ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6304 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئابلەتجان سىزدىن بىر سوئال سورسام ، زەردارلاغا باھا بېرىشتە بىرەر قائىدىلەر بارمۇ ؟ بەزى دوستلارنىڭ خىيالدا ئۇزغۇنلۇقتا چىمپيۇن بولغان كوماندىلارنى زەردار ئاتايدىغان ، بولمسا زەردار ھېسابلمايدىغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن . ئۇغۇ ئۇلارنىڭ شەخسى كۆز قارشى ، لىكىن مىنىڭ كۆز قارشىم ئۇنداق ئەمەس. زەردار كوماندا دەپ ئاتاش ئۈچۈن توپ مەستانلىرنى قايىل قىلغىدەك ، بىرەر نەتىجسى بولۇش كىرەك .(ئۆتكەن زاماندىكى ياكى ھازىرقى زاماندىكى نەتىجىلىرنى دىمەكچى) . ئۇزغۇنلۇقتىكى نەتىجىلىرىگە قاراپلا ، زەردار ياكى زەردار ئەمەس دەپ يەكۈن چىقىرىش تازا ئادىل ئەمەس . مەسلەن مىلاننى ئېلىپ ئېيتساق ، مىلان خاندالىقنىڭ ياۋۇرپادا زومگەرلىك قىلىپ يۈرگەن ، يېقنىقى زامان تارىخىنى ھەمىمىز بىلمىز . لىكىن ھەقىقي مىلەن خاندالىقنىڭ تارىخىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتۇق . بۇ تارىخىنمۇ سىزدەك پۇتبۇل بىلمى يۇقىرى ، ئۇزۇن يىللىق پۇتبۇل مەستانلىرنىڭ تېمسنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلۋالدۇق . مىلان بۇرۇن مەستانىلەرنى ھاياجانغا سالغۇدەك مۇسابىقسى، قايىل قىلارلۇق نەتىجىسنى ،تارىخ بېتىگە ھەم مەستانلەرنىڭ يۈركىگە يېزىپ بولغان . شۇڭا زەردار ئاتلىپ كېلۋاتىدۇ ، ھازىرقىدەك قىيىن كۈنلەردەمۇ زەردارلار سېپدىن چۈشۈپ قالغنى يوق ھەم چۈشۈپ قالمايدۇ . دىمەكچى بولغىنم مۇشۇ يىللاردا باش كۆتىرۋاتقان پارىژ ، مانچىستىر شەھىرى قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭمۇ مىلاندەك بىر تارىخى يارتالامدۇ ، نەتىجىسى مەستانلەرنى قايىل قىلالامدۇ يوق بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزگە باغلىق . ( ھازىرقى ھالتىغۇ ئىنتايىن ياخشى ، لىكىن قاچانغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ ؟ ) ئەگەر مۇشۇ ھالىتدە ماڭالىسا ، ئۆزگە چۈشلۇق بىر تارىخ يارتالىسا ، كېيىنكى بەش يىلدا بۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ زەردار ئاتىلشدا گەپ يوق .
|
|