ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2723 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-29 17:08
دوستلىرىمىزغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، گالىيانى ۋە مىلان دېگەن تېمىدىكى ئىنكاسىمنى چاپلاپ قويدۇم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر...
گالىيانىدا گۇناھ يوق، دەپ قارايمەن ئۆزەمچە.
گالىيانىنىڭ ھەقسىز، قېرىغان، باشقا كوماندىلاردا ئاقمىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى يۆتكەپ كەلگۈسى بارمۇ؟ ئۇنىڭمۇ مادرىدتەك، شەھەردەك خەق نەچچە پۇل باھا قويسا شۇنچە پۇلغا ئەكەلگۈسى يوقمۇ؟ ئاددىي مىسال: ئاتا - ئانىمىزنىڭمۇ يوغان، داچ ا ئۆيلەردە ئولتۇرغۇسى بار، ئەمما يانچۇقتىكى پۇلنىڭ تايىنى يوق ئەھۋالدا باھاسى مۇۋاپىق، تۆتىنچى، بەشىنچى قەۋەتلەردىكى، خەق 7 - 8 يىل ئولتۇرغان، بېزىلىشى مۇۋاپىق، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئۆي بولسىلا بانكا قەرزى قىلىپ ئۆي ئالىدۇ. بانكا ئۆسۈمىنىڭ بەك يۇقىرىلىقى، ئۆينىڭ ئىككىنچى قوللۇقى، بېزىلىشىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەمەسلىكى تەبىئىي ئىش. ئەجىبا، شۇنىڭلىق بىلەن دادىمىزنى سەن نېمە دەپ نوچى ئۆي ئالمىغان، نېمەدەپ ئىككىنچى قول ئۆي ئالغان، دېسەك بولماس.
چۈشىنىكسىز مەسىلە: بۇ ئاددىي داۋلىنى ئەجىبا 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىز چۈشەنگەن يەردە، مىلاننىڭ ئۆزىدە تۇرىدىغان ئوت مەستانىلەر بىلمەي قالماس. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىنى مۇنداق چۈشەندىم: ئۇلار دارىتمىلاۋاتىدۇ. قىزىم ساڭا دەي، كېلىنىم سەن ئاڭلا دەۋاتىدۇ. كىمگە دارىتمىلاۋاتىدۇ؟ بېرلۇسكونىغا. نېمە ئۈچۈن ئۇدۇل دېمەيدۇ؟ ئۇلار بېرلۇسكونىنى يەنىلا بەك ھۆرمەتلەيدۇ. يەنى، ئۇنى يەنىلا دۆلەت رەھبىرى، خەلقنىڭ يولباشچىسى سانايدۇ. (ئۇنىڭ سەتچىلىكى دۆلىتىمىزدە ئەڭ بازارلىق. خەق ئۇنداق قارىمايدۇ). ئىلگىرىكى مىلان دېربىيسىدا ئېنتىرنىڭ مەستانىلىرى مىلاننى مەسخىرە قىلغاندا، موراتتىغا تاج كىيگۈزۈپ، گالىيانىنى سالپىيىپ قالغان جىن شەكلىدە سۈپەتلىگەن. يەنى، نۇرغۇن كىشىلەر بېرلۇسكونىنىڭ كۇلۇبنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەنىلا ھۆرمەتلەيدۇ. نېمىشقا كۇلۇبنىڭ يەنە بىر خوجايىنى بولغان باراباراغا ئاچچىغلىمايدۇ؟ ئۇ بېرلۇسكونىنىڭ قىزى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارابارانىڭ كۇلۇبنى يېڭىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى، بازار ئېچىش، يېڭى مەيدان سېلىش جەھەتتىكى ئىسلاھاتى ھەممىنى قايىل قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن كۇلۇبنىڭ ھەممە ئىشىغا مەسئۇل خوجىدار گالىيانى خاپىلىقتا قېلىۋاتىدۇ...
ئېسىمىزدە بولسۇن، مەيلى فولىرېنتىنو ياكى پارىژ بايلىرى بولسۇن، گالىيانىنىڭ پېيىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى ۋە ئىقتىدارىنى ياۋروپا ئېتراپ قىلغان....
|
|