akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1599|ئىنكاس: 36

بارسىلونا ئورگان تورى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
subista.jpg
1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىلىپ بىرىلغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدا، بارسىلونا 0-1 نەتىجە بىلەن خانلىق جەمىئەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، خانلىق مادرىدقا يىتىشىۋىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويدى. 2014-يىلى بارسىلونانىڭ رەقىبى مادرىد ئۇزغۇنلۇق، شاھلىق قاتارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ 2014-يىلىنى غەلبىلىك تاماملىدى. ئاتلىتكا مادرىد بولسا بارسىلونا بىلەن مادرىدنى قارىتىپ قويۇپ بىرلەشمە چېمپىيونلىققا ئېرىشتى. مۇشۇنداق نەتىجىلەر ئالدىدا بارسىلونا كۇلۇبى تۇرالماي قالدى. 1-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، بارسىلونا ئورگان تورىدا كوماندا تەنتەربىيە باش ئەمەلدارى زۇبىزاررىتا بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى، زۇبىزاررىتامۇ بارسىلونادىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

1986-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە زۇبىزاررىتا بارسىلونا كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بولغان، 2010-يىلى بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە باش ئەمەلدارى بولغان. زۇبىزاررىتا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ توپچى قوشىۋىلىش قۇرۇلىشى تازا ياخشى بولمىغان. يازلىق بازاردا مادرىدنىڭ قوشۇۋالغان توپچىلىرى جامىس-رودىرىگىز بىلەن تونىي-كىروسقا سىلىشتۇرغاندا، بارسىلونا 81 مىليون ياۋرۇ خەجلەپ سىتىۋالغان سۇئارىزنىڭ كوماندىدىكى توپچىلار بىلەن ماسلىشىشى ياخشى بولماي مەستانىلەرنى نارازى قىلىپ قويغان. ھەتتا 10 مىليون ياۋرۇ خەجلەپ سىتىۋالغان ئارسىنال كاپىتانى ۋىرمالىن يارا سەۋەبىدىن بىر مەيدانمۇ مۇسابىقىگە قاتناشمىغان.

ئەمىلىيەتتە خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى زۇبىزاررىتا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. زۇبىزاررىتا بارسىلونا ياشلار تەربىيلەش بازىسىنىڭ بىۋاستە مەسئۇل ئادىمى. لامارسىيا ياشلار تەربىيلەش بازىسىنىڭ 9 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن توپچىنى كىرگۈزىشى زۇبىزاررىتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ چېمپىيونلۇق پىلانى ھەمدە كۇلۇب ئىناۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا بارسىلونا زۇبىزاررىتا بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغان.

زۇبىزاررىتا كۇلۇبتىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، بارسىلونا كۇلۇبى ئۇنىڭ 4 يىللىق ئەجىرىگە رەھمەت ئېيتقان. زۇبىزاررىتادىن باشقا يەنە بارسىلونا كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى پۇيۇل پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەندىن كىيىن بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى ياردەمچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتۈپ كەلگەن، بىراق زۇبىزاررىتا كۇلۇبتىن ئايرىلغاندىن كىيىن، پۇيۇل ئۆزىنىڭ Facebook دا ئىستىپانامىسىنى ئىلان قىلغان. قارىغاندا 2015-يىلى بارسىلوناغا مۇشەققەتلىك يىل بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

زۇبىزاررىتا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە قوشۇۋالغان توپچىلار ( ئومۇمىي باھاسى 440 مىليون ياۋرۇ )

1-ۋىللا willa.jpg
2010-2011-مۇسابىقە پەسلى 40 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

2-ماسچىرانو masqirano.jpg
ماسچىرانونى 22 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

3-ئادىرىيانو adriyano.jpg
ئادرىيانونى 10 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

4-ئافىلەي afilay.jpg
ئافىلەينى 3 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

5-فابرىگاس fabrigas.jpg
2011-2012-مۇسابىقە پەسلى 34 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

6-سانچىس sanqis.jpg
سانچىسنى 27 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

7-سوڭ sog.jpg
2012-2013-مۇسابىقە پەسلى 19 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

8-ئالبا arwa.jpg
ئالبانى 14 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

9-نىيمار niymar.jpg
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى قوشۇۋالغان. باھاسىنى ئورگان تورىدا ئاشكارلىمىغان، لىكىن " ئا س گىزىتى " 115 مىليون ياۋرۇ دەپ ئىلان قىلغان.

10-سۇئارىز suariz.jpg
2014-2015-مۇسابىقە پەسلى 81 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

11-راكىتىچ rakitiq.jpg
راكىتىچنى 18 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

12-بىراۋو birawu.jpg
بىراۋونى 12 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

13-دوگىلاس dogilas.jpg
دوگىلاسنى 4 مىليون 500 مىڭ ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

14-مادىئو madio.jpg
مادىئونى 20 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

15-تىرىستىگىن Itiristigin.jpg
تىرىستىگىننى 12 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.

16-ۋىرمالىن wirmalin.jpg
ۋىرمالىننى 10 مىليون ياۋرۇ بىلەن قوشۇۋالغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 17:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپچىلارنىڭ ھەممىسى سەر خىل توپچىلار ئىدى . بارسىلوناغا ماسلىشالماسلىقى تېرىنېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك !!~ تېرىنېر بولغان كىشى توپچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ، ئورنىغا قاراپ تاكتىكا ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى . ھەممە توپچى ماسچېرانودەك كۆپ قىرلىق بولىۋەرمەيدۇ . بەزى توپچىلار بۇرۇنقى كۇلۇبىدا ھالقىلىق ، نوپۇزلۇق توپچى بولسىمۇ ، لېكىن بارسىلوناغا كەلگەندە ، بارسىلونادىكى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ماھىرلار شۇ توپچىنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىدا بەلگىلىك پىسخىكا بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن رولىنى تولۇق نامايان قىلىلمىغان بولسا كېرەك .
يەنە بىرسى ، گۇئاردىئولادىن كېيىن بىرقانچە تېرىنېرلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئالمىشىشى ، توپچىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارايمەن . قارىماققا ھەر بىر تېرىنېر كەلگەندە بارسىلونانىڭ بۇرۇنقى ئويناش ئۇسۇلىنى قوللانغاندەك قىلسىمۇ ، لېكىن ماھىيەتتىكى تەدبىرلىرى كوماندىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
   بارسىلونا ئوتتۇرا مەيدان يادروسى خاۋې ، ئىنېستالارنىڭ بۇرۇنقىدەك كۈچى يوق دىگۈچىلەرگە تولۇق رەددىيە بېرىشكە بولىدۇكى ، ئۇلار بار بولغان ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىپادىدە ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ ، بۇ ئىككىسىگە قارىغاندا بوسكېسنىڭ ئىپادىسى بۇ پەسىل ئىزچىل تۇراقسىز بولۇپ كەلدى . مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمچىلار بىلەن بولغان باغلىنىشى ئىنتايىن سۇس ھالەتتە . ( بارسىلونانىڭ مۇداپىيىسى ئاجىز ) دىگۈچىلەرمۇ بولدى . بارسىلونانىڭ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىسىگە قارىساق ، بىرلەشمىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزگەن كوماندا . ھۇجۇم سېپىگە قارايدىغان بولساق ، كۆز قاماشتۇرىدىغان ھۇجۇم سېپى !!~ بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ . مەسىلە ئادى قەيەردە ؟ بۇ دەل بارسىلونانىڭ ئارقىمۇ-ئارقا تېرىنېر ئالماشتۇرۇشى . قابىل تېرىنېرلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ شەخسى پىكىرگە بەك بېرىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى . ھەممە تېرىنېرنىڭ گۇئاردىئولادەك بىراقلا چاقنىشى مۆمكىن بولمايدىغان ئىش . شۇڭا بارسىلونا ياكى ھازىرقى ئېنرېكقا ئاز دىگەندى ئىككى يىل ۋاقىت بېرىشى كېرەك . ياكى بولمىسا تەجرىبىلىك ، چىمپىيون تېرىنېردىن بىرنى ئەكىلىش كېرەك . ھازىرقى ھالەتتىكى بارسىلونا يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك . ئەگەر بۇنىڭغا  تاكتىكا ئۇستىسىدىن بىرسى قوشۇلغان بولسىدى ، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك ئىش بولاتتى !!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 14:37:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي سانچېس ، پىچەت ئوينايدىغان توپچىتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 14:37:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي يىلنىڭ بېشىدا ئەجەپ كۇلپەتلەر كەلدى بۇ بارسىلونانىڭ بېشىغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 14:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 14:37
ھەي سانچېس ، پىچەت ئوينايدىغان توپچىتى .

ئارسىنالدىمۇ پىچەت ئوينااتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 14:51:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 14:40
ئارسىنالدىمۇ پىچەت ئوينااتىدۇ.

ئۇغۇ شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 14:55:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىنىڭچە سانچىس بىلەن فابرىگاسنى ساتقىنى بارسىلونانىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 14:56:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 14:55
مىنىڭچە سانچىس بىلەن فابرىگاسنى ساتقىنى بارسىلونانى ...

ئادەم ئېلىشنى چەكلەشتىن بۇرۇن ساتقاچقا ئاخىرىنىڭ بۇنداق بۇلۇشىنى بىلمىدى دە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 14:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 14:56
ئادەم ئېلىشنى چەكلەشتىن بۇرۇن ساتقاچقا ئاخىرىنىڭ بۇن ...

بۇلارنى سىتىپ بولدى ئورنىغا كەلمەيدۇ، لىكىن يازدا سىتىۋالغان توپچىلىرى كوماندىغا تۈززۈك كۈچ بەرمەيۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 15:00:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانچىس ،فابرىگاس ، نىمار ، چاتاق يوققۇ بۇ باللادە ،  سۇئارىز نىم بولغاندۇ زادى لىۋىرپۇلدا شىرتى بولمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 15:12:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەممىدىن ئ‍اۋۇ ئ‍ەينەك ئ‍ادەمگە پۇل خەژلىگىنىگە دەيمەندە …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 15:37:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 15:38  

بۇ ئەمەلدار  ھازىرغىچە  سېتىۋالغان ئادەملىرى  ناھايىتى خىللانغان ، ئىسىل پۇتبولچىلار ئىكەنتۇق ، ئەمما سېتىپ چىقىرىشتا   كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ .  

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا  مەشقاۋۇل ئېنرىكمۇ كىيىنكى 2 مەيدان مۇسابىقىدە يېڭەلمىسە خىزمىتىدىن بوشىتىلدىغاننىڭ گىپى بار  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 15:41:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى توپچىلارنى سېتىۋاپتىكەن ، ئاخىرىدا ئالغان بىر نەچچىسى ياخشى چىقماي قاپتۇدە.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش