ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2671 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 18:25
مەن مۇنبەرگە ھەممىمىزگە بىلىم بەرگۈدەك، ئەسقاتقۇدەك، تۇتامىغا چىققۇدەك، تالاش - تارتىش قىلىشقا ئەرزىگۈدەك يازمىلار يوللانسا، ھەممىمىزنىڭ پۇتبول بىلىمىمىز ئاشسا دېگەن ئۈمىتتە...
مۇنبەر بەزىدە شۇنداق قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ، تېما، ئەجىرلەر بەزىدە شۇنداق بىئەتىۋا بولۇپ كېتىدۇ، باشقىلارنىڭ چېچى بىلەن نىكاھسىز تاپقان بالىسىنىمۇ سۆرەپ كىرىپ خاپا بولۇشىمىز، لېكىن يەنىلا مۇنبەرگە كىرىمەن، سەۋەبى نېمە؟
1. مۇنبەر ئارقىلىق پۇتبول سەۋىيەمنى ئاشۇرالايمەن. مۇنبەردە پۇتبول سەۋىيەسى، تەھلىلى خېلى ياخشى بالىلارمۇ ئاز ئەمەس.
2. مۇشۇ مۇنبەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ سەۋىيەلىك مۇنبىرى دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلادىكى ئەڭ ئەشەددىي توپ مەستانىلىرىنىڭ %99 ى مۇشۇ مۇنبەردە، پەقەت بولمىسا مۇنبەرنى مارايدۇ دېيىش مېنىڭچە خاتا ئەمەس. مۇنبەر ئارقىلىق رايونىمىزدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋە ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى بىلىپ تۇرىمەن.
3. مەن ئىلگىرىمۇ دېگەن. مۇسابىقە چۈشەندۈرۈشنىڭ تەسلىكى مۇسابىقە چۈشەندۈرۈلىشىنى ئاڭلاۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ پەرقىدە ئىپادىلىنىدۇ. يەنى 4231 سەپ شەكلىنى 442 گە ئۆزگەرتتى دېگەن گەپنى قانچىلىك ئادەم چۈشىنىدۇ، قانچىلىك ئادەم چۈشەنمەيدۇ ئۆزىڭىز بىلىسىز. مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە بەك كەسپىي بولۇپ كەتسىڭىز ياشانغانلار، ئەمدى مۇسابىقە كۆرۈۋاتقانلار زېرىكىدۇ، بەك تۆۋەن سەۋىيەلىك سۆزلىسىڭىز نۇرغۇن مەستانىلەر قاقشايدۇ. شۇڭا كۆرۈلمەنلەرنىڭ مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنى تەربىيەلەش كېرەك. تەربىيەلەشنى ئەڭ ئاۋۋال مۇنبىرىمىزدىن، پۇتبول مۇنبىرىدە تۇرۇپمۇ ھەقىقىي پۇتبولنى چۈشەنمەيدىغانلاردىن باشلاش كېرەك.
يۇقىرىقىلار مېنىڭ مۇنبەرگە كىرىشىمنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىم.
يىغىپ ئېيىتقاندا، مېنىڭ بۇ تېمامنى مەجبۇرىي نادىرلىتىشىم مۇشۇ تېما كۆزگە چېلىققۇدەك يەردە تۇرسا، جىقراق كىشى كۆرۈپ بەزى نەرسىلەرنى ھېس قىلسا دەپ ئويلايمەن... نادىرلىسىغۇ ماڭا چوڭ پايدىسى يوق... ئەلۋەتتە، بۇنداق تېمىنى يېزىشقىمۇ بەك جىق سۈرەت ۋە ماتېرىيال كېتىدىكەن... |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|