ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2184 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فارابى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 11:04
ئەجدادلىرىمىز ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام دەپتىكەن. مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئەقەللىي تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن سالام سائەتتىن كىلەي.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىمىي بارچۇق دىيارنىڭ باھادىر ئوغلانلىرىدىن بىرى بولغان مىراس ئەپەندى.
ئوقۇتقۇچىلاردا خىزمىتىگە كۆيۈنمەسلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئېغىر دەپسىز. مەنمۇ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئالدى بىلەن مۇشۇ يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ ئىملاسى توغرىسىدا توختىلاي.
ئۇقۇتقۇچى ئەمەس ئوقۇتقۇچى؛ كۈيۈنمەسلىك ئەمەس كۆيۈنمەسلىك؛
خۇددى بەش بارماق ئوخشاش بولمىغىنىغا ئوخشاش ھەرقانداق كەسىپ، ھەرقانداق ئورۇنلاردا مەسئۇلىيەتسىز ئادەملەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ ساھەسىمۇ بار. خۇددى بىر سېسىق ئالما بىر ساندۇق ئالمىنى سېسىتىپتۇ دىگەندەك ئىشلار جەمئىيتىمىزدە ناھايىتى نۇرغۇن. لېكىن سىز بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى مەسئۇلىيەتسىز، خىزمىتىگە كۆيۈنمەيدۇ دىسىڭىز مېنىڭچە تازا توغرا بولماي قالىدۇ. ھازىرىمۇ ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ بارلىقىنى ۋەتەن، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئاتىۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى نۇرغۇن. ئەسلى ئىنكاسىڭىزغا قارىتا يەنە ئازراق چۈشەنچە بەرگۈم بار ئىدى، ئاخىرىنى يازماي. بەلكىم بۇنىڭدىن نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىڭىز. |
|