elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 777|ئىنكاس: 29

بالىلىققا قايتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-9 21:15:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى كەمىنە تۇتىيادىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
     تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ ھەيران قالدىڭلار ھە قاچان،توغرا بۇ تېمىنىڭ ئىسمىنى بالىلىققا قايتىش دەپ قويدۇم…ھەممىمىزگە مەلۇم ھەر قانداق ئىنساننىڭ بالىلىقى خۇشال-خوراملىققا،گۆدەكلىككە،ساددىلارچە ئوي پىكىرلەرگە تولغان بولىدۇ،ئىشقىلىپ ئىنساننىڭ بالىلىق ۋاقتى ئەڭ خۇشال ئوتكەن چاغلار بولسا كېرەك. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك بەلكىم ئاشۇ بالىلىقىمىزدا قىلغان گۆدەكلەرچە ئىشلىرىمىزنىڭ ياكى ئوي پىكىرلىرىمىزنىڭ پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىكلىرى بۇلىشى مۇمكىن،ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشنىڭ ھەر تۇرلۇك بېسىملىرى ئاستىدا بالىلىقتا ئېرىشكەن ئاشۇ خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلمەيۋاتىمىز،شۇڭا بۇگۇن بالىلىقتا قىلغان گۆدەكلەرچە ئىش-ئىزلىرىمىزنى ئەسلەشكەچ بىردەم بولسىمۇ بالىلىققا قايتىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.دوستلارنىڭ قوللىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
      كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۆيىمىزنىڭ كەينىدە چوڭ-چوڭ خامانلىقلار بار ئىدى،مەھەللىمىزدىكى بالىلار ھەر كۇنى بۇ خامانلىققا چىقىپ توپ ئوينايتۇق،  توپنىڭ كەينىدىن يۇگۇرۇشۇپ ھارغىچە يۇگۇرەيتۇق.ھېرىپ قالغاندا بولسا ھەممىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ توپا  بۇلۇپ كەتكەن مەيدانغا قاراپ شىرىن خىياللارنى قىلىشقا باشلايتۇق.ھەركۇنى مەيدانغا سۇ چېچىپ قېتىتىپ،توپا چىقمايدىغان قىلىدىغانغا، يەنە تېخى مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىگە ياغاچ قاداپ ۋارتار ياساشنى ئويلۇشۇپ خۇشال خۇرام ئۆيىمىزگە كىرىپ كېتەتتۇق.لېكىن بۇ خىياللىرىمىز  شۇ ئولتۇرغان يىرىمىزدىلا قېلىپ قالاتتى.ئەتىسى يەنىلا ئاشۇ توپىلىق مەيداندا ئويناۋېرەتتۇق……
     قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە بىر رەڭلىك تېلىۋۇزۇر بولىدىغان پات-پات پۇتبول مۇسابىقىللىرىنى كۆرەتتۇق، شۇ ئىشنى ئويلىساملا كۇلگۇم كېلىدۇ،رىپىرنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىسە كارتا چىقىرىدىغانلىقى بىلەتتىم.لېكىن دەسلەپتە  چىقارغان كارتىسىنىڭ بىر تەرەپە قىزىل يەنە بىر تەرىپى  سېرىق دەپ ئويلاپتىكەنمەن.
     كىيىن ئۇنىڭ ئايرىم ئايرىم كارتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم.لېكىن مۇنداق بىر سۇئال كاللامغا كىرۋالدى،ئۇ ۋاقىتتا مەن رىپىر قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەن ھامانلا پۇچتەك چېلىپ ناھايىتى تېزلىكتە كارتا چىقىرىدۇ،مۇشۇ ۋاقىتتا سېرىق كارتا چىقىرىدىغان يەرگە قىزىل كارتا چىقىرىپ قويسا قانداق قىلار؟دەپ ئويلاپ قالاتتىم.(ئۇچاغلاردا رىپىرنىڭ ئالدىرماي ھۆكۇم چىقىرىدىغىنىنى مەن نەدىن بىلەي).
    ھەي…………ئىشقىلىپ ئۇ چاغلار گۇزەل چاغلار ئىدى.قېنى دوستۇم بەلكىم سىزنىڭمۇ ئاشۇنداق گۆدەكلەرچە قىلغان ئىشلىرىڭىز ياكى ئوي خىياللىرىڭىز باردۇ…؟ غەم قايغۇ ،بىسىملارنى بىر چەتكە تاشلىۋېتىڭ دە ،قوللىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۇرۇپ ئاشۇ گۇزەل چاغلارنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشايلى.    قاچانغىچە خەقنىڭ تارىخىنى ۋاراقلاپ يۇرۇيمىز دەيمەن.ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنىمۇ ئانچە-مۇنچە ۋاراقلاپ قويايلى…
mmexport1419752727325.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-10 14:40:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچتا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان چېغىمدا ساۋاقداشلار بىلەن مەيداندا توپ ئويناشتىن قوقايتۇق ،توپنىڭ مەيدان تىمىدىن ئارتلىپ چىقىپ كەتسە ھايال ئۆتمەيلا نەچچە يېرىدىن تۈشۇك پىتى تاشلاپ بىرەتتى دىھقان ئاكام ، بىر كۇنى مەكتەپتىن قايتىپ تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ يىنىدا كىرىپ يالۋۇرۇپ توپنى ساق-سالامەت ئەكرىپ بىرىشكە ۋەدە قەسەملەرنى ئېچىپ توپنى ئىلىپ چېقتىم ، توپنىڭ يەنە رەمەتلىك بۇلۇپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ ئاشلىق پونكىتىنىڭ ھەر يوغان ئىسكىلاتلىرى با ئىدى شۇ يەرگە كىرىپ ئوينىدۇق ، بىر چاغدا قىززىقچىلىقتا ئوڭ تەتۇر تىپىپ ئويناپ يۇرۇپ توپ ئالدىمغا لىكىپ قالدى  شۇ پۈرسەتتە بارىلىق كۈچنى پۇتۇمغا يىغىپ بىرنى تەپتىم ۋاڭ قىلىپ قالدىدە  تۇگەشتىم دىدىم ، توپ ئىسكىلاتنىڭ ئۇستىدىكى ئۈچلۇق بىر تۇمۇرگە تىگىپ ئىتىلىپ كىتىپتۇ . ئالدى-كەينىمگە قارماي 180لىك سۈرئەت بىلەن قاچتىم ، كىچىچە ئۇيقۇ دىگەن نەرسە يوق ، ئەتىسى ئامال يوق چىرايىمنى ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك قىلىپ ، يۈزۇمنى بىر تونىلىق بازغان بىلەن ئۇرسىمۇ يېرىلمايدىغان دۇمباقتەك قىلىپ مەكتەپكە بىرىۋەدىم ، بىر چاغدا تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىمىز ناھايىتى خىجال بولغان ھالدا مىنى ماختاپ قالدىدە تۇلۇق بىر سائەت ماختاپ   ئككى ئۈچ تال ئەنجۇر ئىزىش مۇكاپاتى بەردى ، ۋا شاپپىدە يىنىكلەپ قالدىم ، ئۈزۇنغا قالماي يىلدا ئۆتكۈزۇلدىغان تەنەركەت پائالىيتى ئۆتكۈزۇلىغان پۇرسەت كەپ قالدى مەن 200 مىتىر 400مىتىرلىق ئككى تۈرنى مەكتەپتە مونوپول قىلۋالدىم باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ باشقا تۈرلەرگە بۆلۈندى ، ئەگەر چېمپىيون بولساق مۇكاپاتقا  توپ ، چۇخەي ، دەپتە قەلەم ،دىگەندەك قىممەت باھالىق نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلايتى ، مانا تەلەي ىگەن دەپ مەن ۋە مىنىڭ بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم چىمپىيون بولدۇق ، توپتىن يەتتە سەككىزنى يانا باشقا خىلى جىق نەرسىلەرنى بەردى . شۇنىڭدىن كىيىن توپ سۇرايدىغان ئىشتا قىلچە تارتىنماي سۇرايدىغان بولدۇق ، ئىسىمدىن چېقمايدۇدە مۇشۇ ۋاقىتلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 23:30:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ھەي بالىلىقتىكى  مەكتەپتىكى چاغلاردا  كەچ كىرگىچە توپ ئويناپ ، ئۆيگە ۋاق بارسام دادام قاپاق تۈرۈك:«نەگە بادىڭ مۇشۇ كەشكىچە؟» دىسە!
تىرناق تاتلاپ تۇرۇپ:« شۇ ……شۇ  …… مالىم تەكرار  قىلىپ بەرگەن»
دەپ  سوسكا سىلىشلار .
ئىككىنجى قىتىم :« شۇ  تازلىق قىلغان»
ئىشقىلىپ  باھانە دىگەن توشاقلىتى!
ھەراس !
شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى  مەھەللىلەر ئارا مۇسابىقىلەر ! ھىساپتا مۇسابىقە ئەمەلىيەتتە  سوقاش!
ئىشقىلىپ  بەك ئىسىل  چاغلار……
بىر گەپنى  دەۋىرەي  بولدى!
ئاراڭلاردا قايسىڭلار ماڭا ئوخشاش:
مارادونا  «مايمۇن ۋاراتا» نىڭ (كىم بولغىيتى ئۇ؟) قوسقىنى تىشىۋەتكەن!
شۇڭا ئوڭ پۇتىنى چەكلىۋەتكەن. دىسە  ئىشىنىپ كىتىپتىكەنمە.
يەنە قايسىڭلار مۇشۇ  ئەپسانىگە ئىشەنگەن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 21:56:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت پويىزى بىزنى بالىلىق چاغلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 22:00:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغۇرا   بالىلىقتا   ھەر   خىيال   بۇلىدىكە    مەنمۇ     تۇنجى    بۇلۇپ    98    كىرودىيەنڭ   مۇسابىقىسنى    كۈرۇپ   پۇتبۇل  ئ‍ۇتى   تۇتاشقان     تا  ھازىرغىچە   يۈرۈپتىمە  توپچى   بۇلالماي    كىرودىيەنىڭ    مۇسابىقىسنى   كۆسەم   شۇ  ۋاقىتلا   ئ‍ىسىمگە   كەپ  قالىدۇ       كىرودىيەنىڭ    شۇ   ۋاقىتلادا    مۇستەقىل    بولغىلى   ئ‍اران    6      7     يىل   بولغىنىنى    بىلگىنىمدە   ھ ەيران  قالغان     بەزەن    بىر  دۆلەتلە    كىرودىيەدك      10     ھەسسە    چوڭ    بولغان    بىلەن  تېخىچە    پۇقىنى  دورىيالماي    يۈرمەمدۇ،،،،،،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 22:24:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىن    56    كوي   ئ‍ېپ   كىلىڭلا    دىسە    مەن   156     كوي    ئ‍ەكىلىڭلا   دىدى   دەپ    كىرودىيەنىڭ   بىلەن    لىۋىرپنىڭ   كىيمىنى     ئ‍الغانتىم  ئ‍ۆيگە   باسام    دادامدىن   بۇلىشىغا   دەشنام   ئ‍ىشتىپ   ئ‍ولتاسام     ئ‍اپاپ   قوپام    ھە    قىزىم    يوق   دىسەم    قىزىم  باكە  ئ‍ەمەسمۇ    تېخىچە    ئ‍ۇخماي   يۈرپتىمە   دەيدۇ   ئ‍ۇنىڭ   ئ‍ۈستىگە   بودەك   رونالدۇنىڭ   ماڭلاي    چېچىنىمۇ  قۇيىۋالغان   دەڭلا            رەخمەت    تۇتىيا         بالىلىقىمنى   مۇشۇ  پۇرسەتتە    يەنە   بىر    ئ‍ەسلىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 22:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
90-يىللىرى 8ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى. ھىيتلىق پۇلۇمغا يېلى يوق پۇتبول دىن بىرنى ئېلىپ ئىككى ئېنىم بىلەن ئوينايتتىم. ئۈچىمىزنىڭ مەخسىدى 20يۋەن يېغىپ ،پۇتبولدىن بىرنى ،پەي توپ پالىقىدىن بىرنى ،تىكتاك -توپ پالىقىدىن بىرنى سېتىۋىېلىش ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-9 22:41:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
玉苏浦 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 22:24
مەكتەپتىن    56    كوي   ئ‍ېپ   كىلىڭلا    دىسە    مەن   156     كو ...

ياقەي رەھمەت ئېتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،مىنىڭ مەقسىتىممۇ شۇ ئىدى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 23:34:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچتىكى ۋاقىتلىرىم ئىدى ئاداشلىرىم رونالدونىڭ سول پۇتى جاكەن كىچىك چېغىدا تۇرمىدا كىسىۋېتىپ يالغان پۇت سېلىۋاپتىكەن..بىر مۇسابىقىدە كايىنغا بىر تىپىپتىكەن كايىننىڭ قورسىقى تىشىلىپ كىتىپ ئوڭ پۇتىدا تېپىشىنى چەكلەپتۇ دەپ ئاڭلايتىم مەنمۇ داۋاملىق كىشىلەرگە شۇنداق سۆزلەپ بىرىپتىكەنمە ھازىر ئويلۇسام.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 23:35:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 23:38  
玉苏浦 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 22:24
مەكتەپتىن    56    كوي   ئ‍ېپ   كىلىڭلا    دىسە    مەن   156     كو ...


ۋۇ ھا ھا  ……
سىزمۇ  قويغانما؟
مەن مۇ قويۇپ بولۇپ خىجالەت بولۇپ (شەنبە كۈنى ياساتقان چاچنى) دۈيشەنبە مەكتەپكە بارغاندا شەپكە كىييۋالغان ئىدىم !
قىرىشقاندەك ئۇ كۈنى بايراق چىقىرىش بىزنىڭ سىنىپقا كەپتىكە مەنمۇ ئالىدىغا چىقىۋاپتىمە.
شۇنىڭ بىلەن دۆلەت شىئىرى چىقىۋاتقاندا كەينىمدىن تۇيۇقسىز تەنتەربىيە مۇئەللىمىمىز (ھىبۇللام) شەپكەمنى ئىلىۋەتكەن.(بايراق چىقارغاندا باش كىيىمنى ئىلىۋىتىش دەيدىغان قائىدە باتىغۇ؟) مەكتەپتىكى پۈتۈن باللار  پاراققىدە  كۈلۈپ كەتكەن ئىدى !
ھەي  بالىلىق!
رەمەت تۇتىيا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-9 23:39:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 23:35
ۋۇ ھا ھا  ……
سىزمۇ  قويغانما؟
مەن مۇ قويۇپ بولۇپ خىجالە ...

[گۇزەل چاغلار ئىدى ئىشقىلىپ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 23:54:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 23:30
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ھەي بالىلىقتىكى  مەكتەپتىكى چاغل ...

مەنمۇ شۇ گەپكە بەك ئىشىنەتتىم. لېكىن مارادونانىڭ مۇسابىقە ئوينىغىننى بىرەر قېتىممۇ كۆرمىگەن. مەنمۇ باشقىلارغا مارادونا توپنى بەك بېسىملىق تىپىدۇ. توپ تىپىپ بىرئادەمنى ئۆلتۈرۈپتىكەن شۇڭا ئوڭ پۇتىنى چەكلەپتۇ دەپ تەشۋىقات قىلاتتىم. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ رەسمىنىلا تۇنۇيتتۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش