ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6210 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-6 01:58
بۇندن 3 يېل مۇقەددە گوڭدۇڭ چاۋجۇ شەھرىدا تۇرۋاتقان مەزگىلىم ئېدى شۇ يەرلىك بىرسى بىر سېرىق چاچ ئلمەك بۇرۇننى ياتقىمغا باشلاپ كەپتۇ ،
باشلاپ كەلگەننىڭ دىيشىچە ئۇ سىرىق چاچلىق ئاداش شىۋېتسىيەلىك فار فۇر سودىگىرى بۇلۇپ ماڭا ئوخشاش چاۋجۇدا تۇرۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان ئىكەن منىڭ شىنجاڭلق ئېكەنلىگىمنى ئاڭلاپ مەن بلەن پاراڭلىشىش ئېستگىدە ئېزدەپ كەپتمەن خەنچە سەۋيەسىمۇ خىلى يامان ئەمەسكەن بىر دەم ئۇ يەر بۇيەردىن پاراڭلىشىپ بىر رەسىمنى ئېلىپ كۆرسىتىپ بۇ نىمە ئېش سەن بىلەمسەن دەپ سوراپ قالدى قارسام شۇ يېللاردا رايۇنمىزدا مۇدا بولغان ھۇررا كىيمىكەن
مايكىنىڭ ئارقا تەرپىگە ئۇيغۇر 7-1 سېۋدىن دەپ يىزىقلىق .رەسىمنى كۆرۇپ چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ شۇنداق شۇ يېللاردا سىلەرنى شۇنداق نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتىكەنمىز شۇ نەتىجىنى خاتىرلىگەن كىيىم دىدىم
.ئۇ ئاداش بىر دەم تۇرۋەتكەندىن كىيىن مەن بۇ كىيىمنى توردىن كۆرۇپ بەكلا ھەيران قالدىم
دۆلىتىمىز كاماندىسى سىلەرگە ھچقاچان بۇنداق ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ باقماپتۇ نىمىشقا بۇنداق يىزۋالسىلەر دەپ قايناپ كەتتى
مەن نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي كومپىيۇتېردىن ئېزدەپ مىسرانىم توردىن شۇنىڭغا ئاېت ئازراق نەرسىلەرنى تىپىپ ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردىم قايىل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن تىخمۇ قايناپ كەتتى
ئۇ دمەكچى ئەگەر شۇ ئېش راس بولسا سىلەرنىڭ ئۇتقىنىڭلار دۆلەت كاماندىسى ئەمەس بەلكى بىر قىسىم مىسسىيونىرلار بۇ نەتىجىنى بۇنداق دۆلەت ئارا نەتىجە دەپ قاراش بىمەنلىكمىش
ئۇ ئاداش دۆلەتكە قايتسام مۇشۇ توغرىسىدا بىر نەرسە يازسام چوقۇم چوڭ خەۋەر بولدۇ
ئۇ چاغدا دۆلىتىمىزدن كەچۈرۈم سورايسىلەر دەپ قايناپ كەتتى .مەنمۇ شۇنداق قىل ئەمسە دەپ ئىشىمنى قىلۋەردىم
ئاردىن 20 كۇن ئۆتكەندە ھىقلى باشلاپ كەلگەن خەن ئاداش تېلفۇن قىپتۇ ھە دىسەم ھىلقى سىرىق چاچنىڭ ساڭا بىردىغان بىر نەرسىسى باركەن قاچان ۋاختىڭ بار دەيدۇ
ئەتىسى كۆرشىدىغانغان كىلشىپ سىرىق چاچنىڭ ياتقىغا باردىم بارسام شۇنچە مەغرۇر سالاممۇ يۇق قولنى ئېشرات قىلىپ كەل دەپ قوياپ كومپىيوتىرىنى قوزغىدى
بىر دەمدىن كىيىن بىر خەت ساندۇقىنى ئېچىپ ئۇ يازمىلارنى دۇدۇقلاپ خەنچە ئۇقۇپ بەردى ..چۈشەندىڭمۇ بۇ يازما مىنىڭ بىر دوستۇمدىن كەلگەن خەت
بۇ شۇ چاغدىكى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ خاتىرسىدىن ئېىلنغان بۇنىڭدا دىيشىچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغىنى راسكەن سىلەر 11 ئادەم
بىز 10 ئادەم 10 ئادەم ئىچىدە بىرسى شۇ يەرلىك بىقۋىلىنغان 12 ياشلىق بالا . قاپقىچىمىز بىلەن بىر مۇداپىيەچىمىز 40 ياشلار ئەتراپىدا ئايالكەن
قالغان ماھىرىمىزنىڭ ئەڭ كىچىگى 36 ياش چوڭى 55 ياش
تىخى مۇسابىققە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىلەردىن بىر ئادەم بىزنىڭ ئايال مۇداپىيەچىنى ئۇڭ تەتۇر تىپىپ ياتقۇزۇپ قوياپتىكەن شۇنداق قىلىپ باشتىن ئاخرى 9 ئادەم بىلەن ئويناپ مۇسابىقىنى تۈگتىپتۇ شۇ نەتىجىنىمۇ مۇشۇنداق داۋراڭ سىلىپ يۇرۇشتىن نۇمۇس قىلمامسىلەر ..ياتاقنىڭ .ئچى سۈكۈت ..........
چىكەمدىن تەر چىقىپ نىمە دىيشىمنى بىلمەي ياتاقتن چىقتىم ئۇ كىچە بىر ئۇخلامدمەن خۇددى ھەممە ئېشنى مەن قىلغاندەك
ئۈرۇمچىگە قايتىپ كىلىپ ھۇررانىڭ قۇرغۇچىسى ساتتارنى ئېزدەيمۇ دىدىم لىكىن نىمە دەپ ئېزدىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم شۇ يىلى قىشتا قەشقەرگە بىرىپ قالدىم
قەشقەردىكى بەزى ياشقا چوڭ پۇتبول سۈيەرلەردىن بۇ ئېشنى سۈرۈشتۇرسەم پەرەڭلەرنى يىڭۋالغىنىمىز راس لىكىن ئۇلارنىڭ قايسى ئەر قايسى ئايل ئۇلار قانچا ئادەم ئۇ توغرىسىدا ئېنىق يازما خاتىرلەر يوق دەپ مۈجمەل جاۋاپ بەردى يەنە بىرقانچىسىدىن سورساممۇ جاۋاپ ئوخشاش
دىمەك بىز ئاشۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنىلا خاتىرلىۋالغان مەيداندىكى ئادەم سانى ئۇلارنىڭ جىنسى پەرقى ،ياش پەرقى قاتارلىقلارنى خاترلىمىگەن
ئىھتىمال شۇ سىرىق چاچنىڭ دىگىنى توغرا بولشى مۆمكىن دەپ مەن بۇ بۇ ئېشلار ئۆستىدە ئېزدەنمىدىم مۆمكىن بولسا بىز مۇ بۇ قۇرۇق نەتىجىنى خەلىقئارالىق مۇسابىقە دەپ بىلمەي بىر دوسلۇق مۇسابىقسى دەپ چۈشنەيلى ئۇياتقا قالمايلى .چۈنكى شۇ چاغدىكى شېۋېتسىيە ياكى ئېنگلاند كاماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقانلارنىڭ ئارخۋى بىز دە يوق |
|