپ قايتۇرۇپ كەلسەك مۇنبەردىكىلەرمۇ.  ئاۋۇ ئىككىسىمۇ رازىغۇ دەيمەن.  پەقەت سىلەر قوشۇلساڭلار.  بۇ مېنىڭ شەخسى پىكىرىم ھېچكىمگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.  بۇ پىكىرنى قوللايدىغانلار جېددى نەقىل قىلىڭلار ..

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +157 تۆھپە +1 تەجرىبە +1 يىغىش سەۋەبى
hasan7 + 5 + 1 + 1 قالتىس!
جاغىستاي120 + 50 قوللاش!
باقاۋۇل + 50 قوللاش!
buyuk + 2 بولدىغان تەكلىپ !
ئېسىل + 5 قالتىس!
januzay + 40 قوللاش!
سۈبھى + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 02:29:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 02:11:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشتىن چۈشۈپ كەلدىم ھارغىن سىياقتا ئۆيگە،
ئۇھ دېگەنچە تاشلاپ بەدەن ئاچتىم مۇنبەرنى.
قىزىل رەڭلىك بىر تېمىغا سانجىلدى كۆزۈم،
ئېچىپ بىلدىم چەكلەپتىغۇ يەنە پەرۋەرنى.

ھە دېگەنچە ئىنكاسلارنى ئوقۇدۇم بىر رەت،
مەزمۇنلىرى بىرسى مۈجمەل بىرسى ئېگىز پەس.
يەنە شۇ خىل كەيپىياتتا تۇرۇپتۇ مۇنبەر،
ئەزالارنىڭ بىرى ئېسىل يەنە بىرى پەس.

رايىم ياندى دوستلىرىمغا قىيالمىساممۇ،
چىقىپ كېتەي نادانلىققا تولغان بۇ جايدىن.
شوركا شۇملار ئىگەللەپتۇ بۇلۇڭ پۇچقاقنى،
تېتىمىدى ئارام تاپاي بىر سېركاي چايدىن.

بىز كېتىمىز قالۇر كىملەر كىملەر بىلىدۇ،
ساپا دېگەن سافا ئەمەس ئولتۇرىدىغان.
قېرىندىشىڭ، جان جىگىرىڭ دېمەيمەن ھەرگىز،
سەن بىر ئۇيغۇر يولۋاسنىمۇ ئۆلتۈرىدىغان.

خەير دوستلار كەچۈرۈڭلار كەتكەن جايلارنى،
ئەمدى ئىنكاس يازالمايمەن بولسىمۇ بەك تەس.
بولدى بەسكە نۇرغۇن قېتىم ھاي بەرگىنىم راست،
بۈگۈن راستلا چىدىمىدىم ئەمدى بولدى بەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:55:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ ھىلىمۇ جىق كەڭچىللىك بوپ كەتكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 01:17:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:56:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەتتىي قوللايمەن . ئېشەك ھاڭرىغاندەك ، ئات كۆشىگەندەك سېسىق گەپلەرنى قىلىدىغانلار مۇنبەردىن چىكەتسە مۇنبەر چۆلدەرەپ قالىدىغان ئىش بولسىمۇ بۇ ئات ئېشەكلەرنى چوققۇم قوغلاش كېرەك .   ئىككى كالپۇكنىڭ ئارسىدىكى تەرەت تۇڭى بولمىغاندىكىن ھەربىر مۇنبەرداش بىر تۇغقان ئاكا ئۇكىلاردەك ئىجىل ئىناق ئۆتكۈلۈك ، مۇنبەردە ھوقۇق چوڭنىڭ كىبىرى چوڭ ، ھوقۇقى يوقنىڭ تىلى قىسقا بۇلاپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ .  ھەي بىزنىڭ نىمىمىز يەتمەيدۇ دەيدۇ قاراپ باقايلى ھەممىمىز بىر تىللىق بىر قانلىق بىر يەرلىك  بىر دىنلىق ئانىلارنىڭ قوسقىدىن چۈشكەن بەش ئەزادەك ئىجىل ئىناق قەۋىم قېرىنداشلارغۇ ، نىمىمىزگە بىر بىرىمىزگە ئازار بېرىشىمىز ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:59:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشمۇ بىر خىل ئېسىل خىسلەت جۇمۇ ، مۇشۇنداق جېدەللىشىدىغانلارنى ئېغىر جازالاش كېرەك، ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى ۋاپات بوپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ۋەتىنىمىز داھىسىز قالغىنى يوق ، بۇرۇنقىدىن بەكرەك تەرەققى قىلىپ كەتتى ، بىر نەچچە ئەزانىڭ چەكلىنىپ كەتكىنىگە مۇنبەر چۆلدەرەپ قالمايدۇ،ھازىرقى نۇرغۇن ئەزالار يوق چاغدىمۇ 2007-يىللىرىدىن تارتىپ بىر ئوبدان مۇنبەر ئويناپ ، مۇنبەرنى تەرەققە قىلدۇرۇپ مۇنبەر ئۈچۈن كىچە كۈندۈز نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغانتۇق، كىيىنچە ئۆزەنمنى مىسالغا ئالساممۇ  مۇشۇنداق جىدەل ماجرالارنىڭ كۆپىيىشى مەندىن باشلاپ نۇرغۇن  كونا  ئەزالارنىڭ  مۇنبەردىن يىراقلىشىغا سەۋەپ بولدى…… بىراق كۆپىنچىمىز بۇرۇنقىدەك تېما ئىنكاسلارنى جىق  يازمىساقمۇ لېكىن مۇنبەرگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق تۈپەيلى سىرتتىن بولسىمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرۋاتىمىز …………ئېغىزىنى قولىنى باشقۇرالماي قېلىۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىزدا كەم بولۇۋاتقىنى ئازراق «ئەقىل» خالاس   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:26:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جازا ئېغىر بۇلۇپ كېتپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە تۈگىمەيدىغان تالاش-تارتىش،ئۇرۇش جىدەل بۇ ! ئىككى ياخشى ئەزا دىن بىرى مۇددەتىسز يەنە بىرى 2 ئايلىق چەكلىنىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:30:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:30:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىن ھەقىقىي خوشلىشىدىغان چاغمۇ كەپتۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:31:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
januzay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 23:26
جازا ئېغىر بۇلۇپ كېتپتۇ

پىكىر ئارتۇقچە بۇرادەر ،ئامان بۇللايلى !!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
januzay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 23:26
جازا ئېغىر بۇلۇپ كېتپتۇ

ئىككىلىسى  ئوخشاش  تىللاشقاندىكىن ، جازا مۇ ئوخشاش بولۇشى كىرەك ئىدى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:34:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:38:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ، ئەپسۇس ، ئېغىر-بېسىق بولساق نېمە بۇلاتتى -ھە !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:39:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 23:39:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيەنى چەكلەپ بولدۇڭلا ئەمدى پەرۋەرنى چەكلىسەڭلا ئادىللىق بارمۇ زادى مۇنبەردە، مەڭگۇلۇك چەكىگەنمۇ ئىش بارما،ئاندا قىلشىپ كەتمەيلى پىتنىڭ ئاچچىقدا چاپاننى ئوتقا سالغىلى بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش