ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 229 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0524 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 11:43
مېنىڭچە سېمونى ئەنچىلودىنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم ئۆتىۋالدى، ئەنچىلودى سېمونىنى مۇداپىيەگە ئۆتىۋالىدۇ دەپ قاراپ ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ مۇداپىئىيەگە سەل قاراپ قالدى، بۇ نوقتىنى ئالدىنئالا ھېس قىلىپ يەتكەن سىمونى ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ قىلىپ مۇداپىئەگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا قايتۇرما ھۇجۇمغا كۈچەپ ئوينىدى، دەل توررىسنى مەيدانغا سالغىنىلا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ، چۈنكى توررىس قايتۇرما ھۇجۇم ئىقتىدارى كۈچلۈك ھۇجۇمچى ئىدى.
يەنە بىرى ئەنچىلودى تېخىچە بىر ئۈنۈملۈك بېسىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مۇداپىئەسىنى بىتچىت قىلىپ توپ كىرگۈزۈش تاكتىكىسىنى تېپىپ بولالمىدى، مانا بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۈنۈمى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى، بۇ جەھەتتە ئەنچىلودى بارسېلونا ۋە بايرېن مىيۇنخېنلاردىن ئوبدانراق ئۆگىنىشى كېرەك، بېسىپ ھۇجۇم قىلغاندا قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىنى بۇزۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوسۇل قىسقا پاسقا ماھىر بۇلۇش، ياكى بولمىسا ھۇجۇمچى چەكلەنگەن رايونغا بېسىپ كىرىپ سەل كەينىگە توپنى چېكىپ بېرىپ ئوتتۇرا مەيدان توپچىلېرى يىراقتىن توپ ئۇرۇشتۇر.
قاراپ باقسام ئېسكونىڭ توپ كونتىرول قىلىشى ياخشى بولغان بىلەن پاس بېرىشى ياخشى ئەمەس، كرىستىئانومۇ پاس بەرگەندە قىلىق چىقىرىمەن دەپ خاتالىق سادىر قىلىدىكەن، پاسلىشىشقا ياخشىلېرى كىروس، خامىس، مارسېلو ۋە بېنزىما مۇشۇلارلىكەن.
ئەسلى مادرىد 4-5-1 سەپ شەكلىنى قوللىنىپ باقسىمۇ بولاتتى. |
|