akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 662|ئىنكاس: 20

تاغىل ئاتلىق شاھزادە-ئالېسساندىرو دېل پىيېرو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئەسلەشكە ئەرزىمەيدىغان ئادەتتىكى بىر پۇتبولچى،بەزىلەر ئۇنى كۆك رەڭلىك قوشۇننىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى باش جىنايەتچى دەپ قارايدۇ...يەنە بەزىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇ مەڭگۈلۈك شاھزادە،تاغىل ئاتلىق قوشۇننىڭ مەڭگۈلۈك سەركىسى!
u=2616446291,2661071405&fm=23&gp=0.jpg

ئالېسساندىرو دېل پىيېرو – ئالېكىس(ئەركىلەتمە ئىسمى) 1974-يىلى 11-ئاينىڭ  9-كۈنى ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋېنېتو رايونى كېنىلىيانو بازىرىدا تۇغۇلغان.ئۇنىڭ دادىسى سېلىتسار ،ئاپىسى ئائىلە ئايالى بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئالېكىسنىڭ دادىسى جىنومۇ پۇتبولخۇمار كىشى ئىدى،ئاكىسى سىتىفانو بولسا كەسپى پۇتبولچى بولغان.بۇ خىل ئائىلە مۇھىتى تەسىرىدە ئالېكىس كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ئوتتەك ئشتىياق باغلىغان.ئۇ ھەركۈنى ئامراق پۇتبولىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتسە تۇن پەردىسى قايرىلغاندا ئۆيىگە قايتاتتى،ئۆيىدىمۇ تېننىس توپنى تېپىپ مەشق قىلاتتى.ئۇلارنىڭ ئۆيى تارراق بولغاچقا ئۆيدىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلارنى سوقىۋەتمەي ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كىلەتتى ،سوقۇپ سالسا بىرنەرسىلەر چېقىلىپ دەشنام يەيدىغان گەپتە.شۇنداق مەشق قىلىپ ئالېكىس تېننىس توپ بىلەن ئۆيدىكى ئۇزچاتنى(ۋىكلىيۇچاتېل) سوقالايدىغان دەرىجگە يەتكەن.دادىسى ئۇنىڭ بۇ مەشقلىرىگە چىداپ بولالماي ھويلىسىغا چىراق ئورنۇتۇپ بېرىپ ئاندىن خاتىجەم بولغان.
      11ياشقا كىرگەن ئالېكىس خېلى كۆپ كۇلۇپلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ، پادوۋا كۇلۇبىنىڭ(ئىتالىيە ب دەرىجلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇب) بايقاۋۇلى پىنتولىيو ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزمەكچى بولغان. بىراق دادىسى جىنو ئۇنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن بېرىشىدە چىڭ تۇرىۋالغانلىقتىن توختام تۈزمىگەن.ئۇنى بايقىغۇچى پىنتىلىيو مۇنداق دەيدۇ:<<ئەينى ۋاقىتتا مىنى قىزىقتۇرغىنى ئۇنىڭ تېخنىكىسى بولماستىن ئۇنىڭ بەدىنىگە ماس كەلمىگەن يوغان يوتىسى.ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولسىمۇ يوتا مۇسكىلى خېلىلا تەرەققى قىلغان ئىدى>>.
W020111020374466449546.jpg

     ئۈچ يىلدىن كىيىن،ئۇ ئون تۆت ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۇنى پادوۋا كۇلۇبىغا ئاپىرىپ بەرگەن،ئەلۋەتتە ئالېكىس مەشقتىن سىرتقى ۋاقىتتا بوغالتىرلىقنى ئۆگۈنۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەندىن كىيىن ئاندىن كۇلۇبغا بېرىشىغا قوشۇلغان.ئىتالىيەدە بوغالتىرلىق كىنىشكىسىنىڭ بولىشى بىر كىشىلىك خىزمەتنىڭ بولىشىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئادەم ئۇنىڭ ئاكىسى سىتىفانو. سىتىفانومۇ كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ئامراق بولۇپ،شۇ رايوندىكى ئىشتىن سىرىتقى كۇلۇبنىڭ غوللۇق ئوتتۇرا مەيدانچىسى ئىدى.1983-1982 مۇسابىقە پەسلىدە رېنايا كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنىپ كەسپى پۇتبولچى بولغان ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقلىق بولغان بولسىمۇ،ئىككى يىللىق توختام توشقاندا كۇلۇب ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتمىغان. ئىشتىن سىرىتقى كۇلۇبنىڭ رەيىسى مۇنداق دەيدۇ:<<بىز ناھايىتى بەختلىك ،بىز ئىككى دېل پىيېرو يىتىشتۈردۇق.سىتىفانو ئالېكىستىنمۇ قالتىس بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭغا چوڭ سەھنىدە ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بولمىدى>>.
   كىچىك ئالېكىسقا نىسبەتەن سىتىفانو بىر داڭلىق چولپان ئىدى،ئۇ ئاكىسىدىن  ناھايىتى پەخىرلىنەتتى.ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئاكىسى ئۇنىڭغا زور ياردەمدە بولغان،ئۇنىڭغا ئىزچىل مەدەت بېرىپ قوللىغان ،كىيىنكى كەسپى ھاياتىدىمۇ ئاكىسى خۇددى ئۇنىڭ ۋاستىچىسىدەك ئۇنىڭغا يول كۆرسۈتۈپ كەلگەن.
      
تۇنجى قېتىم كەسپى بىرلەشمىدە مەيدانغا چىقىش

     1992-يىلى3-ئاينىڭ-15-كۈنى ئالېكىس ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقتى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ 60مىنۇت بولغاندا زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان.تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان بولغاچقا ئۇ جىددىلىشىپ كەتكەن،شۇ ۋاقىتتا سەبدىشى دېلىۋىيو ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان.تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇرىشى بىلەن ئككىسى يۇۋېنتۇستىمۇ بىرلىكتە جەڭ قىلغان.
پادوۋادىكى مەزگىلدە ئالېكىسنىڭ ئىپادىسى بەك ئالاھىدە بولمىغان ،مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولمىغان بولسىمۇ بىراق پادوۋا توپ مەستانىلىرى بۇ يېڭى ماھىرنى ياختۇرۇپ قالغان شۇنداقلا چوڭ كۇلۇبلارمۇ ئۇنىڭغا كۆز تىكىشكە باشلىغان.
W020111020374470032550.jpg

                 
يۇۋېنتۇس كۇلۇبىغا يۆتكۈلۈش

     1992-1993  يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئالېكىس ئون مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىپ بىر توپ ئۇرغان،ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە پادوۋا كۇلۇبىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر يۇۋېنتۇس كۇلۇبى بىلەن ئالېكىسنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىدى.بىر مەزگىللىك تالاش – تارتىشتىن كىيىن 270مىليون ئامرىكا دوللىرىلىق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن بۇ سودا پۈتتى.توختامدىكى 84000 ئامرىكا دوللىرىلىق ئايلىق مۇھاشى پادوۋادىكى 34000لىق مۇھاشىدىن خېلىلا يۇقۇرى ئىدى.ئالېكىسنىڭ يۇۋېنتۇسغا يۆتكەلگەنلىك خەۋىرى ئىلان قىلىنغان كۈنى ئالېكىس گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈردى ،دەل شۇ كۈنى ئۇ بوغالتىرلىق كىنىشكىسىنىمۇ قولىغا ئالدى.بۇ كۈن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر كۈن ،تاغىل ئاتلىق قوشۇنغا باغلانغان  19 يىللىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ، مەدھىيە،گۇمان،قوللاش،ئۈمىد،مىسكىنلىك،جاسارەت ۋە ساداقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسى !
BbsImg14154163792466_620_410.jpg

         
ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە تۇنجى مەيدانغا چىقىش

  ئىتالىيە پۇتبول ساھەسىدە يۇۋېنتۇس گەرچە تارىخى ئۇزۇن زەردار كۇلۇب بولسىمۇ لىكىن 90- يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى مىلان خاندانلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى.گەرچە يۇۋېنتۇسنىڭ روبېرتو باجىيو،راۋانېللى ۋە ۋىياللىلاردىن تۈزۈلگەن ئىتالىيەنىڭ داڭدار ھۇجۇم سېپى بولسىمۇ بىراق ۋان باستىن ،گۇللىت ۋە رىج كارد قاتارلىق ئۈچ شەمشەرۋاز باشچىلىغىدىكى مىلان بىلەن كۈچ ئېلىشالمايۋاتاتتى.شۇڭا مەستانىلارمۇ كۇلۇبدىن نارازى بولۇشۇپ ئاساسلىق ماھىرلانى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى.مۇشۇ سەۋەبتىن يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ياش ئالېكىسقا پۇرسەت بەرمەكچى بولغان.  
بىرلەشمە باشلىنىشنىڭ ئالدىدىكى مەشقتە ئالېكىس باشقا ياشلارغا ئوخشاش تېرىنىر ئالدىدا مەقسەتلىك ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى ،تېخنىكىسى ۋە ئاز سۆزلەپ كۆپ ئىش قىلىش پىرىنسىپى تىراپاتتونىنىڭ(شۇ ۋاقىتتىكى يۇۋېنتۇسنىڭ تېرىنىرى) ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
1993- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ،18ياشلىق ئالېكىس جېنوۋا(رېنايا) كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقتى.بۇ ئۇنىڭ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە تۇنجى مەيدانغا چىقىشى ئىدى.ئۈچ كۈندىن كىيىنكى لوكېموتىۋ موسكىۋا (موسكىۋا پاراۋۇز) كوماندىسى بىلەن بولغان ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىدا مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ياۋروپا سەھنىسىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باستى.ھەپتە ئاخىرىدىكى ساھىبخان مەيداندىكى رېجىنا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 80مىنۇت بولغاندا راۋانېللىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقىپ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇردى.
1994-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى  ئالېسساندىرو دېل پىيېرو دىگەن ئىسىم پۈتۈن ئىتالىيەگە تارالدى.ئۇ كۈنى يۇۋېنتۇس بىرلەشمىدە كۈچلۈك رەقىبى بولغان پارما كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى.بۇ مەيدان ئۇچرۇشۇشتا يۇۋېنتۇس 4-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى،ئالېكىس مۇسابىقىنىڭ 20،57،87 – مىنۇتلىرىدا توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويۇنى ئوينىدى.بۇ نەتىجە مەستانىلەرنى بەكلا خوش قىلدى،ئۇلار ھەتتا كوماندىمىزدا يېڭى تارىخ يارىتىدىغان توپچى مەيدانغا كەلدى دەپ چوقان سېلىشتى.ئالېكىس بولسا مۇخبىرلاغا ئاددىلا: <<مەن ئا بىرلەشمىدىكى تەرەققىياتىمنىڭ بۇنداق ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم>>دىدى.ئالېكىس ماھارىتىنى نامايان قىلىۋاتقاندا باجىيو زاپاس ئەزالار قاتارىدا مۇسابىغە كۆرىۋاتاتتى،بەلكى ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىشنى ئويلۇشۇپ بولغان بولىشى مۇمكىن ئىدى.ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ئالېكىس توغرىسىدىكى سۇۋالىغا :<<مەشق جەريانىدائۇنىڭ چەبدەسلىكى ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى،ئۇنىڭ توپ ئۇرۇش سەزگۈسى ئالاھىدە ئۆتكۈر.پارما بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ئۆز تالانتىنى ھەممىگە نامايان قىلدى،ئۇنىڭ كەلگۈسى پارلاق>>دىدى.
ئالېكىسنىڭ يۇۋېنتۇسقا كىلىشى باجىيونىڭ يۇۋېنتۇستىكى ئورنىغا تەھتىد ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ،باجىيو ئۇنىڭغا ھەسەت ،دۈشمەنلىك بىلەن مۇھامىلە قىلماستىن ئىزچىل ئۇنىڭغا ئىلھام مەدەت بېرىپ ئۇنىڭ تېزراق كوماندىغا ماسلىشىشىغا زور ياردەمدە بولدى.بىراق ئككىلىسى ئىچ مىجەز، كۆپ گەپ قىلمايدىغان مىجەزى بولغاچقا ،ئۇلار ئارىسىدا قىزغىن پاراڭلارمۇ ئا زبولاتتى،شۇ سەۋەبتىن ئاخپاراتچىلار ئۇلارنى ئۆز ئارا دۈشمەندەك كۆرسۈتۈپ خەۋەرلەرنى ئىلان قىلىپ ئۇلارغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى كەلتۈرگەن.   
ئەمىلىيەتتە 1994-1995 يىللىق مۇسابىقە پەسلىنى ئالېكىسنىڭ ئا بىرلەشمىدىكى ھاياتىنىڭ ھەقىقى باشلىنىشى دىسەك خاتالاشمايمىز.كۇلۇبنى نەتىجىسى ئىزچىل بىرخىللا بولۇپ،مىلانغا خىرىس ئېلىپ كىلەلمىگەنلىكتىن كۇلۇب داڭلىق تېرىنىر لىپپىنى يۆتكەپ كەلدى. لىپپى ئالېكىسنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەمدە كۇلۇپتا مۇنەۋۋەر ئۈچ ھۇجۇمچى بولغانلىقتىن ئۇنى پارما كۇلۇبىغا ئىجارىگە بەرمەكچى بولغان.لىكىن پارما كۇلۇبىنىڭ قوشۇمچە تەلىپىنى قوبۇل كۆرمىگەنلىكتىن بۇ سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولماي ئۇ يۇۋېنتۇستا قېلىپ قالغان .(پارما كۇلۇبى ئەينى ۋاقىتتا ئالىكىس كىيىن باشقا كۇلۇبغا يۆتكەلسە يۆتكىلىش سوممىسىنىڭ يېرىمىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.)
                           
پۈتۈن مەملىكەتنى ھاڭ – تاڭ  قالدۇرغان گۈزەل توپ

1994-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى فىلرونسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە باجىيو يارىدار ھالەتتە مەيدانغا چىققاچقا ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتاتتى  ،يۇۋېنتۇسمۇ مۇسابىقىدە ئككى توپ كەينىدە قالدى.مۇسابىقە داۋاملىشىپ 73 مىنۇت بولغانسا لىپپى ئاخىرى باجىيونىڭ ئورنىغا ئالېكىسنى ئالماشتۇردى.ئۇ مەيدانغا چىقىپ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى، فىلرونسىيەمۇ يېڭى دەرىجە ئۆرلەپ چىققاچقا مەستانىلەرنىڭ ئىككى يىللىق دەرىجە چۈپ كەتكەندىكى كۆڭۈلسىزلىكنى تېزراق ئۇنتۇشى ئۈچۈن جان تىكىپ ئويناۋاتاتتى.شۇ 17 مىنۇتتا يۇۋېنتۇس ئىككى توپ ئۇرۇپ فىلرونسىيەنىڭ غەلبە چۈشىنى بەربات قىلدى،بولۇپمۇ ئالېكىسنىڭ بوشلۇقتىن چۈشۈرمەي ئۇرغان قالتىس توپى پۈتۈن ئىتالىيەنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.مۇشۇ بىر توپ ئۇنىڭ ئىتالىيە پۇتبول ساھەسىدىكى ئورنىنى بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردى.
<<تالانت ئىگىسىنىڭ گۈزەل توپى>>،<<يۈز يىلدا بىر كۆرىلىدىغان چىرايلىق ئۇرۇلغان توپ>>،<<تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۇزەل كىرگەن توپ>> ...مانا بۇلار ئاخپاراتچىلارنىڭ شۇ توپقا بەرگەن باھالىرى،ھەتتا ئىتالىيەدىكى ئەڭ بازارلىق تەنتەربىيە گىزىتىمۇ بىرىنچى بېىتىنى مەخسۇس مۇشۇ گۈزەل توپقا ئاجراتقان،بۇنداق داغدۇغا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان دىيىشكە بولاتتى.پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق شەخىسلەرمۇ تۇشمۇتۇشتىن باھالارنى بېرىپ مەدھىيەلەر ئوقۇغان ئىدى.
file:///C:/Users/man/Desktop/piero1.gif

         
داۋامى بار.....  بۇ تىمىنى بەكلا تەپسىلى يازدىم ئۇزۇنراق بولۇپ قالدى،داۋامىنى يازسام تېخىمۇ ئۇزۇراپ كىتىدىغاندەك تۇرۇدۇ شۇڭا سىلەرنىڭ تەكلىپىڭلارنى ئاڭلاي دەپ  بىر قىسمىنى يوللۇدۇم .ئەگەر بەك ئۇزۇنكەن دىسەڭلار ،بۇنداق تەپسىلىي يازماي قىسقارتىپ يوللىساممۇ بولىدۇ....

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-23 00:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   forzayuven تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 00:48  

داۋامى...
                           ئىتالىيەنىڭ ئىككى ئالتۇن ئۆسمۈرىنىڭ مۇناسىۋىتى
W020111020374492220316.jpg

     بىر چىرايلىق ئۇرغان توپ بىلەن ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتىۋاتقان يېڭى يۇلتۇز ئالېكىسنىڭ  كۇلۇبتىكى ئورنى بارغانسىرى كۆتىرلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئاخپاراتچىلار ئۇنى باجىيونىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ كۆپتۈرمە خەۋەرلەرنى ئىلان قىلىۋاتاتتى.ئاخباراتچىلار شۇنداق قىلىپ <<ئالتۇن ئۆسمۈرلەر >> ئارىسىدىكى  مۇناسىۋەتنى ئۆزىچە <<يىرىكلەشتۈرىۋەتتى>>.
     10- نومۇرلۇق كىيىمنى كەيگۈچىنى ئادەتتە بىركۇلۇبنىڭ يادروسى،كوزۇرى دەپ قارايمىز. بۇ قاراش يۇۋېنتۇستىمۇ ئوخشاش ئىدى،مەيلى تارىختىكى دۇنياۋى چولپان پۇلاتىنى ياكى ئەينى ۋاقىتتىكى باجىيو بولسۇن يۇۋېنتۇسنىڭ 10- نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيەتتى. ئاخپاراتچىلار ئۆزىنىڭ  <<ئالتۇن ئۆسمۈرلەر >> مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساس ئىزدەش ئۈچۈن ئالېكىستىن ،سىز 10- نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيىشكە قىزىقامسىز دەپ سورىغاندا ئالېكىس:<<ماڭا يۇۋېنتۇسنىڭ كىيىمىنى كىيىشنىڭ ئۆزىلا زور بىسىم بولىۋاتىدۇ.ھازىرقى  10- نومۇرلۇق كىيىمىنىڭ ئىگىسى ئىتالىيە پۇتبول ساھاسىدە جەڭ قىلىۋاتجىلى ئون يىل بولدى ،ئۇ پۇتبول ساھەسىدە تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە چولپان ،مەن بولسام تېخى ئەمدى بۇ سەھنىگە قەدەم باستىم.مەن ئۈچۈن مۇھىمى ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىمنى بار كۈچۈم بىلەن ئورۇنداپ كۇلۇبنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ھەسسەمنى قوشۇش .مىنىڭ سەبداشلىرىمدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىم ناھايىتى كۆپ ،باجىيو بولسا مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگەم ۋە تىرىشىشتىكى نىشانىم.>> دەپ جاۋاپ قايتۇردى.     گەرچە ئالېكىس باجىيونى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارىسىمۇ ،بىراق باشقىلارنىڭ ئۆزىنى باجىيو بىلەن سېلىشتۇرىشىنى ياختۇرمايتتى.
     ئىتالىيە پۇتبول ساھەسىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە ئىتالىيەنىڭ سابىق پۇتبولچىسى رىۋىللا باجىيو بىلەن ئالېكىسنىڭ يۇۋېنتۇستا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى توغرىسىدىكى مۇنۇ سۆزلىرى ئۇلارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن:<<ئالېكىس ئاشۇ دۇنياۋى توپىنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىتالىيە پۇتبولىنىڭ كىيىنكى يول باشچىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى،مەن ئۇنىڭ ھېچكىم بىلەن ئورۇن تالىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.سىز بەلكىم ئۇلار تەڭ مەيدانغا چىقسا بولىدىغۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ،ئە مىلىيەتتە بۇنىڭ ھاجىتى يوق.مارادونا بىلەن زولامۇ 1986- يىلى ناپولىدا بىرلىكتە جەڭ قىلغان ،ئاقىۋەتتە يەنىلا زولا كۇلۇبتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. باجىيو بىلەن ئالېكىسمۇ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.>>.
     رىۋىللانىڭ دىگىنى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن باجىيونىڭ مىلانغا يۆتكىلىشى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىدى.ئۇ ئاخىرى مىلانغا يۆتكەلدى،ئۇنىڭ كىتىشى ئالېكىسنىڭ يۇۋېنتۇسنىڭ تۈۋرىكىگە ئايلىنىش ۋاقتىنى خېلىلا قىسقارتقان ئىدى.بىراق ئۇ  ئىككىسى توغرىسىدىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان خەۋەرلەر ھالا بۈگۈنگىچە تۈگىگىنى يوق.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 08:53:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 09:02  

ئىتالىيەدىكى باگگىئودىن كېيىنكى يەنە بىر سەنئەتكار. خەنزۇلارنىڭ گېپى بويىچە ھەقىقىي 9 يېرىمىنچى ماھىر. رونالدىنىئودىن كېيىنكى رېئال مادرىد مەستانىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالغان ماھىر. (21 - ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، رونالدىنىئو، پىئېرو ۋە پىرلوغا مادرىد مەستانىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالغان، مېنىڭ كۆرگۈنۈم).
  مىلاننىڭ تېمىلىرىنى ئاندا - ساندا بولسىمۇ يېزىۋاتاتتۇق، يۇۋېنتۇسقا ئائىت ئېسىل تېما بۈگۈن ئوتتۇرىغا چىقتى، ئوبدان ئىش بولدى. ئىنتېرچىلار، سىلەرنى ساقلاۋاتىمىز، دەرھال تېما بىلەن مەۋجۇدلۇقۇڭلارنى ئاشكارىلاڭلار، بولمىسا يۇۋېنتۇس بىلەن بىرلىشىپ يېغىرىڭلارغا تېگىمىز.
   مىلاندا پەقەت ئىككىلا كوماندا بار، بىرى مىلان، يەنە بىرى مىلاننىڭ ياشلار كوماندىسى.
   نادىر تېما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 09:31:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
270مىليون ئامىركا دوللىرى بىلەن يوتكەكگەن بولسا  بۇ بەك قىممەت يوتكۇلۇشكەنغۇ،خاتا بۇلۇپ قالمىغاندۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 10:15:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 10:42:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پۇتبولچىنىڭ تەبرىكلەش ھەركىتى ئۆزگىچە تىلىنى رەسمى چىقىرىپ مەيداننى يىرىم ئايلىنىدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 11:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما بەك ياخشى چىقىپتۇ! داۋامى تىزراق چىقسا بولاتتى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 11:33:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 11:45:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
270 مىليۇن ئامىرىكا  دوللىرىلىق يۆتكىلىش سوممىسى بۇ بەك جىق پۇلغۇ ئۇ چاغلاردا پۇلنىڭ خىلى كۈچى بار تۇرسا ...........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 11:52:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسل تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 12:08:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېل پىيېرو نىڭ تەبرىك ھەركىتىگە نىسپەتەن ئۇنىڭ تېلى ھېلىمۇ بەرداشلىق بەردى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 12:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بىلەن مىسسى ئىككىسىنىڭ باھاسىنى قوشسىمۇ بۇنىڭ باھاسىغا تەڭ كېلەلمىگۈدەك.
دۇنيادىكى ئەڭ يۇقۇرى باھالىق توپچىكەندە بۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-22 12:51:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى 2.7 مىليون ئىدى خاتا يېزىلىپ قاپتۇ ،ئۆزرە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش