ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 751 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇتىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-6 09:10
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 02:06
لىكىن بىز ئاشۇ يىتىم بالا قىرى خوتۇنلار يەنە بىرق ...
توغرا ئېيتتىڭىز ئارتۇقچە ماختىنىش بىزگە زىيان ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.ئەمما مىنىڭ بۇ تېمىدا بەكەراق كۆزدە تۇتقىنىم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۇچۇن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇش،قوللاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى مۇنبەرداشلارغا ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلدۇرۇش.توغرا ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتلار ھازىر دۇنيانىڭ ئالدىقى قاتارىدا كىتىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.نېمە ئۇچۇن ئۇلارنىڭ پۇتبول ھەرىكىتى شۇنچە راۋاجلىنىپ ئەكىسچە بىزنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ؟ چۇنكى ئۇلار پۇتبولنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىدۇ،ئۇلارنى كۇچىنىڭ يىتىشىچە قوللايدۇ.ئەمما بىزچۇ؟ بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق.شۇ يىللاردا ئىنقىلاپ ئوتلىرى شىنجاڭدا يامراپ كەتتى.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۇرەك باغرى قان بولدى،پۇتبولنى قوللايدىغان بايلار بولسا ئازلاپ كەتتى.بىز قوللاشقا ئېرىشەلمىدۇق، بەلكىم شۇ چاغلاردا قوللاش بولغان بولسا بۇ چاغقىچە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قازانغان بولاتتۇق.يېقىنقى بىر نەچچە يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۆسمۇرلىرىمىز قازانغان نەتىجە بىزنى پەخىرلەندۇرىدۇ،ئەمما شۇنچىلىك نەتىجىلەرنى قازانغان بۇ ياشلىرىمىز يېشىنىڭ چۇڭىشىغا ئەگىشىپ بۇنداق نەتىجىلەرنى قازىنالمايدۇ؟ ئۇلار تۇرمۇشتىن ئىبارەت ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدى،ئۆزى قىزىققان بۇ كەسىپتىن بولسا نان تېپىپ يىيەلمىدى،شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن تالانتلىق ياشلىرىمىز بۇ كەسىپتىن ۋاز كەچتى…ئەسلى بۇ ئويۇمنى تېمىغا قاتماي دىگەنتىم ،مۇنبەرداشلانىڭ ئۆزى ھېس قىلسۇن دەپ ئويلىغان،قارىغاندا قېتىپ قويسام توغرا بولغىدەك… |
|