akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1800|ئىنكاس: 55

مادىرىد نىمىشقا ئاتلىتكىغا ئۇتتۇردى؟‹مۇلاھىزەم›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى .خانلىق مادىرىد بىلەن مادىرىد ئاتلىتكىنىڭ ئىككىنجى ئۇچىرشىش مۇسابىقىسنى مادىرىد مەستانىلىرى ئاساسەن كۆردىغۇ دەيمەن . ؟  ئەلۋەتتە مەنمۇ تۇللۇق كۆردۇم .مۇسابىقى كۈرۈپ بۇلۇپ يەنە  تەكرار كۇرۇپ كەتتىم ؟
نىمىشقا  ئۇتتۇردۇ ؟مەن مۇنداق ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلىدىم 1. تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش.2.مۇداپىيە .3.ئۈنۈمسىز ھۇجۇم.
ئەمدى  ئويلىغانلىرىمنى تەپسىلى يېزىپ باقاي كۈرەپ بېقىڭلار. ئازراق ماتىريالدىنمۇ پايدىلنىمەن .
ئومومى نەتىجە 4دە 2 نەتىجە بىلەن  مادىرىد ئاتلىتلىتكا ھەقىقەتەن ئىسپانىيە ۋە  ياۋرۇپا زەردار كۇلۇپلارنىڭ بىرى بولغان  رىئال مادىرىد كوماندىسنى  ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى 8 كۈچلۈكنى تاللاش باسقۇچىدا شاللىۋەتتى  بۇ دەر ھەقىقەت. يەنە  ئارقىغا قايتۇرۇپ قارايدىغان بولساق   بۇ پەسلىك مادىرىد دىربىيسىدە  ‹يەنى رىئال مادرىد ۋە مادىرىد ئاتلىتكا ئىككى كوماندا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىنى دىمەكچى› جەمى 5 مەيدان ئۇچراشقان بۇلۇپ  مادىرىد ئاتلىتكا 3 مەيدان يېڭىپ ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ ئۇتتۇرماسلىق ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى . بۇ راس جۇمۇ يالغان گەپ قىممىدىم ھى  ھى  بۇ پەسىل  رىئال مادرىد  بولسا مادىرىد ئاتلىتكىنى  ئۇتۇپ باقمىدى تېخى . لىكىن  بۇ  قېتىملىق  ئىككى  مادىرىد كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن نەچچە كۈن بۇرۇنقى  بارىسلونا كوماندىسى بىلەن مادىرىد ئاتلىتكا  كوماندىسى ئوتتۇرسىدى  مۇسابىقىدە  ‹ يەنى بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىدە› بارىسلونا بولسا  مادىرىد ئاتلىتكىنى 3تە 1 نەتىجە بىلەن  ئۇتۋالغان  . ئۇ مۇسابىقىمۇ ئىنتايىن قىزىغان بىر مۇسابىقە  مىسسى  پۇتۇن كۈچىنى چىقارغان بىر مۇسابىقە .گىپىمنى داۋام ئەتسەم .ئالدىنقى يىلى  ئىسپانىيە دۆلەت دىربىيسىدە  بولسا  بارىسلونا كوماندىسى  رىئال  مادىرىد كوماندىسغا  ئۇتتۇرۇپ قويغان . دىمەك  ئىسپانىيەدىكى بۇ  ئۈچ زەردار كۇلۇپ ئۈز ئارا بىر بىرسىنى ئۇتۇپ  ئۇتتۇرۇپ دىگەندەك . بۇ نىمىنى چۈشەندۇردۇ ؟
بۇ ئۈچ كوماندىنىڭ  تاكتىكا  ئۇسۇلى پۇتۇنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى  بىلدۇردۇ .شۇڭا  مەن  ھۇزۇرۇڭلارغا بارىسلونا بىلەن  مادىرىد ئاتلىتكا ، رىئال مادرىد بىلەن مادىرىد ئاتلىتكا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنىڭ مۇلاھىزىمنى ئەپ كەلدىم .
ئالدى بىلەن  تېخى يېقىندىلا ئاخىرلاشقان رىئال مادرىد بىلەن مادىرىد ئاتلىتكا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابقىنى ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇپ باقايلى .  بۇ مۇسابىقە رىئال مادىرىد ئۈچۈن بىر قارا چۈش بولغان . تورىس ئۈچۈن گۈزەل چۈشتىن دىرەك بەرگەن مۇسابىقە بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ .ئومومى نەتىجە 4دە 2 ئەمىليەتتە بۇ  نەتىجە بۇ ئىككى كوماندا  ئوتتۇرسىدىكى پەرىق  ئەمەس. خۇددى  ئالدىنقى قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى بايرىن بىلەن رىئال مادىرىد ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىغە ئوخشاش . ئەمىليەتتىمۇ بايرىن بىلەن رىئال مادرىد كوماندىسى ئوتتۇرسىدى پەرىق ھەرگىزمۇ 0-4 نەتىجە بىلەن بەلگىلەنگەن  ئەمەس. بۇ  شۇۋاقىتتا  پەقەتلا  شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى  ئەزالارنىڭ  روھى ھالەت  بەدەن ھالىتى بىلەن  مۇناسۋەتلىك .ئەلۋەتتە  بۇ  قېتىمقى مۇسابىقىدىكى  ئەزالارنىڭ روھى  ئالىتىدىن كۈرۋاغىلى بۇلىدۇ .چۈشكۈن  ۋە بېسىم  ...
ئەنچىلودى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە قوللانغان سەپ شەكلى بولسا 433 بۇلۇپ دايىملىق قۇللىنىپ كەلگەن 442 سەپ شەكلىنى قوللانمىغان . بۇ بىر چوڭ سىگىنال ،
ئەمىليەتتە ئەنچىلودنىڭ قىمماقچى بولغىنى ھۇجۇمنى كۈچەيىتمەكچىدىن باشقىسى  ئەمەس  ئىدى . لىكىن  مۇسابىقە جەريانىدا ئەسلى شەكلىك 433 بولغان سەپ شەكلى253گە ئۆزگىرىپ قالغان  يەنى ئىككى يان مۇداپىيەچى ئالدىغا بەكلا بېسۋېلىپ ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرنىڭ ۋەزىپىسنى ئۈتىگەن .
1.png
بۇ رەسىمگە قارايدىغان بولساق مارسىلو بىلەن كارۋاخال ئالدىغا بەكلا بېسۋالغان كىروس بىلەن  بىردەك بۇلۇپ قالغان . نەق  مۇشۇ ۋاقىت تورىسنىڭ توپ سۇلىغان ۋاقتى شۇ .يەنى گىلىسىمەن  پېي پېيدىن توپنى تاتىۋېلىپ  ۋارتا ئالدىدا  تورىسقا پاس بىرىپ سۇلىۋەتكەن ۋاقىت شۇ . دىمەك  مۇداپىيەدىكى ئەجىللىك خاتالىق .
2.png
ئەمدى كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق  يەنىلا  ئوخشاش ھالەت  ئوخشاش  خاتالىق .
راموس توپ ئالغاندىن كىيىن  بۇ رەسىمگە قارايدىغان بولساق .  راموس بېلغا  چوڭ پاس ئاتماقچى بولغان  بىراق  مەغلۇپ بولغان  يەنە ئوخشاشلا گىلىسىمەن  تۇسۋېلىپ  يەنە  ئوخشاشلا تورىس توپ سۇلىغان . ئەمىليەتتە  راموسنىڭ  باشقا  تاللىشى  يوق ئۇ ئىنىڭ  چوڭ پاس ئېتىشى  كىرەك ئىدى چۈنكى  باشقا  ئەزالارنىڭ ئورۇن ئېلىشى  ئۇنى شۇ يولنى تاللۇغۇزغان . بۇنىڭدىن شۇنى بىلۋېلىشى كىرەككى  رىئال مادرىد ئارقا مەيداندىن   ئوتتۇرا مەيدانغا ئۈتۈش  جەريانىدىن  پۇتۇنلەي ۋاز كەچكەن .مۇشۇ  ئامىل سەۋەپلىك  رىئال مادىرىد ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويغان .
ئەمىليەتتە  ئەڭ ھالقىلىق سەۋەپ  ھۇجۇم  ئۈنۈمى . بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە گەرچە رىئال مادىرىدمۇ ئىككى توپ سۇلىغنى بىلەن مۇسابىقىنى ياخشى ئوينىدى  دەپ قاراشقىمۇ بۇلمايدۇ . ‹مەنمۇ بىر مادىرىد مەستانىسى›
ئالدى بىلەن بۇ سۈرەتكە  قاراپ باقايلى :
3.gif
بۇ بولسا   ئىسكونىڭ توپ تاتقۇزۇپ قويغاندىكى ۋاقتى . قارايدىغان بولساق جەريانى تۇلىمۇ ئاددى . بىراق مادىرىد ئاتلىتكا ئەزالىرلىرنىڭ ئورۇن ئېلىشلىرغا قرايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ مۇداپىيەنى قانداق ساقلاۋاتقانلىقى كۈرۋاغىلى بۇلىدۇ .
4.png
5.png
6.png
مادىرىد ئاتلىلىتكىنىڭ مۇداپىيەسىگە  گەپ كەتمەيدۇ . ئۇلار ھەقىقەتەن تەۋرەنمەس قورغاندەك تۇرۇپ قويدى . ئەلۋەتتە  ئۇلارمۇ خاتالىق ئۆتكۈزدى  كەتكۈزۈپ قويغان يەلىرمۇ بار . رىئال مادىرىدنىڭ مۇداپىيەنى پىتچىد قىلغان ۋاقىتلىرمۇ با .
7.png
8.png
رونالدونىڭ   كاللا توپ سۇلىغان ۋاقتى . بۇمۇ نەق  مادىرىد ئاتلىتكىنىڭ ئەجەلىك خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقتى  ھىساپلىندۇ .
يەنە بىر تەرەپى بولسا  رىئال مادىرىد بۇ مۇسابىقىدە باشتىن  ئاياق  ياندىن ئوتتۇرغا توپ تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان  .يەنى بىئېل ۋە  خامىسنىڭ ھەر بىرىلا يالغۇز ئوتتۇرغا توپ تاشلىغان قېتىم سانى 15 قېتىمغا يىتىدۇ . بۇ ساندىن   ئوتتۇرغا توپ تاشلاشتىن قانچىلىك  پايدىلانغانلىقى بىلۋاغىلى بۇلىدۇ .پەقەت  بۇ  بىرخىل ئۇسۇل بىلەنلا  پۇتۇن بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئاياقلاشتۇردى دىسەكمۇ بۇلىدۇ .
...... ئۇقۇپ زىرىكىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن  بارىسلونا ۋە مادىرىد ئاتلىتكا ئوتتۇرسىدىكى مۇلاھىزەمنى كىيىنگە قالدۇراي ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 10:38:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   laqin1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 10:41  
costa يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 10:32
راس  مۇلاھىزە ياخشى بوپتۇ ..
   ئەمدى 4كۈچلۈكتە  كۆرەيلى ، ...


شاھلىق لوڭىسىدامادرىت ئاتلىتكىدىن بەك كۆپ ئۆمۈت كۈتۈپ كەتمەڭ ئۇخەتەرلىك كوماندىغا ئۇچراپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 09:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم تۇلىمۇ ئەتراپلىق مۇلاھىزە بۇلۇپتۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 09:45:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى داۋاملىق ،ئەمدى قىززىۋاتىتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 10:24:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىپسىز   .ئىسكو بەك جاھىلكەن   بىر قانچە ئادەم  قورشىۋالسىمۇ  توپنى  پاس بەرمەيدىكەن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 10:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  مۇلاھىزە ياخشى بوپتۇ ..
   ئەمدى 4كۈچلۈكتە  كۆرەيلى ،  بولسا ئاتلىكا مادرىتنىڭ بارسانى يېڭىشىنى ئۈمۈدقىلىمەن .. بىراق بۇ ئاسان ئەمەستە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 10:33:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مۇلاھىزە بوپتۇ...بولسا ئاخىرنىمۇ تېزراق يوللىۋەتسىڭىز  بارسىلونا بىلەن ئوينىغاننى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 10:54:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بىر ھارام پوتاق كۇماندا مۇشۇ كىچىك مادىرىت .........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 10:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم  ،ياخشى مۇلايىزە قىلىپسىز .
لىكىن  مۇسابىقە جەريانىدا ئەسلى شەكلىك 433 بولغان سەپ شەكلى253گە ئۆزگىرىپ قالغان  يەنى ئىككى يان مۇداپىيەچى ئالدىغا بەكلا بېسۋېلىپ ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرنىڭ ۋەزىپىسنى ئۈتىگەن .دەپسىز  نىمىشقا ئوخشاش خاتالىقنى 2 قىتىم سادىر قىلغاندۇ ؟؟؟ مۇشۇندەك چۇڭ مۇسابىقىدىمۇ تىرنىرنىڭ دىگىنىچە قىلماي خالىغانچە سەپ شەكلىنى ئوزگەرتسە بۇلامدۇ ؟؟؟؟  ئەنچىلوتى نىمىشقا .ئوخشاش 2 قىتىم خاتالىق سادىر قىلىشىغا قاراپ تۇرغاندۇ ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 11:27:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇلاھىزە ياخشى بوپتۇ . بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشقاندا مۇلاھىزە تىمىللىرى خىلى كۆپ يىزلاتتى ھازىر ئازلاپ كەتتى . مارسىلو بىلەن كارۋاخالنىڭ ئالدىغا سۇرۇلشىنى مەن توغرا دەپ قارايمەن ، بۇرۇن مورىنىيو بار ۋاقتىدا كۈچلۇك كوماندىغا ئۇچۇرغاندا ھەم مۇداپىيەنى كۈچەيتمەكچى بولسا ئوڭ تەرەپكە ئاربىلوئانى سالاتتى ،ئاربىلوئانىڭ ھۇجۇم ئېڭى تۇۋەنرەك بولغىنى بىلەن مۇداپىيەگە ئاكتىپ ئىدى بەك ئالدىغا سۇرلۇپمۇ كەتمەيتى ، سولغا بولسا كونتىراۋنى سالاتتى ، كونتىراۋمۇ ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەسى تەكشى . ھەتتا ئوتتۇر مەيدانغا پىپىنى قويغان ئىشلىرىمۇ خىلى بولغان ، مەقسەت توپ كەتكۇزمەي پۇرسەت تاپسا توپ ئۇرۇش ئىدى ، بىرە ئككى توپ ئۇرغاندىكىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ ئەزالىرى سەل ھارغىنلىق ھىس قىلغاندا بولسا سولغا بولسا ھۇجۇمغا ئاكتىپ مۇداپىيەگە سەل تۇۋەن مارىسلونىڭ چىقىراتتى ، ھەم ئىپادىسى كۇرنەرلىك بولمىغان ھۇجۇمچى ياكى ئوتتۇر مەيداننى چۇشۇرۋىتىپ بىراقلا ئۇچ تۆت ھۇجۇمچى قىلاتتى ، دىمەك ھۇجۇمنى تىخىمۇ كۈچەيتىۋىتەتتى . ما تەپسە تەۋرەنمەس تىرىنىرمىزنىڭمۇ ئويلىغىنى مىنىڭچە خاتا ئەمەس 2 توپ كەينىدە قالغان ئەھۋالدا ئىنىق ھۇجۇمنى قاتتىق كۈچەيتمىسە بولمايدۇ . لىكىن بۇ قىتىم سەل تەۋرەپ قالدىمۇ باشتىلا سەل ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ ھۇجۇمغا ماھىل ئەزالارنى تۇلۇق ئىشقا ساپتۇ ، يەنە بىر ھىساپتا ئككى توپنىڭ كىرشىدە راموسنىڭ ئككى قىتىملىق خاتا ئۇزۇن پاس تاشلىغىنى بولدى ، مەن مۇسابىقىنى قايتا كۇرۇپ چىقىتىم بىر قارسام پىپىغا سەل قىرىلىق يەتكەندەك ھىس قىلىپ قالدىم . ئادەتتە ئىككى بىك ھۇجۇمغا چىقىش ئۇچۇن سەل ئالدىغا سۇرۇلگەندە كىروستەك ئارقا بەل توپچىللىرى سەل كەينىگە سۈرلۇپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلىشى كىرەكتى بۇ قىتىم نىمىش بولدىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 11:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۇررا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 11:29  

مۇلاھىزىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق بوپتۇ قېرىندىشىم،ئاخىرى بار ھەقىچان،
   مۇشۇمادرىدتىكى ئىسكو بىلەن مۇدرىچنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىشلىرغا كۈيىمەن ،لىكىن ۋاقتىداپاسبەرمەي كەچكىچە توپنى ئوينىتىپ ،ياكى توپنى تارتقۇزۇپ قۇيشى ياكى ھۇجۇمنى ئۈنۈمسىزلەشتۈرىۋىتىشىنى كۆرسەملا سەپرايىم قىرىق گەزئۆرلەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 11:33:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايقۇت يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 10:58
تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم  ،ياخشى مۇلايىزە قىلىپسىز .
لىكىن  م ...


ئادەتتە كۆپىنچە كوماندىلارنىڭ شۇنداق قىلىدۇ ، ئككى تەرەپتىكى بىكلىرى ھۇجۇمغا مايىل بۇلدى ، ئككى بىك ھۇجۇمغا چىقىپ كەتكەندە بەك بولمىدى دىگەندە ئارقا بەل ئويناۋاتقان توپچىدىن بىرسى كىروس ياكى ئىسكودىن بىرسى سەل كەينىگە سۈرلىدۇ ، كۈچلۇك كوماندىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئادەتتە ئككى تەرەپتىكى بىكنىڭ بىرسىگە مۇداپىيەگە ئاكتىپنى يەنە بىرسىگە ھۇجۇمغا ئاكتىپنى چىقىردۇ ، بىرسى ھۇجۇمغا چىققان تەغدىردىمۇ ئۈچ بىك قالدۇ ، ئارقا بەلدىن بىرسى سەل كەينىگە سۈرۇلسە ئوخشاشلا تۆت بىكلىك بۇلدۇ . بۇ مۇسابىقىدە ئەن سېستىرانىڭ قىلغىنىمۇ توغرا چۇنكى كوماندا ئككى توپ كەينىدە بولغاندىكىن ھۇجۇمنى قاتتىق كۇچەيتمىسە بولمايتى ، لىكىن سەل ئالدىراپ قالدى ، ئالدىرماي تۇرۇپ مۇداپىيەنى ياخشى قىلىپ ئالدىنقى مەيداندا بىر توپ ئۇرۋالسا ئاندىن كىيىنكى مەيداندا ھۇجۇمسىمان توپچىلارنى كۆپرەك چىقىرىپ ھۇجۇمنى تىخىمۇ كۇچەيتسە بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 13:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش