akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: forzayuven

تاغىل ئاتلىق شاھزادە-ئالېسساندىرو دېل پىيېرو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-22 12:52:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى داۋاملاشتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بەك كۆپ ھەجىملىك تېما بولۇپ كەتسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ھەقىقىي ئوقۇرمەن تەپسىلىي يېزىلغان تېمىلارنى ئېرىنمەي ئوقۇيدۇ. مېنىڭمۇ شۇنداق تېمىلىرىم بولغان، لېكىن داۋاملاشتۇرۇپ بولالمىغىنىمغا ئۆزۈممۇ خىجىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 15:06:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ھەقىقەتەن ھۆرمەتكە سازاۋەا پۇتبۇلچى، مەن ھازىرقى فىيفا 3 ئويۇنى چىقماستىن بۇرۇن we8 ئويۇنى ئوينايتىم، ھەم يوۋىنتۇس كۇلۇبىنى تاللاپ ئوينايتىم، يوۋىنتۇستا ئبراھىم نوچى ، تىرىزگۇت ، دىل پىئىرو قاتارلىق داڭلىق پۇتبۇلچىلار بارتى ، دىل پىئىرونى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئوينىتاتتىم، ئەمىلىيەتتىمۇ ئوياندىمۇ ياردەمچى پاسلىرى ئىنتايىن ئۆلچەملىك، توپ ئۇرۇش، بىۋاستە ئىختىيارى توپ ئۇرۇشلىرى ناھايىتى ئۆلچەملىكتى مەن ئامراق توپچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى...ھۆرمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 22:15:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل پۇتبولچى ، مەن بۇنى تۇنجى قېتىم  تۇنىغان ۋاختىم مادرىدقا بىر ئىختىيارى توپنى ئۇرۇپ بوپ ، تىلىنى چىقىرىپ  تەبرىكلەش ھەركىتى بەك ئېنىق ئىسىمدە ..... ھازىر ئاۋىستىرالىيە بىرلەشمىسىدىغۇ دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 23:24:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇۋېنتۇستا توپ تەپكەن توپچىلاردىن دىل پئېرلوغا بەك ئامراق . توپ ئۇرغاندا توپنىڭ گۈزەلكىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدغان توپچى .    
لىكىن نىمە سەۋەبتىن يۇۋېنتۇستىن ئايرىلغىنى ئانچە ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن . بىر چۈشەنچە بارسىڭىز بولامدۇ  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-23 00:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   forzayuven تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 00:48  

داۋامى...
                           ئىتالىيەنىڭ ئىككى ئالتۇن ئۆسمۈرىنىڭ مۇناسىۋىتى
W020111020374492220316.jpg

     بىر چىرايلىق ئۇرغان توپ بىلەن ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتىۋاتقان يېڭى يۇلتۇز ئالېكىسنىڭ  كۇلۇبتىكى ئورنى بارغانسىرى كۆتىرلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئاخپاراتچىلار ئۇنى باجىيونىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ كۆپتۈرمە خەۋەرلەرنى ئىلان قىلىۋاتاتتى.ئاخباراتچىلار شۇنداق قىلىپ <<ئالتۇن ئۆسمۈرلەر >> ئارىسىدىكى  مۇناسىۋەتنى ئۆزىچە <<يىرىكلەشتۈرىۋەتتى>>.
     10- نومۇرلۇق كىيىمنى كەيگۈچىنى ئادەتتە بىركۇلۇبنىڭ يادروسى،كوزۇرى دەپ قارايمىز. بۇ قاراش يۇۋېنتۇستىمۇ ئوخشاش ئىدى،مەيلى تارىختىكى دۇنياۋى چولپان پۇلاتىنى ياكى ئەينى ۋاقىتتىكى باجىيو بولسۇن يۇۋېنتۇسنىڭ 10- نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيەتتى. ئاخپاراتچىلار ئۆزىنىڭ  <<ئالتۇن ئۆسمۈرلەر >> مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساس ئىزدەش ئۈچۈن ئالېكىستىن ،سىز 10- نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيىشكە قىزىقامسىز دەپ سورىغاندا ئالېكىس:<<ماڭا يۇۋېنتۇسنىڭ كىيىمىنى كىيىشنىڭ ئۆزىلا زور بىسىم بولىۋاتىدۇ.ھازىرقى  10- نومۇرلۇق كىيىمىنىڭ ئىگىسى ئىتالىيە پۇتبول ساھاسىدە جەڭ قىلىۋاتجىلى ئون يىل بولدى ،ئۇ پۇتبول ساھەسىدە تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە چولپان ،مەن بولسام تېخى ئەمدى بۇ سەھنىگە قەدەم باستىم.مەن ئۈچۈن مۇھىمى ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىمنى بار كۈچۈم بىلەن ئورۇنداپ كۇلۇبنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ھەسسەمنى قوشۇش .مىنىڭ سەبداشلىرىمدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىم ناھايىتى كۆپ ،باجىيو بولسا مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگەم ۋە تىرىشىشتىكى نىشانىم.>> دەپ جاۋاپ قايتۇردى.     گەرچە ئالېكىس باجىيونى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارىسىمۇ ،بىراق باشقىلارنىڭ ئۆزىنى باجىيو بىلەن سېلىشتۇرىشىنى ياختۇرمايتتى.
     ئىتالىيە پۇتبول ساھەسىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە ئىتالىيەنىڭ سابىق پۇتبولچىسى رىۋىللا باجىيو بىلەن ئالېكىسنىڭ يۇۋېنتۇستا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى توغرىسىدىكى مۇنۇ سۆزلىرى ئۇلارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن:<<ئالېكىس ئاشۇ دۇنياۋى توپىنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىتالىيە پۇتبولىنىڭ كىيىنكى يول باشچىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى،مەن ئۇنىڭ ھېچكىم بىلەن ئورۇن تالىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.سىز بەلكىم ئۇلار تەڭ مەيدانغا چىقسا بولىدىغۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ،ئە مىلىيەتتە بۇنىڭ ھاجىتى يوق.مارادونا بىلەن زولامۇ 1986- يىلى ناپولىدا بىرلىكتە جەڭ قىلغان ،ئاقىۋەتتە يەنىلا زولا كۇلۇبتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. باجىيو بىلەن ئالېكىسمۇ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.>>.
     رىۋىللانىڭ دىگىنى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن باجىيونىڭ مىلانغا يۆتكىلىشى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىدى.ئۇ ئاخىرى مىلانغا يۆتكەلدى،ئۇنىڭ كىتىشى ئالېكىسنىڭ يۇۋېنتۇسنىڭ تۈۋرىكىگە ئايلىنىش ۋاقتىنى خېلىلا قىسقارتقان ئىدى.بىراق ئۇ  ئىككىسى توغرىسىدىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان خەۋەرلەر ھالا بۈگۈنگىچە تۈگىگىنى يوق.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-23 01:14:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشئەل يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 23:24
مەن يۇۋېنتۇستا توپ تەپكەن توپچىلاردىن دىل پئېرلوغا بە ...

ئۇ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلغاندا 38ياشقا كىرگەن ئىدى،دىمەك يېشىمۇ چوڭۇيۇپ ئىپادىسىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىغان ئىدى.شۇ ۋاقىتتىكى تېرىنىر كونتى (ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سەبدىشى) ئۇنىڭ مەيدانغا ۋاقتىنى تېخىمۇ قىسقارتىۋەتتى،يەنە بىر خەۋەرلەردە كونتى بىلەن ئانېللى (كۇلۇب خوجاينى) كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئىمتىيازلىق شەخىسلەرنى تازلاش ئۈچۈن توختام ئۇزارتمىغان دىيىشىدۇ.ئىلگىرى ئالىكىسمۇ كۇلۇبتا قېلىش ئۈچۈن بىر قېتىم مۇئاش تۆۋەنلىتىپ توختام تۈزگەن بولمىسا .ئۆزى بولسا كىتىشىم :كەسپى ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دىگەن.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 02:43:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپچىنىڭ  باھاسىمۇ قىممەتكەن . ئۆزىمۇ ياخشى تېپىدۇ ...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 02:52:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 07:43:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز!! رەھمەت! ئىسىل ، نادىر تېما!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش