ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3488 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئوزغۇنلۇقتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا 25-فېۋرال ئىتتىھاد مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇنجى ئۇچراشما ، شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆز مەيدانىدا غالجىرلىشىدىغان خۇيى بار ، شۇ مەيداندا ياخشىراق نەتىجە ئېلىۋالساقلا كېيىنكى ئۇچرىشىش ۋە دۆلەت دېبىيسى ئۈچۈن ئازراق تىنىۋېلىش پۇرسىتى بولىدۇ ، ئەمما ئۇ مەيداندا ئۇتتۇرۇپ سالسا نوكامپۇدىكى ئارقىمۇ-ئارقا قانلىق جەڭدە ھالسىراپ قالىمىز دېگەن گەپ .
شاھلىقتا ۋېللارېئال بىلەن ئاتلېتكا بېلىباۋ ( ئىسپانيولنى ئۇتالىسا ) لارمۇ بوش ئەمەس ، ياخشى يېرى قوش ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلانغىلى بولار ..
بىرلەشمىگە مادرىد دېربىيسى ۋە نوكامپۇدىكى ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن بىر نەرسە دېگىلى بولار ، بارسانىڭ ئوتتۇرا مەيدانى يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ ئاجىز ھالەتتە بولۇپ قالدى ، ئىنىستانىڭ ئىپادىسى ھەرھالدا يامان ئەمەس ، ئەمما بۇسكىسقا سەل ھارغىنلىق يېتىۋاتىدۇ ، ھېلىمۇ ياخشى ماسچىرانو ئورنىنى تولدۇرۇپ تۇرغاچقا ئانچە بىلىنمىدى ، راكىتىچنىڭ ئۇزۇن پاسلىرى جايىنى تاپالماي ، ئورنىغا مېسسى پاس تاشلاش بىلەن ئاۋارە ، شاۋىنى قېرىپ قالدى دەۋېرىپ راستلا قېرىلىق يەتتىمۇ بۇرۇنقىدەك ئىچىگە پاس تاشلاپ بېرىدىغان ئىشى يوقاپلا كېتىپ ھە دېسىلا ئارقىغا تارتىدىغان بولۇپ قالدى ، رافىنىيادا ئاز-تولا ئۈمىد بولسىمۇ ئەمما تەجرىبىسىز كېلىۋاتىدۇ ، ھۇجۇمدىكى ييەنە بىر نۇقتا سۇيارىز ، بۇ بالا ئىسپانىيەنىڭ ۋارىتارلىرى بىلەن كېلىشەلمەيۋاتامدۇ ؟ ھېچ بىلمىدىم ، بارساغا ماسلىشالمىدىمىكىن دەي دېسەم ئۆزى يالغۇز ھۇجۇمغا ئۆتكەن ياكى بىردە-بىر كەلگەن توپلارنىمۇ قاملاشتۇرۇپ ئۇرالماي يۈرۈيدۇ ، يەنە بىر نۇقتا سايە ھۇجۇمچىنىڭ رولىدىكى ئارۋېس ، بۇنىڭ بارسادىكى رولى ئوڭ قانات ھۇجۇمدا بەكلا مۇھىم ، ئەمما ئۇرۇشقا تېگىشلىك توپلارنىمۇ ئۆزى ئۇرۇپ باقمايلا پاس تاشلاپ خاپا سېلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭ ئۆزى ياندىن ئېگىز پاس تاشلاپ بولالماي ئاۋارە ، ھۇجۇمچىللىرىمىز قول بىلەن ئۇرۇشقا رۇخسەت يوقلىقىدىن ئاغرىنىپ دېگەندەك ... |
|