ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2114 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 19:23
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار: مۇنبەرداشلارغا ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا مۇنداق بىر تەكلىپىم بار ئويلىشىپ باققايسىلەر...
مۇنبىرىمىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى. مۇنبىرىمىزدە نۇرغۇن بوشلۇق تولدۇرۇلدى. ئەمما بىز قول تەگكۈزەلمىگەن نۇقتىلار، بوشلۇقلار، تېمىلار يەنىلا بەك كۆپ.
تېما يازغۇچىلىرىمىز شۇنداق تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نادىر تېمىلار ۋە ھەممىمىز بىلىۋالمىساق بولمايدىغان بىلىملەر يەنىلا بەك كۆپ كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر تەكلىپنى سۇناي، ھەممىڭلار ئويلىشىپ باقساڭلار:
لايىھە: مۇنبەرداشلىرىمىز بىز بىلمىسەك بولمايدىغان پۇتبول بىلىملىرى، ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتقان مەسىلىلەر ۋە شەخسلەر ھەققىدىكى مۇكەممەلرەك يازما بولغۇدەك تېمىنى مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويسا، تېما يازغۇچىلار شۇنىڭ ئارىسىدىن بىرەر تېمىنى تاللاپ، بولسا بىر قانچىمىز بىر تېمىنى بىرلىكتە يازساق، ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولاتتى، تېمىلارمۇ تېز كۆپىيەتتى، ھەقىقىي ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ چىقالايتتۇق. ھازىرغىچە تېمىنى ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا يېزىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن تېمىدا كەمتۈكلۈك، ھېسسىيلىق ۋە بەزى يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلدى. بىرقانچە ئادەم بىر تېمىنى تۇتۇپ، ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ، تېمىنى بۆلەككە بۆلۈپ، ئۆزلىرى قىلالايدىغان يەرلىرىنى بۆلۈپ قىلسا، ئاخىرى بىرلەشتۈرۈپ يوللىسا مېنىڭچە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى. بۇ يەنە بىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
سەۋەبى: ئاللا خالىسا، 3 - ئاينىڭ بېشىدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىگە 1 يىللىق خىزمەتكە چۈشىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن تورغا كۆپ چىقالىشىم، يەنە توختىماي تېما يازالىشىم ناتايىن. شۇڭا، مۇشۇ 2 ئايدىن پايدىلىنىپ، دوستلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بەزى تېمىلارنى ۋۇجۇتقا چىقارسام دەيمەن.
ئەلۋەتتە، قوشۇلمىساڭلارمۇ، ھەمكارلاشمىساڭلارمۇ مەيلى. ئۆزۈم بىر ئامال قىلىمەن.
مەن تۇنجى بولۇپ ماۋۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن: ھەمكارلىشىشنى خالىغۇچىلار دەرھال ئىنكاس قايتۇرسا، مەن دەررۇ كىچىك گۇرۇپپا قۇرۇپ، تېمىنى يېزىشنى باشلايمەن.
تېما: بىر كۇلۇب، بىر رەئىس. بۇنىڭدا ياۋروپادىكى ئەڭ زەردار 12 كۇلۇبنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس رەئىسىنى تونۇشتۇرىمىز.
تېمىغا تۆت ئادەم كېتىدۇ. مەن ئىتالىيەدىكى ئۈچ زەردارنىڭ تارىختىكى ئەڭ قالتىس رەئىسىنى تونۇشتۇرىمەن . بىرەيلەن ئىنگىلاندتىكى ئۈچ زەردارنىڭ ئەڭ قالتىس ئۈچ رەئىسىنى يازىدۇ. يەنە بىرەيلەن ئىسپانىيەدىكى ئىككى زەردارنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس رەئىسىنى يازىدۇ. يەنە بىرەيلەن ئىنگىلاندنىڭ ئىككى ۋە گېرمانىيەدىكى بايرېننىڭ ئەڭ قالتىس رەئىسىنى يازىدۇ. بەزى ماتېرىياللارنى مەن تېپىپ بېرىمەن، بەزىلىرىنى ئۆزى تاپىدۇ.... |
|