ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىسپانىيە‹‹ئاس›› گىزىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا بارىسلونا كۇلۇبى ئىچكى قاتلىمىدىكىلەر بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسنىڭ ئىلگىرىكى داڭلىق باش تېرنىرى ھاينىكىس بىلەن ئالاقىلىشىشقا باشلىغان ،كۈزۈدىن ھېچنىمە قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى دەرھاللا بارىسلونا ھاينىكىسىنى ھازىرقى تېرنىر ئېنىرىك نىڭ ئورنىغا قۇيۇشقا ئاتلانغان بۇلۇشى مۇمكىن دىگەن گۇمانى خەۋەرنى ئوتتورغا چىقاردى.
ئېنىرىك بارىسلوناغا تېرنىر بولغاندىن باشلاپ كوماندىنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقسىز،بەزىدە بىراقلا پارتلىسا يەنە بەزىدە ناھايىتى جانسىز.خانلىق جەمئىيەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرغاندىن باشلاپ كوماندىدىكى كۈڭۈلسىزلىكلەر ئاشكارلىنىشقا باشلىدى . زۇبسارىتانىڭ بارسېلونادىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىشى، پۇيۇلنىڭ ئىستىپا سورىشى، مېسسنىڭ نارازى بۇلۇشى قاتارلىق بىرقاتار سەۋەپلەر باش تېرنىر ئېنىرىك نىڭ ھازىرقى ئورنىنى تەۋرىتىپ قويدى.ئىسپانىيە تاراتقۇلىرنىڭ قارىشىچە ئەگەر ئېنىرىك راستىنلا ئىشتىن چۈشسە گىرمانىيەلىك داڭلىق تېرنىر ھاينىكىس بارىسلوناغا نىسپەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن. ھاينىكىس بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىدا ئۈچ شاھ بولغان. ئىلگىرى خانلىق مارىد،بېرباۋ ئاتلىتكا قاتارلىق ئىسپانىيە كۇلۇبلىرىغا باش تېرنىر بۇلۇپ باققان. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە نىسپەتەن تەجىربىسى مول.ھەم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇمۇمى ۋەزىيتىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ.(ئۇزغۇنلۇقتا ئىسپان كۇلۇپلىرىنى سەت بۇزەك قىلغان) تاكتىكا ئۇرۇشلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ ھاينىكىس بارىسلوناغا بەك ماس كىلىدۇ. بۇۋايدا تاكتىكا بار ،بارىسلونادا چولپان سۈپەت توپچىلار ساماندەك. ھاينىكىسنىڭ يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بارىسلونا كولۇپ قاتلىمىدىكىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر قىلدى. ھازىرقى گەپ ھاينىكىسنىڭ قۇشۇلۇش -قۇشۇلماسلىقىدا !چۈنكى گىرمانىيەلىك داڭلىق تېرنىر ھاينىكىس بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدىن ئايرىلغاندا ئۈزۈنىڭ دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى بۇنىڭدىن كىيىن ھىچقانداق بىر كۇلۇپتا باش تېرنىر بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. |
|