ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2744 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ توپچىلارنىڭ ھەممىسى سەر خىل توپچىلار ئىدى . بارسىلوناغا ماسلىشالماسلىقى تېرىنېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك !!~ تېرىنېر بولغان كىشى توپچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ، ئورنىغا قاراپ تاكتىكا ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى . ھەممە توپچى ماسچېرانودەك كۆپ قىرلىق بولىۋەرمەيدۇ . بەزى توپچىلار بۇرۇنقى كۇلۇبىدا ھالقىلىق ، نوپۇزلۇق توپچى بولسىمۇ ، لېكىن بارسىلوناغا كەلگەندە ، بارسىلونادىكى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ماھىرلار شۇ توپچىنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىدا بەلگىلىك پىسخىكا بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن رولىنى تولۇق نامايان قىلىلمىغان بولسا كېرەك .
يەنە بىرسى ، گۇئاردىئولادىن كېيىن بىرقانچە تېرىنېرلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئالمىشىشى ، توپچىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارايمەن . قارىماققا ھەر بىر تېرىنېر كەلگەندە بارسىلونانىڭ بۇرۇنقى ئويناش ئۇسۇلىنى قوللانغاندەك قىلسىمۇ ، لېكىن ماھىيەتتىكى تەدبىرلىرى كوماندىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
بارسىلونا ئوتتۇرا مەيدان يادروسى خاۋې ، ئىنېستالارنىڭ بۇرۇنقىدەك كۈچى يوق دىگۈچىلەرگە تولۇق رەددىيە بېرىشكە بولىدۇكى ، ئۇلار بار بولغان ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىپادىدە ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ ، بۇ ئىككىسىگە قارىغاندا بوسكېسنىڭ ئىپادىسى بۇ پەسىل ئىزچىل تۇراقسىز بولۇپ كەلدى . مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمچىلار بىلەن بولغان باغلىنىشى ئىنتايىن سۇس ھالەتتە . ( بارسىلونانىڭ مۇداپىيىسى ئاجىز ) دىگۈچىلەرمۇ بولدى . بارسىلونانىڭ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىسىگە قارىساق ، بىرلەشمىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزگەن كوماندا . ھۇجۇم سېپىگە قارايدىغان بولساق ، كۆز قاماشتۇرىدىغان ھۇجۇم سېپى !!~ بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ . مەسىلە ئادى قەيەردە ؟ بۇ دەل بارسىلونانىڭ ئارقىمۇ-ئارقا تېرىنېر ئالماشتۇرۇشى . قابىل تېرىنېرلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ شەخسى پىكىرگە بەك بېرىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى . ھەممە تېرىنېرنىڭ گۇئاردىئولادەك بىراقلا چاقنىشى مۆمكىن بولمايدىغان ئىش . شۇڭا بارسىلونا ياكى ھازىرقى ئېنرېكقا ئاز دىگەندى ئىككى يىل ۋاقىت بېرىشى كېرەك . ياكى بولمىسا تەجرىبىلىك ، چىمپىيون تېرىنېردىن بىرنى ئەكىلىش كېرەك . ھازىرقى ھالەتتىكى بارسىلونا يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك . ئەگەر بۇنىڭغا تاكتىكا ئۇستىسىدىن بىرسى قوشۇلغان بولسىدى ، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك ئىش بولاتتى !!~ |
|