akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: تۇتىيا

بالىلىققا قايتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-10 13:06:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   putbol_uqun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 13:24  

ھەي بالىلىق  
ئۆتۈپ كەتتىڭ شۇنداق تىز
توپا مەيداندا قالدۇرۇپ ئىز
خۇشال ئىدۇق شۇچاغلاردا بىز
كەلمەس كەتىتى سەبى ۋاختىمىز
مەنمۇ شۇنداق بىر پۇتبولچى بولشنى ئويلاپ كەلگەن لىكىن .ھەممە ئادەمنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئەمىلىيەت ئوخشاش بولمايدىكىن ،سىنىپلا ئارا مۇسابىقە .ئويناش .مەكتەپلە ئارا ئويناش .نىمىدىگەن كۆڭۈللۇك ۋاقىت ھە
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 20 يىل ئۆتۈپتۇ .يەنىلا يۈركۇمىزدە پۇتبول ئىشقى لاۋۇلداپ كۆيمەكتە،
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئالدىدا بىر كۆ بولدىغان  ھازىر مۇ با لىكىن ئىلگىركىدەك توپ ئوينىغىلى بولمايدۇ ،
مەن ۋە مىنىڭ تەڭ تۈشلىرىم ئەنە شۇ كۆل ئىچىدە مەشىق قىلاتتۇق .مۇسابىقە ئوينايتۇق .ئۇتتۇرۋەتسەك ئۇرشاتتۇق . شۇ ۋاقىتلاردا .بىللە توپ ئوينىغان دوسلىرىمنى سىغىندىم .ئەينى ۋاختا مەن كۆزگە ئىلمىغان  بىر قىسىم سەپداشلىرىم ھالا بۈگۇنكى كۈنلەردە .ياخشى توپچى . كەسىپ ئىگىسى بوپتۇ .مەن مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ شۇ دوسلىرىمدىن ئەپۇ قىلىشنى .مىنى كەچۈرشىنى  گەرچە بۇ ختىمنى كۆرمىسىمۇ مىنى ئەپۇ قىلىشنى ئۈمۇت قىلمەن .تىما ئىگىسىگە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-10 13:15:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 23:35
ۋۇ ھا ھا  ……
سىزمۇ  قويغانما؟
مەن مۇ قويۇپ بولۇپ خىجالە ...

ھە   ھە   قويغان قويمىساق    ئ‍ۇ  ۋاقىتلادا    تۇپ    توپ   كىيمىنى    نەدىكى   پۇلغا    ئ‍الىمە  دەيسىز      دادامدىن   دەشنام   ئ‍ىشتىپ   تۇردىغان   ئ‍ىشلا   دايىملا    بۇپ   تۇراتتى    كىنچە    ئ‍ۆيدىكىلەمۇ   كۈنۈپ   قالدى  بولغاي    گەپ     ققىماس   بولغان    مەكتەپتىن   ئ‍ايرىلغاندا      بەك   خىل  بولدۇم      توپ   دىسە  ھەمىنى  ئ‍ۇنتۇيدىغان   ۋاقىتلادە   ئ‍ۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-10 14:40:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچتا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان چېغىمدا ساۋاقداشلار بىلەن مەيداندا توپ ئويناشتىن قوقايتۇق ،توپنىڭ مەيدان تىمىدىن ئارتلىپ چىقىپ كەتسە ھايال ئۆتمەيلا نەچچە يېرىدىن تۈشۇك پىتى تاشلاپ بىرەتتى دىھقان ئاكام ، بىر كۇنى مەكتەپتىن قايتىپ تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ يىنىدا كىرىپ يالۋۇرۇپ توپنى ساق-سالامەت ئەكرىپ بىرىشكە ۋەدە قەسەملەرنى ئېچىپ توپنى ئىلىپ چېقتىم ، توپنىڭ يەنە رەمەتلىك بۇلۇپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ ئاشلىق پونكىتىنىڭ ھەر يوغان ئىسكىلاتلىرى با ئىدى شۇ يەرگە كىرىپ ئوينىدۇق ، بىر چاغدا قىززىقچىلىقتا ئوڭ تەتۇر تىپىپ ئويناپ يۇرۇپ توپ ئالدىمغا لىكىپ قالدى  شۇ پۈرسەتتە بارىلىق كۈچنى پۇتۇمغا يىغىپ بىرنى تەپتىم ۋاڭ قىلىپ قالدىدە  تۇگەشتىم دىدىم ، توپ ئىسكىلاتنىڭ ئۇستىدىكى ئۈچلۇق بىر تۇمۇرگە تىگىپ ئىتىلىپ كىتىپتۇ . ئالدى-كەينىمگە قارماي 180لىك سۈرئەت بىلەن قاچتىم ، كىچىچە ئۇيقۇ دىگەن نەرسە يوق ، ئەتىسى ئامال يوق چىرايىمنى ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك قىلىپ ، يۈزۇمنى بىر تونىلىق بازغان بىلەن ئۇرسىمۇ يېرىلمايدىغان دۇمباقتەك قىلىپ مەكتەپكە بىرىۋەدىم ، بىر چاغدا تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىمىز ناھايىتى خىجال بولغان ھالدا مىنى ماختاپ قالدىدە تۇلۇق بىر سائەت ماختاپ   ئككى ئۈچ تال ئەنجۇر ئىزىش مۇكاپاتى بەردى ، ۋا شاپپىدە يىنىكلەپ قالدىم ، ئۈزۇنغا قالماي يىلدا ئۆتكۈزۇلدىغان تەنەركەت پائالىيتى ئۆتكۈزۇلىغان پۇرسەت كەپ قالدى مەن 200 مىتىر 400مىتىرلىق ئككى تۈرنى مەكتەپتە مونوپول قىلۋالدىم باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ باشقا تۈرلەرگە بۆلۈندى ، ئەگەر چېمپىيون بولساق مۇكاپاتقا  توپ ، چۇخەي ، دەپتە قەلەم ،دىگەندەك قىممەت باھالىق نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلايتى ، مانا تەلەي ىگەن دەپ مەن ۋە مىنىڭ بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم چىمپىيون بولدۇق ، توپتىن يەتتە سەككىزنى يانا باشقا خىلى جىق نەرسىلەرنى بەردى . شۇنىڭدىن كىيىن توپ سۇرايدىغان ئىشتا قىلچە تارتىنماي سۇرايدىغان بولدۇق ، ئىسىمدىن چېقمايدۇدە مۇشۇ ۋاقىتلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-10 15:40:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 14:40
باشلانغۇچتا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان چېغىمدا ساۋاقداشل ...

باشلانغۇچ 6-يىللىقتا ئۇقۇۋاتقان چاغلاردا مەكتەپلەر ئارا ئوتكۇزۇلۇدىغان مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىش ئۇچۇن كۇندە كەچلىكى مەكتەپتە قېلىپ قالاتتۇق،ئۇچاغلاردا پۇتبول مەيدانىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى سۆگەت نەشپۇتلەرنى قوغداش ئۇچۇن رىشاتكىلارنى قويغان ئىدى،شۇ رىشاتكىلارنى چىرايلىق چىقىرىش ئۇچۇن ئەگرى چوماق قۇيۇلغانىدى.توپ ئازراقلا پىقىراپ كەتسە بېرىپ شۇ چوماققا كىيىلىپ قالاتتى.ئۇ كۇنلەردە كۇندە دىگۇدەك بىر توپنى تېشەتتۇق.ئاخىرى بولماي تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز بولقا ئەكىلىشكە بۇيرۇپ ئۇ چوماقلارنى تۇزلىۋەتتۇق،شۇنىڭدىن كىيىن توپ تىشىلىدىغان ئىشلار ئازلىدى.ئۇ مۇسابىقىدىمۇ شەھەر بويىچە 3-بولغانىدۇق،كىيىن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۇچۇن مەشىقنى توختاتتۇق،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپقا كىرىپ توپلارنى يىغىپ چىكېتىدىغان چاغدا تىشىك بىر توپنى كۇرۇپ      ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ سىلەردەك جىق توپ تەشكەن باللىنى كۆرمەپتىكەنمەن دەپ  بېشىنى چايقاپ  قۇيۇپ چىقىپ كەتكەنتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 10:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەككىز - تۇققۇز ياشلىرىمىزغۇ دەيمەن ، مەھەللىدىكى ئون نەچچىمىز رامزان تولاپ ، پىچىنە پىرەنىك بەرسە ئالماي ، پارچە پۇل بېرىڭلار دەپ ، يىققان پۇلغا 16.5 سۇملۇق توپتىن بىرنى ئىلىپ ، بامدات نامازدىن كېيىن  كۈن چىققۇچە توپ ئوينايتۇق ، شۇ چاغلاردا رامزان ئايلىرى قار ياققان چاغلاردا كىلەتتى ، قاردا توپ ئويناشنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق ، لىڭكوڭ داڭگۇڭ دەپ قۇياتتۇق ئارقىچىلاپ پىقىراپ تېپىشنى ، ھەممىمىز شۇ ھەركەتنى بىردىن ئىشلەپ باقاتتۇق ، ۋارتارلارمۇ كۆپىيىپ كېتەتتى قار يېڭى ياققان چاغلاردا ، ھازىر قاردا توپ تېپىش ئەمەس ، ئاپئاق قارىنىمۇ كۆرۇپ باقمىغىلى خىلى يىللار بولۇپ كەتتى .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 22:03:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ    ،باشلانغۇچتا      بىر    قېتىم     رېپىر     قىزىل    كارتا   بەرسە    ............ماقۇل    دەپ     قۇيۇپ   يەنە    توپنى    قوغلاپ    ماڭسام     رېپىر   مېنى      قوغلىاپتىكەن    ھەيېېېېېېېې      بالىلىق    چاغلا    نېمانچە    گۈزەل    ھە  ......................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش