elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2869|ئىنكاس: 67

مىلان ئېمپىراتورى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 01:36  

   ئۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە ئەرلەرنىڭ نىشانى ۋە ئەڭ يۇقىرى پەللىسى. چۈنكى، ئۇ بىر دۇنياۋىي چوڭ دۆلەتنىڭ باشلىقى، ئۇ دۇنياۋىي چوڭ شىركەتنىڭ خوجايىنى، ئۇ دۇنياۋىي چوڭ باي، ئۇ دۇنياۋىي داڭلىق، زەردار كۇلۇبنىڭ خوجايىنى.
  ئۇ مىلان مەستانىلىرىنىڭ، شۇنداقلا پۇتبولنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلارنىڭ نەزەرىدە مىلاننىڭ مەڭگۈلۈك شەرىپىنىڭ بەلگىسى، ئۇتۇق جەھەتتە رېئال مادرىدنىڭ ئەڭ قالتىس رەئىسى بېرنابۇدىن قالسىلا ئەڭ مەشھۇر رەئىس، مىلاننىڭ مەڭگۈلۈك خوجايىنى، پۇتبول تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى.
  ئۇ كۆپ قىسىم ئىتالىيەلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان رەھبەر، ئوتتۇرا – تۆۋەن بۇرژۇئازىيەنىڭ نىجاد يۇلتۇزى، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ رومانتىك، ھېسسىياتچان، داڭق قازىنىشقا ھېرىسمەن، ئۆلۈك سىياسىيدىن بىزار خاراكتېرىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.
  يېڭى توپ مەستانىلىرىنىڭ ۋە شەرقچە ئەخلاق قارىشى بىلەن قوراللانغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە، ئۇ سىياسىي لۈكچەك، خوتۇنپەرەس يانچۇقچى، پىخسىق خوجايىن، مەغلۇب رەئىس...

رۇسىيە زۇڭتۇڭى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرى

رۇسىيە زۇڭتۇڭى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرى

  مەن بۇ تېمىدا ئۇ توغرۇلۇق جىق توختالمايمەن، پەقەت تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا ئارقىلىق بەزى مۈجمەل نەرسىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىمەن.

1. ئۇنىڭدىنمۇ قالتىس كۇلۇب خوجايىنى (رەئىسى) بارمۇ؟
   بار دېيىشكە توغرا كەلسە، پەقەت ۋە پەقەت رېئال مادرىدنىڭ سابىق رەئىسى سانتياگو بېرنابۇنى ساناشقا بولىدۇ. خوجايىننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان - قازانمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ توغرا ئۆلچەم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە گىگانت چولپان! بېرنابۇدا ئۇزۇن قۇلاق لوڭقىدىن (ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى) ئالتىسى بار، ئۇنىڭ دەۋرىدە دىسىتىفانو قاتارلىق گىگانت چولپانلار تولىمۇ كۆپ. بېرلۇسكونىدا يوغان قۇلاقتىن بەشى ۋە ۋان باستېن، رىجكارد، شېۋىچىنكو ۋە كاكا قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار ئاز ئەمەس. ئەلۋەتتە، بېرنابۇ رېئال مادرىدقا 35 يىل رەئىسلىك قىلغان، بېرلۇسكونىغا تېخى 29 يىل بولدى، دېمەك، كەلگۈسى 6 – 7 يىلدا بەزى نەتىجىلەردە ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىشى، ھەتتا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
2. ئۇنىڭ قانچىلىك مۈلكى بار؟
ئۇنىڭ ھازىرقى مال – مۈلكى 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، فۇبۇس باھالىغان 2014 – يىللىق دۇنياۋىي زەردارلار ئىچىدە 141 – ئورۇندا تۇرغان. ئۇنىڭ بايلىقى ئىلگىرى ھەتتا، 13 مىليار ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتكەنىدى. بېرلۇسكونى ئەڭ بۇرۇن ئۆي – مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان بولسا، 70 – يىللاردىن باشلاپ رادىيو – تېلېۋىزىيە ساھەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىتالىيەنىڭ رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال، تور قاتارلىق ساھەلىرىنى مونوپول قىلغان، 1988 – يىلىلا مىليادېرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
   تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىكىم «دۇنيانىڭ ئاخبارات تارىخى» دەرسىلىكىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە ئىتالىيەنىڭ قانۇنىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئىتالىيەنىڭ ۋە ئىسپانىيەنىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسسىلىرىنى بابلىغانلىقىنى مەدھىيەلەنگەن. ئۇ دۇنياغا داڭلىق مېدىيا فېنىن ۋېست شىركىتىنىڭ خوجايىنى.

چوڭ قۇلاق

چوڭ قۇلاق

3. بېرلۇسكونى بولمىغان بولسا مىلاننىڭ بۈگۈنى قانداق بولاتتى؟
  بېرلۇسكونى 1986 – يىلى مىلاننى سېتىۋالغان ۋاقىتتا، مىلان لاتارىيە سەتچىلىكى تۈپەيلى ب دەرىجىلىكلەر قاتارىدىن ئارانلا چىققان، كوماندىنىڭ كۈچى ئاجىز ئىدى. بېرلۇسكونى بۇ كوماندىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن مىلان دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ، ئارقا – ئارقىدىن ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى قولىغا ئالدى. ھازىرغا قەدەر ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى 8 قېتىم، ئۇزغۇنلۇق 5 قېتىم، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى 5 قېتىم بېرلۇسكونىنىڭ ھېمايىسىدە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ سايىسىدە، 7 ئادەم قېتىم ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى، 3 ئادەم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولدى. ھېچكىم كۆزگە ئىلمىغان ساچى، تۈزۈك كوماندا تۇتۇپ باقمىغان كاپېلو، «مەڭگۈلۈك ئىككىنچى» دەپ لەقەم قويۇلۇپ، كىشىلەر مەنسىتىمىگەن ئەنچېلوتى ئۇنىڭ قولىدا ياشناپ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر تىرېنېرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ساچى يالغۇز مىلاننىلا ئەمەس، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىمۇ ياخشى تۇتتى. كاپېلو رىمدىن يۇۋېنتۇسقىچە، مىلاندىن مادرىدقىچە چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمىدى. ئەنچېلوتى مىلاندىلا ئەمەس بارغان كۇلۇبلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇق قازاندى.
   بېرلۇسكونى بىر دۆلەت باشلىقىغا خاس ئىش قىلدى. مىلاندا ئەزەلدىن يەرلىك توپچىلار ئاز ئەمەس ئىدى. مىلاندا يېقىنقى 20 – 30 يىلدىن بۇيان، مەيدانغا چىققان 11 ئاساسلىق ئەزانىڭ ئىچىدە ئىتالىيەلىك توپچىلار 5 – 6 دىن، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم مەيداندا 4 تىن كەم بولمىدى. قانچىلىك كۇلۇب مۇشۇخىل ھالەتنى ساقلىيالايدۇ. ئۇ ئىتالىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە يەنىلا باشقىچە ياخشى مۇئامىلىدە بولدى.
  ئۇ بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى مىلان بولمايتتى، ئىتالىيە كۇلۇبلىرى 20 – 30 يىلدىن بۇيان ياۋروپاغا ئاساسەن دېگۈدەك بوزەكلا بولاتتى. «ئۈچ قىلىچۋاز»، «پولات مۇداپىيە»، «58 مەيدان ئۇدا يېڭىلمەسلىك»، «ئارقا – ئارقىدىن ئۇزغۇنلۇقنى ئېلىش»، «مىلان خاندانلىقى» قاتارلىق پۇتبولنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىلىرى كۆرۈلمەيتتى. بۇ دۇنيا پۇتبولچىلىقى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش بولاتتى، خۇددى 50 – يىللاردىكى مادرىد، 70 – يىللاردىكى بايرېن، 2010 – يىللاردىكى بارسېلونا بولمىسا پۇتبول غېرىپ بولۇپ قالغاندەك...
4. ئۇ نېمىشقا پىخسىقلىق قىلىدۇ؟
  ئۇنى تارىختىكى ئەڭ سېخىي كۇلۇب خوجايىنى دېسەك خاتالاشمايمىز. بۇرادەر، بۇ گەپكە پىكىرىڭىز بولسا سىز پەقەت يېقىنقى 2 – 3 يىلدىن بۇيانقى مىلاننى بىلىدىكەنسىز، پۇتبول تارىخىنى بىلمەيدىكەنسىز.

