akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: exaniq

مىلان مەستانىللىرى : گالىيانى خۇمپەر!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-29 17:06:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 17:08  

دوستلىرىمىزغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، گالىيانى ۋە مىلان دېگەن تېمىدىكى ئىنكاسىمنى چاپلاپ قويدۇم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر...
گالىيانىدا گۇناھ يوق، دەپ قارايمەن ئۆزەمچە.
  گالىيانىنىڭ ھەقسىز، قېرىغان، باشقا كوماندىلاردا ئاقمىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى يۆتكەپ كەلگۈسى بارمۇ؟ ئۇنىڭمۇ مادرىدتەك، شەھەردەك خەق نەچچە پۇل باھا قويسا شۇنچە پۇلغا ئەكەلگۈسى يوقمۇ؟ ئاددىي مىسال: ئاتا - ئانىمىزنىڭمۇ يوغان، داچ        ا ئۆيلەردە ئولتۇرغۇسى بار، ئەمما يانچۇقتىكى پۇلنىڭ تايىنى يوق ئەھۋالدا باھاسى مۇۋاپىق، تۆتىنچى، بەشىنچى قەۋەتلەردىكى، خەق 7 - 8 يىل ئولتۇرغان، بېزىلىشى مۇۋاپىق، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئۆي بولسىلا بانكا قەرزى قىلىپ ئۆي ئالىدۇ. بانكا ئۆسۈمىنىڭ بەك يۇقىرىلىقى، ئۆينىڭ ئىككىنچى قوللۇقى، بېزىلىشىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەمەسلىكى تەبىئىي ئىش. ئەجىبا، شۇنىڭلىق بىلەن دادىمىزنى سەن نېمە دەپ نوچى ئۆي ئالمىغان، نېمەدەپ ئىككىنچى قول ئۆي ئالغان، دېسەك بولماس.
  چۈشىنىكسىز مەسىلە: بۇ ئاددىي داۋلىنى ئەجىبا 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىز چۈشەنگەن يەردە، مىلاننىڭ ئۆزىدە تۇرىدىغان ئوت مەستانىلەر بىلمەي قالماس. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىنى مۇنداق چۈشەندىم: ئۇلار دارىتمىلاۋاتىدۇ. قىزىم ساڭا دەي، كېلىنىم سەن ئاڭلا دەۋاتىدۇ. كىمگە دارىتمىلاۋاتىدۇ؟ بېرلۇسكونىغا. نېمە ئۈچۈن ئۇدۇل دېمەيدۇ؟ ئۇلار بېرلۇسكونىنى يەنىلا بەك ھۆرمەتلەيدۇ. يەنى، ئۇنى يەنىلا دۆلەت رەھبىرى، خەلقنىڭ يولباشچىسى سانايدۇ. (ئۇنىڭ سەتچىلىكى دۆلىتىمىزدە ئەڭ بازارلىق. خەق ئۇنداق قارىمايدۇ). ئىلگىرىكى مىلان دېربىيسىدا ئېنتىرنىڭ مەستانىلىرى مىلاننى مەسخىرە قىلغاندا، موراتتىغا تاج كىيگۈزۈپ، گالىيانىنى سالپىيىپ قالغان جىن شەكلىدە سۈپەتلىگەن. يەنى، نۇرغۇن كىشىلەر بېرلۇسكونىنىڭ كۇلۇبنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەنىلا ھۆرمەتلەيدۇ. نېمىشقا كۇلۇبنىڭ يەنە بىر خوجايىنى بولغان باراباراغا ئاچچىغلىمايدۇ؟ ئۇ بېرلۇسكونىنىڭ قىزى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارابارانىڭ كۇلۇبنى يېڭىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى، بازار ئېچىش، يېڭى مەيدان سېلىش جەھەتتىكى ئىسلاھاتى ھەممىنى قايىل قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن كۇلۇبنىڭ ھەممە ئىشىغا مەسئۇل خوجىدار گالىيانى خاپىلىقتا قېلىۋاتىدۇ...
   ئېسىمىزدە بولسۇن، مەيلى فولىرېنتىنو ياكى پارىژ بايلىرى بولسۇن، گالىيانىنىڭ پېيىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى ۋە ئىقتىدارىنى ياۋروپا ئېتراپ قىلغان....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 18:19:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇ ۋاپاسىزلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 19:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇمپەر مەستانىلەر گالىيانىنى قىزىلكۆز دەپ ساختىپەز دەپ تىللاپتۇ   ، خۇمپەر دىمەپتۇ   (ئۆزۈم گۇۋاھ  ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ تېلۋۇزۇردا كۆردۈم سەيشەنبە كۈنى )  2-قىلىپ دەيدىغىنىم نىمىشقا تىللاپتۇ   ؟  قىش كەپ قالدى كاسا توڭلاپتۇ  ، بىزنىڭ بوۋاي ئۇرۇندۇقلارنىڭ يېڭى قاپلىرىغا ئىشلىتىدىغان پۇلنى نەگە ئاپاردىكىن  ھەر يىلى قىشتا ئۇرۇنلاشتۇرىدىغان ھارارەت ساقلايدىغان ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان قاپ كىيدۈرۈلمەپتۇ  ،  يەنە شۇنداقلا ئۇتتۇرىۋېرىپتۇ دەپ تىللاپتۇ  ، چۈنكى بوۋاي بىكارلىق دەپ جانغا ئەسقاتىدىغان ئادەم ئالماپتىمىش   ، لىكىن بوۋاينىڭ بۇ بېكار تەلەپلەربىلەن نىمە كارې  ، مۇسابىقىدىن يېنىپلا يەنە قولىدا تېلفۇن   ، سامپىدورېيە  خوجايىنى ماسسىمو فەررۇ ئەپەندىم بىلەن مەلۇم توپچىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىنى سۆزلىشىۋېتىپتۇ  (ئاجايىپ مەخپى خەۋەر   بەلكىم سىتىفانو ئوكاكا  يەنى سامپىدورېيە ھۇجۇمچىسى  ، ياكى دېسىترو رىم ھۇجۇمچىسى ۋە ئوسۋالدۇ   ئېنتىر مىلانو  ، بۇلاردىن كەم دىگەندە 2 سى مىلانغا كىلەمىش  ، بايباي شاراۋى دەيدىغان بولدۇق شاراۋى يا مانچىستېر شەھىرى يا بولمىسا مادرېدتىكى بىرەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بىلەن ئالماشتۇرۇلارمىش )  يەنە تىللىشامسە     تىللىشە  مۇشۇ بوۋاي بولمىسا چوڭ بوۋاي بۇ كۇلۇبنى ئاياللار كۇلۇبىي قىلىپ ئۆزگەرتىۋېتەتتى (راس گەپ ماۋۇ  لىيوڭنىڭ خۇتۇنلىرىغا قاراپ چوڭ بوۋاي سەل شوخلۇق قىلىپ سېلىپ ياۋۇرپادىكى ئەڭ گۈزەل پۇتبۇلچىلار كۇلۇبىي قۇرۇپ چىقىمەن دەپ خېلى سۇقۇشۇپ باقتى قىزى بىلەن ) يەنە تىللىشامسە   ؟ ئالغان 20 ياۋرولۇق بېلىتىڭگە كۆتۈڭگە پار بېكىتىپ بەرسە بولامتى ھەرقايسىڭنىڭ  ،  ھەرقايسىڭ چۇقۇم بىكار تەلەپ بولمىساڭ شۇ سوغۇقتا  ئۆيدىن چىقماي ياخشى ئارام ئېلىپ ئەتىدىكى خىزمىتىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشمامتىڭ  ھەپتىنىڭ ئىككىسىدىكى مۇسابىقىگە ھەرقايسىڭدەك بىكارچى غەلۋىخورلار كىرمىسە كىم كىرىدا ؟   ئاران 10 مىڭ دەپ قۇيۇڭ   ئىشۇنى يازغان خەنسو يولداشمۇ تازا بىر  بىر يىلدا تىمپىراتۇرا 10 دىن چۈشمەيدىغان گۇئاڭجۇ ئەمەس ماۋۇ  مىلاننىڭ سوغلىقىنى بىلمەيدىغان نىمىسىگە ياۋۇرپادا ئەنگىلىيەدىن باشقا قايسى جايدا ھەپتە ئوتتۇردىكى مۇسابىقىگە 10 مىڭدىن جىق ئادەم كىرىدىكەن  ، ئىشۇ پايتەخت بېيجىڭ كوماندىسىغىمۇ  ئىشچىلار تەنھەرىكەت مەيدانىغىمۇ  شۇنچە سالقىن ۋاقىتتىمۇ 5 مىڭ ئادەم كىرمەيدۇ  ، بېيجىڭدا قانچىلىك نۇپۇس بار   مىلاندىچۇ ؟ توۋا  يەنە تىللىشە  تازا تىللا شۇڭىغىمۇ مەيداندىن چىقىپ لازىئو مەستانىللىرى كەلمىگەچ  ئۆزئارا سۇقۇشۇپ چىقتىڭ ئىككى تەرەپ بۇلۇپ بەك بىلگۈم كىلۋاتىدۇ ئاخشامقى يۇۋېنتۇسنىڭ مۇسابىقىسىغا قانچىئىك تۇرېنلىقلار كەلگەندۇ ؟    قايسىڭلار سانسېرودا ھەپتىنىڭ ئىككىسى 10 دىن جىق لازىيو مەستانىسىنى كۆردۈڭلار . گەپ تامام  ، بوۋاي بولمىسا مىلاننىڭ بۇ كۈنگە ئۇلىشالىشىمۇ تەس گەپتى  ، خۇدايىم،  بوۋاي مىلاندا ئۇزاقراق تۇرۇپ كەتسىكەن  ، بوۋايلا بولىدىكەن شانلىق كۈنلەر يەنە يىتىپ كىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە ئىزدەپمۇ خۇمپەر دىگەن گەپنى تاپالمىدىم  ، ئۈستىدىكى قارا خەت بولسا ‹‹ كوماندىنىڭ گىربىنى ئالماشتۇرغانغىلا قىزىل قارا قۇشۇننىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ كەتمەيدۇ ، ئىقتىدارسىز رەھبەر بولغاچقا شۇنداق بۇلىدۇ ››      ئاستىدىكى قىزىل خەت  ‹‹ پىپپو بىز ھەرۋاقىت سەن بىلەن ››  ئىقتىدارسىز گالىيانى  دىگەندەك گەپلەركەن  ھىچ خۇمپەر دەپ ئادەم تىللايدىغان گەپنى كۆرمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-30 00:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىۋىم تېما ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز  ، ھىچيەدىن خۇمپەر ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان گەپنى تاپالمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-30 10:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېھال11 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 00:19
تەكلىۋىم تېما ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز  ، ھىچيەدىن خۇ ...

تىما ئىسمىنى ئۆزگەرتەي دىسەم قايتا تەستىقلايدىغان ئىش چىقىدىكەن ، يەنە بىرى مەن بۇنى خەنچىدىن تەرجىمە قىلغان ، بەلكىم خاتا بوپ قالمىغاندۇ ياكى مەن قىستۇرمىغان يەنە بىر نەچچە رەسىملەر بارتى ، شۇنىڭدا باردۇ يا ؟ باشقۇرغۇچىلار مۇۋاپىق كۆرسە ئۆزگەرتىۋەتسە ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-30 18:01:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 06:05
تىما ئىسمىنى ئۆزگەرتەي دىسەم قايتا تەستىقلايدىغان ئى ...

مەن شۇ مەيداندىكى بارچە رەسىملەرگە قاراپ بىرمۇ بىر ئىزدەپ چىققانتىم لىكىن تاپالمىدىم  ،  تەرجىمىنى ياخشى قىپسىز  ، ئەمدى بىز مىلانچىلار مۇشۇنداق ئىشتا سەزگۈرراق كىلىدىكەنمىز ، لىكىن تېمىدا شۇ بىر ئېغىز ھاقارەتتىن باشقا خاتالىق يوق  ، بوپتۇ تۇرۇۋەرسۇن ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-2 22:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش