ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2106 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 11:50
بىرىنچىدىن، دۆلەت باشلىقىمۇ ئادەم. كىلىنتون ۋە پۇتىننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىمۇ ئاز ئەمەس. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەسى باشلىقلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئاشكارىلىمىدى خالاس.
ئىككىنچى، مەن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدەنگەن. سۇمرۇغ تېلېۋىزيە ئىستانىسسى مۇشۇ ھەقتە "千面总理" بېرلۇسكونى دەپ مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ، ئەخلاقى مۇشۇنداق كىشىنىڭ قانداقسىگە مۆجىزىلەرچە ئۈچ قېتىم زۇڭلى بولالىغانلىقىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن پاراڭلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى يالغان بولۇپ، مېدىيالارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەرب كىشىلىرى، بولۇپمۇ ئىتالىيەلىكلەر نىكاھ مەسىلىلىرىدە بىزگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە قاراشتا بولۇپ، ئاجرىشىش، يېڭى لايىق تېپىش قاتارلىقلارغا ناھايىتى رومانتىكىلىق قاراشتا ئىكەنلىكى، بېرلۇسكونىنىڭ دەل ئىتالىيەلىكلەرنىڭ نەزەرىدىكى رومانتىك، ئويۇنچى يەنى خاتالىقىمۇ بار، توغرا يېرىمۇ بار ئىنسان ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ جەلپكار نۇقتىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. شۇڭا ئۇ ھەقتە سوت بىرقانچە قېتىم كېسىم ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھەممىسىنىڭ پاكىتسىز، ئىسپاتسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، ھۆكۈملەر بىكار قىلىندى. ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەدىكى بىر قانچە مۇخبىر شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن جەرىمانە تۆلىدى ۋە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدى. شۇ ئېسىمىزدە بولسۇن، ئەخلاقنى بىزلا ئەمەس غەربلىكلەرمۇ چوڭ بىلىدۇ، ئاشۇنداق جەمئىيەتتە ئەخلاقسىز كىشىنىڭ رەھبەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. |
|