ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۆزىل چىلىم سېتىۋالدى، ئارسىنالنىڭ تاماكا چىكىدىغان توپچىلىرىدىن يەنە بىرسى كۈپەيدى
يېقىندا ئارسىنال كوماندىسى ئەزالىرنىڭ تاماكا چەككەنلىك خەۋىرى تارقالغان ئىدى.نۆۋەتتە ئارسىنال ئوتتورا مەيدان توپچىسى ئۆزىلنىڭ تاماكا ساتىدىغان دۇكاندىن تاماكا چىىكىش نەيچىسى سېتىۋالغانلىق توغرىسىدىكى رەسىم پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.بەلكىم بۇ خەۋەر ۋېنگىرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن بۇلىشى مۇمكىن.بۇرۇن ۋېلشىرنىڭ قۇلىدا كۈتۈرۋالغان چىلىم(ئەسلى نەششە چەككەندە ئىشلىتىدلدىغان نەرسە ) نىڭ رەسمى تارقالغاندىن كىيىن ئۇمۇ تاماكا چىكىدۇ دەپ ئەيىپلەنگەن .ئەمدى ئۆزىلنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار رەسىملىرى ئاخباراتچىلارنىڭ قۇلىغا چۈشكەن .شۇنىڭ بىلەن ئارسىنالنىڭ تاماكا چىكىدىغان ئەتىرتىگە ئۆزىلدىن ئىبارەت يەنە بىر يىڭى ئەزا قۇشۇلدى دىگەن خەۋەر تورغا تارقىلىپ كەتكەن.رەسىمدە ئۆزىل لوندون شەھەر مەركىزىدىكى بىر تاماكا ساتىدىغان دۇكاندىن چىقىپ كىتىۋاتقان،ھەم ئۈزۈگە كىرەكلىك تاماكىنى ستىۋالغان .ئارقىندىلا ئۆزىلنىڭ بىر دوستى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ چېلىم قاچىلانغان ساندۇقنى ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سالغان.ئۆزىل نىڭ ئاتا -ئانىسى تۈركىيەدىن كەلگەن بۇلۇپ،تۈركىيەنىڭ نەششىسى نىڭ خېلى داڭقى بارئىكەن.ئادەتتە نەششىنىڭ ئىسىدىن 1سائەت نەپەسلەنسە ئۇنىڭ زىينى 100تاماكا چەككەنگە باراۋەر ئىكەن.ۋېلشىرنىڭ قۇلىدا كۈتۈرۋالغان چېلىم نىڭ رەسىمى ئاشكارلانغاندىن كىيىن ۋېنگىر ئۇنى ئاقلاپ ،مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ئۇ ھەرگىز تاماكا چەكمىگەن.ئۇ بۇ ئىشقا قارىتا ئۈزۈنىڭ باشقىلارغا يۈز كىلەلەيدىغانلىقى بىلدۈردى دىدى.ھەم ۋېلشىرمۇ دۇختۇخانىغا بېرىپ ئۈزۈنى تەكشۈرۈتكەن. ئەمدى ئۆزىل نىڭ بۇ ئىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈردۇ ،بۇنىسى نامەلۇم.ئۆزىل تېخى بۇ ئىش توغرىسىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
|
|