ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4540 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خەۋەرنى ئوقۇپ يا كۈلىشىمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم . خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالغان چېغىۋا دەپ ئۆز ئۆزەمگە تەسەللى بىرىپمۇ ئۈلگۈردۈم .
قارىغاندا كۆپىنچە كىشىلەر ھازىرغا قەدەر چىلىم بىلەن نەشىنى ئايرىيالمايدىغان ئوخشايدۇ . نەشىنى دىمىسەممۇ ھەممىڭلار بىلىسىلەر كىشىنى ھۇرۇن ۋە ھاماقەت قىلىدىغان ئەڭ مەينەت زەھەرنىڭ بىرى . ئەمدى تېمىدا دىيىلگەن چىلىمغا كەلسەك . چىلىم ئادەتتە كۆپ دۆلەتلەردە قانۇندا بىردەك چەكلەنمەيدىغان ، ئادەتتىكى تاماكىغا ئوخشاش چېكىلىدىغان ۋە ئاشكارە سېتىلىدىغان بىر خىل چېكىملىك . چۈنكى چىلىمنىڭ تەركىبىدە ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان نىكوتىن يوق . چىلىمنىڭ ئەسلى ماتىريالى ئەتتىرگۈل ، قىزىل گۈلگە ئوخشاش پۇراقلىق ماتىرياللاردىن ياسىلىدۇ . گەرچە بەدەنگە ئىس سۈمۈرۈلگەن بىلەن تىبابەتتە گۈل ئىسىنىڭ كانەينى ۋە يۇتقۇنچاقنى سىلىقلاپ ، ئۆپكىنى تازلاشتەك ئۈنۈمى بارلىقى ئىسپاتلانغان . ئەلۋەتتە ، چىلىم ئىستىمالى ھەر ۋاقىت مۇۋاپىق مىقتاردا بولىشى كېرەك . دىيارىمىزدىمۇ ھازىر كۆپ قىسىم تېز تاماقخانا ، قەھۋەخانا ، دېسكوخانىلارغا بىردەك چىلىم سەپلەنگەن . نېمىشقا ؟ چۈنكى چىلىم قانۇنلۇق زەھەر قاتارىغا كىرمەيدىغان چىكىملىك . خۇددى ئادەتتكى تاماكىغا ئوخشاشلا . دىمەك ، ئەتىراپىمىزدىكى مۇھىت ھازىرقىدەك تۇرسا ، ئەنگىلىيەدە بۇرۇندىنلا چىلىم ئومۇملاشقان ۋە قانۇنلاشقان چىكىملىكتۇر . ئۆزىل چىلىم ئۈسكىنىسى سېتىۋالدى دەپ ، كەينىدىن بۇنى نەشىگە چىقىرىپ تېما يېزىش بىر تۇرۇپ كۈلكەمنى قىستىسا ، بىر تۇرۇپ تەرجىمىدىكى چولتىلىققا ھەيران قالدىم دىسە... |
|