akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1305|ئىنكاس: 48

تېراگىدىيە تەكرارلىنارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 20:09  

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 8\1شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش  نەتىجىسىدە 6كوماندا ھالاكەتلىك ئۇچرىشىشقا دۇچ كەلدى، بارسېلونا بىلەن مانچېستىر شەھىرى، چېلسىي بىلەن پارىژ سان ژېرمان كوماندىلىرى ئالدىنقى پەسىلدىمۇ ئۆزئارا ئۇچراشقان ئىدى،ئۇندىن باشقا دورتمۇنىد بىلەن يۇۋىنتۇس ئۇچرىشىپ قىلىپ 1997-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلىتىپ قويدى. بۇ كوماندىلارنىڭ رەقىبلىرى بىر-بىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.
730_1401920_183259.jpg
بارسېلونا كوماندىسىنىڭ 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى نەتىجىسى  ياخشى بولۇپ كەلمەكتە،ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ھەم شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە ئارقىمۇ -ئارقا زەپەر قۇچتى،مىسسى، نىيمارلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولماقتا. مۇداپىئەمۇ بىرقەدەر مۇقىم ھالەتنى ساقلىماقتا. ئەمما بارسىلونانىڭ ئۈچ سەپ بويىچە جەڭ قىلىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلغاندا بارسېلونانىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالى ئۇنچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.
2015170z0gvhkkqqrzv26z.jpg

1. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق جەڭ سېپىدىكى مانچېستىر شەھىرى بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشقا گىرەلىشىپ كەلگەن ئىسپانىيە دۆلەت دىربىيسىنىڭ بارسېلوناغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىقى.
بارسېلونا 2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدە شەھەر بىلەن دەل بۇ يىلقىدەك شاللاش باسقۇچىدا ئۇچرىشىپ قالغان ،شۇنداقلا ئومۇمىي نەتىجىدە 4-1نەتىجە بىلەن شەھەرنى شاللىۋەتكەن ئىدى، مانچېستىر شەھىرى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسقا تايىنىپ ياۋروپادا تېز باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان كوماندا،ئۇلار ئىنگىلانىدتا ئۇيۇشما لوڭقىسى،بىرلەشمە لوڭقىلىرىنى ئالغاندىن كېيىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغىمۇ ئېرىشىش ئىستىكىدە ئۈزلۈكسىز قان تولۇقلىدى،تىرىشتى. شۇڭا ئۇلار بۇ قېتىم بۇ جەڭ سېپىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ لوڭقىغا يېقىنلاشماقچى بولىۋاتىدۇ. جازا ئىچىدە قالغان ،ئەشەددى رەقىبى رېئال مادرىدتىن 4نومۇر كەينىدە قالغان شۇنداقلا ئاتلىتكا كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ،شاھلىق لوڭقىسىدا 4كۈچلۈككە كىرگەن بارسېلونا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۈچ لوڭقىلىق بولۇش تەماسى تۇغۇلدى دەپ قارىساق ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشىش بولۇشى مۇمكىن. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا داۋاملىق ئالدىغا مېڭىشتا شەھەر بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشقا گىرەلىشىپ كەلگەن دۆلەت دىربىسى بارسېلونانىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە.
شەھەر بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىش 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى  3:45تە(بېيجىڭ ۋاقتى) ئېتىقاد مەيدانىدا  باشلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش بولسا نوكەنپو مەيدانىدا 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 3:45تە (بېيجىڭ ۋاقتى)ئوينىلىدۇ. دۆلەت دىربىسى بولسا 3-ئاينىڭ 23-كۈنى نوكەمپو مەيدانىدا ئوينىلىدۇ. ئارىلىقتا پەقەت 4كۈنلا  ۋاقىت بار.
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا  3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوساسۇنانى 0-7قىرغىن قىلىپ بىر ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن 3-ئاينىڭ 24-كۈنى رېئال مادرىد بىلەن ئېلىشىپ 3كە قارشى 4نەتىجە بىلەن تەستە يەڭگەن ئىدى. ئەمما بۇ يىل ئەھۋال رېئال مادرىدقا بىر ئاز پايدىلىق بولۇپ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى رېئال مادرىد كوماندىسى لىۋانتى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ تولۇق بىر ھەپتە ئارام ئېلىپ 23-چىسلا دۆلەت دىربىسىغا ئاتلىنىدۇ.

2. يەنە بىر مۇھىم جەڭ سېپى شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسى.
2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا مارتىنونىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوخشاشلا ئۈچ سەپتە جەڭ قىلدى، بىرلەشمىدە  ئاتلىتكا،بارسېلونا،رېئال مادرىد ئۈچى بىر-بىرىنى قوغلاپ ماڭدى،ئۇزغۇنلۇقتا ئوخشاشلا شەھەرلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىندى،شاھلىق لوڭقىسىدا تاكى ھەل قىلغۇچقىچە بېسىپ كىردى.گەرچە ئۇزغۇنلۇقتا شەھەرنى شاللىغان بولسىمۇ مەسىلە  4-ئايدا گەۋدىلىنىپ چىقتى. 9-ئاپرىل ئۇزغۇنلۇق 4\1شاللاش باسقۇچىدا مادرىد ئاتلىتىكىغا 2-1 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى. 12-ئاپرىل بىرلەشمە 33-ئايلانمىدا ئويلىمىغان يەردىن 0-1نەتىجىدە گىراناداغا ئۇتتۇرۋەتتى. بۇ چاغدا مادرىد ئاتلىتىكا بىرلەشمىدە 4نومۇر ئالدىغا ئۇزاپ كېتىپ بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىدمۇ قالمىغان ئىدى.16-ئاپرىل شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن رېئال مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بۇ لوڭقىدىنمۇ قۇرۇق قالدى. دىمەك  7كۈن ئىچىدە بارسىلونا ئېرىشىش ئۈمىدىدە بولغان ئۈچ سەپتىكى ئۈچ لوڭقىدىن مەھرۇم قالدى ،بىر مۇسابىقە پەسلىدىكى تىرىشچانلىق بىكار كەتتى.
مېنىڭچە مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىكى پايدىسىز ئامىللاردىن سىرت بارسېلونانىڭ جازا سەۋەبلىك قىش پەسلىدە ئادەم سودىسى قىلالماسلىق،ئېنرىكنىڭ مۇقىم بولغان بىر سەپ شەكلىنى شەكىللەندۈرمەسلىكى، سۇئارىزنىڭ تېخىچە تولۇق ئېچىلالماسلىقى،خاۋىنىڭ مۈكچىيىپ قىلىشى،ئىنىستانىڭ ئوتتۇرا مەيداندا بۇرۇنقىدەك شاش بولماسلىقى مۇداپىئەدە پىكنىڭ ئويلىمىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويۇشى،ماسچىلانوغا كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق ئامىللارمۇ بارسېلونانىڭ ئۈچ چوڭ سەپتە تولۇق غەلىبە قىلىش-قىلالماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەھەر بىلەن بولغان جەڭ ۋە ئۇنىڭغا گىرەلىشىپ كەلگەن دۆلەت دىربىسى ئېنرىكنى سىنايدىغان چوڭ بىر سىناقتۇر.
شاھلىق لوڭقىسدا ۋىللارېئال كوماندىسى ئوخشاشلا بىر باش ئاغرىقى. ئالدىنقى ئايلانمىدا ساھىبخان مەيداندا 2گە قارشى 3نەتىجە بىلەن تەستە ئۇتۇشى سىرىق سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ بوش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

3.بىرلەشمىدىكى باشقا رەقىبلەرمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر توسالغۇ.
بارسېلونانىڭ بۇندىن كېيىنكى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە  2-ئاينىڭ 9-كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا  بىلبائو ئاتلىتىكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىسى ۋە ساھىبخان مەيداندا مالاگانى كۈتىۋالىدىغان مۇسابىقىلەر بەك مۇھىم ،ئاندىن كېيىن گىرانادا،بالىكانو،ئېيبار كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.3-ئاينىڭ 23-كۈنى  كۈچلۈك رەقىبى رېئال مادرىدنى كۈتىۋالىدۇ.
38031389136fa56d895.jpg
يىغىپ ئېيتقاندا بارسېلونا 2-،3-ئايلاردا چوڭ سىناققا دۇچ كېلىدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئېنرىك شەھەر بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋە دۆلەت دىربىسى ئۆتكىلىدىن قانداق ئۆتىدۇ؟ مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپلا كەتسە بۇلتۇرقى تېراگىدىيەدىن ساقلانغىلى بولىدۇ،بولمىسا بۇ تېراگىدىيە يەنە تەكرارلىنىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:26:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قويمىسىلا كىيىنكى مەيداندا بارىسلونا كۇلۇبى توپچىلىرىنى ئاياپ ئوينىتىدۇ دەپ قارايمەن.........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 22:01:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر ئۆتكىلى مۇھىم ئۆتكەل،
چىقىپ قالمىسۇن بىكتىن يارىدار.
مۇداپىئە چىڭ ،ھۇجۇم شاش،
بەلكىم شەھەر بولىدۇ ھازىدار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:53:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرنىڭ گۇرپىدىكى ئ‍ىپادىسىگە قارىسا  كۆرگەنلەر بىلىدۇ ئ‍ۇ ئ‍وينىشىدا باساغا تەڭ كىلشى ئ‍ۇخلاپ چۈشى، يامان يىرى باسانڭ ئ‍وتتۇرا مەيدىنى مۇداپىئە خىلى بەك ياخشى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:32:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيالىز غا سەل  بوشلۇق  يارىتىپ  بەرسە، بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:27:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تەھلىل دىگەن مانداق بولسا مانا! بارسېلوناغا شەھەر ئۆتكىلى ئىنتايىن مۇھىم. بارسېلونا 3 لوڭقا ئىچىدە شاھلىق لوڭقىسىغا ئەڭ يېقىنلاشتى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:29:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە بوپتۇ تەڭلىشىپتۇق ئەمدى بىز ئارام ئالامىز.چېلسى پارىژباشقا چوڭ چاتاق چىقمىسا ئۇتۇۋالىدۇ.سېرىق ھەرىلەر بىلەن تونۇش دۈشمەنلەرنىڭ ئشى چاتاق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:47:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 21:52  

تەھلىلنى. ھەقىقەتەن ئىسىل  قىلىپسىز!

مىنىڭچە  بىز دىكى مۇھىم  مەسىلە  يەنىلا شۇ مۇداپىيە دە.
مىنىڭچە ئۇزغۇقتا بىرىنجى ئۇچرىشىشتا كۈچەپ ئويناپ مىھمان مەيدان توپنى جىقاراق ئۇرۋالسا،
2-قىتىملىق ئۇچرىشىشتا قان تولۇقلاپ دىربىيگە تەييارلىق قىلسا بولغىدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:48:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنژىنىر ئۆتكەنكىدەك تۈگۈلىۋالمىسا شەھەر چوڭ توسالغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:53:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە بارسىلونا بىلەن ئىككى مەيدان شاھلىق ئوتتۇرسىدا مانچېستىر بىلەن ئويناپ شىددەت بىلەن جەڭ قىلىپ كەتكەن، بارسىلونانىڭ تېخى ئۇنچىلىك زىچ ئەمەسكەن. لېكىن ھازىرقىدەك مۇقىم سەپ شەكلىگە ئىگە بولمىغان شارائىتتا ئەنسىرەش توغرا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 21:57:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇجۇمدا سو يوق ،  ئوتتۇرا مەيدان  جانلىق ئ‍ەمەس مىسسى ھازىر ئ‍وتتۇرا مەيدان بوپ كەتكلى تۇردى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 22:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تىما بۇرۇنقى تىمىلارغا رەسمى ئوخشاپتۇ

مىنىڭچە ھەممىدىن يارلىنىشتىن ساقلانسىلا چاتاق چىقمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش