ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 262 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار
(ئۆزىمىزگە مۇناسۋەتلىك بولغاچقا يۆتكەپ كېلىندى)
سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش ئىلتىماسى يېقىندا تەستىقلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمچە، شىنجاڭ مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەتقىقات مەركىزى ئاپتونوم رايونىمىزدا مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە مەكتەپ پۇتبول تىرېنېرلىرى، رېپىرلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلىتىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەتقىقات مەركىزىگە 30 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەكتەپلەرنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەنھەرىكىتىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن، بولۇپمۇ مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، مەيدان، ئۈسكۈنە قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيەنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، بالىلار قىزىقىدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن؛ مەكتەپلەردە پۇتبول ئاساسىي ماھارىتى مۇسابىقىسى، كىچىك دائىرىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى، پۇتبول ئويۇنى ۋە مەكتەپ پۇتبول مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر پۇتبول ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىكەن.
ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |
|