ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 405 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئادەتتە سەپ شەكلى تېمىدا دىيىلگەندەك 442،433…كۆپ خىل بولسىمۇ بۇ پەقەت ئۇمۇمى ئاتالغۇ (قۇشۇمچە:سايە ھۇجۇم ،كىراي …قاتارلىق ئاتاشلارمۇ سەپ شەكلىگە قاراپ بولىدۇ) ، دىمەكچى بولغىنىم مەسلەن ئاتاشتا 433سەپ شەكلى قوللاندى دەپ تۇرايلۇق، بىراق بىز دائىم ئادەتتە ئوخشاش ئادەملەردىن مۇشۇ سەپ شەكلىنى ئىشلىتىپ ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈم كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بارسلونادا گۇئادىئولا مۇشۇ سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بىلانوۋا، لورا، مارتىنو قاتارلىقلار ئىشلەتتى، بەزى توپچىلار ئۆزگەرگەندىن سىرت يادرولۇق ئەزالاردا ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ پەقەت گۇئادىئولالا بۇ سەپ شەكلىنى جانلىق ئىشلىتىپ شۆھرەت قازاندى، ئۇنداقتا ئويلىنىپ باقايلى ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرى 11ئادەمنى ئۇنىڭدەك تىزمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە تىزدى، بىراق ئۈنۈم ئوخشىمىدى، كۆپىنچە ئادەملەر تىرىنىر دىسە توپچىلارنى بىكار قويماي مەشىققە سالىدىغان، توپچىنى سەپ بۇيىچە مەيدانغا تىزىپ قويۇپ مۇسابىقە جەريانىدا توپچىلارغا ۋارقىراپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئاچچىقلىنىپ يۈرىدىغان ئادەم دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە كوماندىغا نىسبەتەن تىرىنىر ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، چۈنكى بايام مەن دىگەندەك بارسلونانىڭ مۇشۇ سەپ شەكلىگە نىسبەتەن تىرىنىرنىڭ چۈشەنچىسى، ئىشلىتىش ماھارىتى تولىمۇ پەرقلىق بولغاچقا تەبىئىيلا ئۈنۈممۇ ئوخشاش بولمىغان يەنى سەپ شەكلىنى 433 قىلىپ بەلگىلىگەندىن كېيىن ئاشۇ چوڭ مەيدانغا10ئادەمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى چىقىدۇ، كەينىگە 4نى، ئوتتۇرىغا ،ئالدىغا 3تىن تىزساقلا بولىدۇ ئىش تامام ۋەسسالام ،قالغىنى ئاپتۇماتىك ئۆزى باشلىنىپ كىتىدۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن، ياق ئۇنداق بولمايدۇ، بۇ سەپ شەكلىگە پىششىق تىرىنىر قارشى تەرەپ سەپ شەكلىگە ئاساسەن ئورۇن سۈرۈش (ئالدى كەينى ياكى يانغا ) ئېلىپ بارىدۇ، بۇ چاغدا سەپ شەكلىدە تېمىدا يوللانغان 433سەپ شەكلىنىڭ بىر قانچە ۋارىيانتى پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ھۇجۇم قىلىۋاتقاندىكى سەپ ئۆزگىرىشى، قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى جايىدا بايقاش ، ھەم شەكىل ئۆزگەرتىپ بېسىم چۈشۈرۈش، توپ تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن تىزلىكتە ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سەپ شەكلىنى ھاسىل قىلىپ تەھدىتنى بىتچىت قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇم ۋەزىيىتىگە شارائىت يارىتىش ، مۇۋاپىق پەيىتتە ئادەم ئالماشتۇرۇش، كىمنى ،قاچان، قايسى ئۇرۇنغا…قويۇش، ئورنى بەلگىلەنگەن توپنىڭ ھۇجۇمى ۋە مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تىرىنىرنىڭ سەپ شەكلى ئاساس قىلىنىپ قارار چىقىرىلىدۇ، شۇڭا ئادەتتە مەلۇم خىل سەپ شەكلىنىڭ مۇتەخەسىسىگە ئايلانغان تىرىنىرلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولىدۇ… ئادەتتە مۇنبەردە بەزى قان مەستانىلەرنىڭ مۇسابىقە تەھلىلى قىلغاندا سەپ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بايقاپ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى دەپ تىرىنىرنىڭ تاكتىكىسىدىن ھۇزۇر ئالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز،بىراق كۆپ سانلىق توپخۇمارلار كۆڭلىدە 《نەدە، قېنى؟ بۇ قالايمىقانچىلىقتا ھىچ بىر قانۇنىيەتنى بايقىمىدىمغۇ 》دەيدۇ، ھەتتا مۇداپىئەچىنىڭ چەكلەنگەن رايۇندا يۈگرەپ يۈرىشى ھەتتا توپ ئۇرۇپ قويىشى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ، دەرۋەقە مەستانە دىگەن ھەممىسى توپ بىلىمى يۇقىرى بولىۋەرمەيدۇ، بىراق مەستانىچىلىكتە بىز توپ كۆرىمىز ،شۇڭا مۇسابىقىنىڭ ھۇزۇرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ،ھاياجان ئىچىدە سۈرىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم سەپ شەكلى توغرىسىدا ئاساسى بىلىملەرنى بىلىپ قويىشىمىز كېرەك… ئەپسۇس ،ئۇنداق دىگىنىم بىلەن مەنمۇ تېخى ئۇ سەۋىيىگە يېقىنلاشمىدىمدە …ھى ھى ھى… بۇ تېما تازا بەلەن ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ،مۇشۇ بانىدا بىلىدىغانلار بىرلىشىپ بىر مۇپەسسەل تەربىيلەش قىلىۋەتمەمسىلەر ئاغىينىلەر… |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|