مىلانغا خوجايىن بولغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى

مىلانغا خوجايىن بولغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى


  ئۇنىڭ كۇلۇبنى سېتىۋالغىنىغا، يېنىدىن ياپيېشىل دوللار، كۆپكۆك ياۋرونى تاراسلىتىپ چىقىرىۋاتقىنىغا ئاز كەم 30 يىل بولدى. 30 يىل دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ 30 يىل بۇرۇن ئۇ شاراقلىتىپ پۇتبولغا پۇل خەجلەشكە باشلىغاندا ئابلايىموۋىچ تېخى ھاۋاخانلىق قىلىدىغان قىز دوستىنىڭ ياردىمىدە ئەتكەس تاماكا، ئەتىر سېتىپ يۈرەتتى. مەنسۇر باي ئوقۇۋاتاتتى. دېمەكچى، ئابلايىموۋىچنىڭ پۇتبولغا پۇل خەجلىگىنىگە ئەمدى 12 يىل، مەنسۇرغا ئەمدى 5 يىل بولدى. ئۇلار  20 يىلدىن كېيىن يەنە شۇنداق پۇل خەجلىيەلەمدۇ – يوق، بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. يەنە كېلىپ، ئابلايىموۋىچ ئۇزغۇنلۇقنى 10 يىلدا ئالغان، مەنسۇر باي تېخى ئېلىش ئەمەس، گۇرۇپپىدا يىغلاپ يۈرگەن بولسا بېرلۇسكونى پەقەت ۋە پەقەت ئالدىنقى 5 يىلدىلا ئۇزغۇنلۇقنى ئىككى قېتىم پېتىغداپ، مىلان دېسە قالغان كۇلۇبلار غال – غال تىترىگىدەك قىلىپ بولغان. دېمەكچى، ئابلايىموۋىچ بىلەن مەنسۇر باي مۇشۇ خىل پۇل خەجلەش ئەندىزىسىنى يەنە 20 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرالامدۇ؟ ئەگەر ئوڭۇشلۇق ھالدا داۋاملاشتۇرالىسا ئاندىن بېرلۇسكونىغا تەڭلىشىدۇ. رۇسىيە ئىقتىسادى ۋە نېفىت بازىرى كاسات بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئابلايىموۋىچمۇ پۇلنى ئاياپ خەجلەشكە چۈشتى، مەنسۇرمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا باشلىدى.
   ۋان باستېن 12 يېرىم مىليون دوللار، گۇللىت 8 يېرىم مىليون دوللار، رىجكارد 6 مىليون دوللار ... بۇ 1987 – يىللاردىكى بۇ ئۈچ ماھىرنىڭ مىلانغا يۆتكىلىش ھەققى بولۇپ، ھازىرغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 150 مىليون دوللارغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يانچۇقىدىن چىقارغان، ھەرگىزمۇ فىلورېنتىنودەك ياكى لابورتادەك كۇلۇبنىڭ مالىيەسىدىن ئەمەس!! ئۇ ئۇدا 26 يىل دېگۈدەك ياۋروپادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى قىممەت توپچىلارنى سېتىۋېلىپ كەلدى. نېستا، ئىنزاگى، رۇي كوستا، شېۋىچىنكو، جىلاردىنو، كالادزې، پىرلو قاتارلىقلار ھەرگىزمۇ بىكارغا كېلىپ قالمىغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ ۋاقىتلاردا ئالدىنقى قاتاردىكى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن كەلگەن.
ئۇ ھازىر نېمىشقا پۇل چىقارمايدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئويغىنىشىدۇر.
مىلان تاكى يېقىنغىچە ئائىلىگە، بېرلۇسكونىنىڭ خۇسۇسىي ئويۇنچۇقىغا ئوخشايتتى. ئۇ كۇلۇب زىيان تارتسىمۇ پۇل خەجلەيتتى، كۇلۇبنى ئوينىتىش پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزى مارىيانا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ شىركىتى فېنىن ۋېست شىركىتىنىڭ لىدىرى بولۇپ، بۇ شىركەت مىلاننىڭ ئانا شىركىتى ۋە باشقۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. مارىيانا دۇنيا ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە مىلاننىڭ قەرزىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، مىلاننى ئائىلىۋىي بويۇمدىن رېئال مادرىد ۋە بارسېلوناغا ئوخشاش ھەقىقىي شىركەت، پايدا – زىينىغا ئۆزى ئىگە كارخانا قىلىپ، كوماندىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مالىيەسىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، بېرلۇسكونىنىڭ شەخسىي غەللىدىن پۇل چىقىرىشىنى توسىغان.



   نەتىجە: مىلاننىڭ يېقىنقى 2- 3 يىلدىن بۇيانقى ئىپادىسى ناچار بولسىمۇ، ئەمما مالىيە قىزىل رەقىمى تولۇق يوقاپ، ھەقىقىي پايدا يارىتىلدى. يېڭى خىزمەت بىناسى پۈتتى، يېڭى مەيدانغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرمۇ پۈتۈپ، يېڭى مەيداننى سېلىشقا يۈرۈش قىلدى، بازار ئېچىش، خەلقئارالىق تەسىرنى كېڭەيتىش نىشانى ئىشقا ئاشتى، كوماندىنى ياشلاشتۇرۇش نىسبەتەن ئوڭۇشلۇق بولدى...
  دېمەك، بېرلۇسكونىنىڭ ھازىرقى چېكىنىشى قانداقتۇر پىخسىقلىق ئەمەس، بەلكى كوماندىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن كۈچىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ پۇل بىلەنلا ئۇتۇق قازىنىش مۇتلەق ئەمەس. نەچچە يىلدىن بۇيانقى مانچېتىر بىرلەشمىسى، ئارسېنال ۋە لىۋېرپول پۇلنى مىلاندىن ئاز خەجلىگەنمۇ؟ خوجايىنلىرى شۇنداق ئۇتۇق قازىنىپ كەتتىمۇ؟؟
  شۇڭا، مەسىلىنى قانداقتۇر ئۆزىمىزنىڭ 5 يىل بۇرۇنقى ۋاقتىدا ئويلىماي، تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە يېڭىراق ئۇسۇلدا ئويلايلى...
ئاللا خالىسا، بېرلۇسكونىنىڭ تولۇق تەرجىمىھالىنىمۇ چوقۇم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن...



بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىنى مۇنداق قارشى ئالدى

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىنى مۇنداق قارشى ئالدى


ئاۋۇ چولپانلارغا قاراڭ

ئاۋۇ چولپانلارغا قاراڭ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 12مۇنبەر پۇلى +750 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 50 قالتىس!
9مۇرادىل + 50 قالتىس!
بىرازىلىيە + 50 ئىككىنچى ئامراق كۇلۇب.
sports + 100 قوللاش!
بېرنابۇ + 100 ئېسىل تېما
dilmurat. + 50 قالتىس!
ئايقۇت + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 50 قالتىس!
مالدىنى + 100 ھەقىقەت
مىلەن + 50 ئېسىىىىىىىىىىل
قۇياش + 50 قالتىس!
isyanqi + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما.... بۇ تېمىدىن نۇرغۇن نەرسىنى ھېس قىلدىم ۋە بىلدىم.  رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:36:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان توغىرسىدا    يېڭى  بىلىملەرنى   بىلۋالدىغان  بولدۇمدە !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:41:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:43:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن، يەنىلا مىلاننىڭ بۇنداق چۈشكۈنلىشىشىگە ئادەم پەقەت چىداپ بولالمايدىكەن، مىلان نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدىكىدەك ھالەتكە يەتكەن بولسا ، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە.... تۇرۇپ-تۇرۇپ، مىلاننىڭ كوماندا ناخشىسىنى ( گىتتاردا بىر ئايال ئورۇنلىغان) ئاڭلاپ قويىمەن، پاتودىن كېيىن ئۇنىڭ بىرەر دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپچىنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:48:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئىشنى چوڭقۇرلاپ ئويلىغىنىمىزدا،ئۇ ئىشنىڭمۇ ياخشى   تەرىپى بارلىقىنى ھىس قىلالايدىكەن!

تىمىڭىزغا رەھمەت!سادىق مىلەن مەستانىسى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىلىرىڭىز  ئاخىرى  روياپقا  جىقىپتۇدە ، ئالدىرماي قايتا بىر ئۇقۇپ  ھەزىم قىلاي  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:49:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايېرىننى ئەڭ ياقتۇرىمەن، لېكىن، ھەرگىزمۇ مىلاننىڭ ئالدىغا تىزىۋالالمايمەن...... مېنىڭچە، مىلان كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىدۇ، ھەر بىر 3 نومۇرنى ناھايىتى تەستە ئېلىۋاتىدۇ ، كۈنلەرمۇ بۇنداق ئۆتىۋەرمەس.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:51:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما بىرلوسكىنى ئەمدە چۈشەندىم رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا     مەن    مىلانى    ياخشى   كۆرگۈنۇم     بىلەن     ،مەن    بىلمەيدىغان      نۇرغۇن    ئىشلا      باركەن  ،   رەخمەت     سىزگە   ئابلەتكا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 00:54:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن نەچچە قىتىم ئوقۇغان مۇشۇ بىرلوسكىنى توغرۇلۇق.يەنە بىرسى ئىنتىر مىلەننىڭ سابىق رەئىسى مۇراتتامۇ بار.مۇشۇلارنىڭ كۇلۇبقا سالغان مەبلەغ. قىلغان ئەجرى ئاز ئەمەس. ھازىر ئىتالىيەنىڭ ئىقتىسادىي دىگەندەك ئەمەس.شۇڭا بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.  ئەڭ ئەقەللىسى مۇشۇ يىللاردا جوڭگۇدا ئۆي مۈلۈك كەسپى تۆۋەنگە قاراپ چۈشىۋىدى. ئۆيمۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىڭدا مۇ بەرداشلىق بىرەلمەي  مايۈنگە پاينىڭ يىرمىنى سىتىپ.خىڭدا كوماندىسىغا مەبلەغ سىلىۋاتىدۇ.ئاساسەن ھازىر مايۈن سىلىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-21 00:58:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇياش يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 00:43
لېكىن، يەنىلا مىلاننىڭ بۇنداق چۈشكۈنلىشىشىگە ئادەم پە ...

   مەن ئەسلىتىپ قوياي: ئىبراھىموۋىچ 24 مىليون، بالوتېلى 23 مىليون ياۋروغا يۆتكەلگەن... پاتو 22 مىليون ياۋرو...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 14:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش