ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 921 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 06:22
بارسېلونانبڭ ئۇتىشىدا مۇنداق بىر سەۋەبمۇ بار. بارسېلونالىقلار ئوتانچىلار بىلەن سۈركۈلسىلا يىقىلىپ ئوتانچىلارنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ توپچىلىرىدا ئۆچمەنلىك، ئاچچىقلىنىش ئەۋجىپ كېتىپ، نەچچە قېتىم جېدەل چىقاردى. ئاخىرىدا ھەممىسى دېگۈدەك ئاچچىق بىلەن ئويناپ، مەيدان كونتروللىقىنى تامامەن بارسېلوناغا تارتقۇزۇپ قويدى. بارسېلونانىڭ ئوتانچىلارغا تۈزگەن تاكتىكىسى ھەقىقەتەن بولىدىكەن. ئەگەر پىسىخىكىسىنى بۇزىۋەتمەي سىلىق ئوينىسا ئۇتۇشىمىز تەسكە توختايتتى. غالجىرنىڭ توپ توختىتىش ئىقتىدارى بىلەن ئىنكاسى بەكلا ناچار. ئالىي دەرىجىلىك توپچىغا زادىلا ماس كەلمەيدۇ. نېيمار بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشكە باشلاپتۇ. مېسسى بولسا 4 توپنىڭ ھەممىسىگە سەۋەبچى بولدى، شۇنىڭدىنلا مېسسىنىڭ قانداق توپچى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىشقىلىپ مەن راكىتىچتىن بىر قېتىم رازى بولدۇم. غالجىر گەرچە بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ مەن يەنىلا قايىل ئەمەس، ئەسلى يەنە نەچچە توپ كىرىشى مۇمكىنتى. ھەممىنى غالجىر بۇزىۋەتتى. شۇڭىلاشقىمۇ نېيمار ئاخىرىدىكى غالجىرغا بەرسىلا كىرىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بىر توپنى قەستەن مېسسىغا ئۆتكۈزىۋەتتى. بۇنىڭدا بىر مەقسەت بار. گەپنىڭ قىسقىسى بىز بۇ قېتىم توپتا ئەمەس پىسخىكىدا تامامەن ئۇتتۇق. |
|