ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1116 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم.................!!
ھازىر ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە ئەڭ تېزسۈرئەتتە كۈچىيۋاتقان مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ھەممىمىزگە تونۇش بۇ كوماندا ئەينى ۋاقىتتىكى ئادەتتىكى بىر كوماندىدىن ھازىرقى ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە ۋە پۇتۇن ياۋرۇپادا خىلى نامى چىققان كوماندا دىسە ئارتۇق كەتمەيدۇ ، ئەمسە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى قانداق قىلىپ ئادەتتىكى كوماندىدىن ھازىرقىدەك قۇدرەتلىك قوشۇنغا ئايلاندى بۇنىڭغا كىم قانچىلىك كۈچ چىقىرۋاتىدۇ ..............................؟!
مانچىېستېر شەھىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى:(تۈنجى بولۇپ قۇرۇلغان ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) جەڭدىن كىيىنكى قەھىرىمانلار دەپ قۇرۇلغان . 1880-يىلى ئىنگىلادنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە ۋىلسىت گولتون سانىت ماركىس دىگەن ئىسىم بىلەن شۇ يەردىكى خەلىق تەرىپىدىن دۆلەتكە ئەنگە ئاغىزغان ، 1887-يىلى ئىسمىنى ئاردىۋىك AFC دەپ ئۆزگەرتكەن، 1894-يىلى مانچېستېر شەھىرى دەپ ئۆزگەرتكەن ۋە ھازىرغىچە قوللىنىپ كىلۋاتىدۇ. 1899 ۋە 1902يىلى ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە چىمپېيون بولغان. 1904-يىلى پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرگەن ۋە بولتون كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدا 1-0 نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ چىېمپىيۇن بولغان . 1905-يىلى ئىنگىلاد ب دەرىجىلەر بىرلەشمىسىدە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى 17-ئورۇنغا ئاستون ۋىللا كوماندىسى 18-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان شۇ ۋاقىتلاردا ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە ئەڭ كىچىك دەرىجىدىكى بىرلەشمە دەل ب دەرىجىدىكى بىرلەشمە بولغانلىقى ئۈچۈن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن ئاستون ۋىللا كوماندىسى بىريىل مۇسابىقىدىن توختىتىلغان. 1910-يىلى ئۈچىنجى قېتىملىق ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1923-يىلى تۈنجى شەخسى پۇتبول مەيدانىنى ياساپ چىققان ۋە بۇ پۇتبول مەيدانغا ماينېر پۇتبول مەيدانى دەپ نام قويغان ۋە كوماندىغا تىخىمۇ ئۈمىد بىلەن قاراشقا باشلىغان . 1924-يىلى ئىنگىلاد ب بىرلەشمىسىدىن نيۇكاستىل كوماندىسى بىلەن بىللە ئىنگىلاد ئا بىرلەشمىسىگە چىققان . 1926-يىلى پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرگەن ۋە 2-جىلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە شۇ يىلى ئىنگىلاد ئا بىرلەشمىسىدىن ئىنگىلاد ب بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ قالغان . 1928-يىلى تۆتىنجى قېتىملىق ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1933-يىلى پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرگەن ۋە ئىۋىرتون كوماندىسىنى 3-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئىككىنجى قېتىملىق لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1937-يىلى تۈنجى قىتىم ئنگىلاد ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1938-يىلى ئنگىلاد ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئەمەس بەلكى ئنگىلاد ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە پۇت تىرەپ تۇرىشىمۇ تەسكە تۈشكەن ۋە ئاخىرى ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قايتا چۈشۈپ قالغان . 1947-يىلى ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5-قېتىملىق چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1955-يىلى پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسنىڭ ھەلقىلغۇچقا نيۇكاستىل كوماندىسىغا 0-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ 2-قىتىم ئىككىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن . 1956-يىلى يەنە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرگەن ۋە بىرمىڭخام كوماندىسىنى 3-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ بۇ لوڭقىنىڭ ئۈچىنجى قىتىملىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1963-يىلى يەنە بىر قىتىم ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ قالغان . 1968-يىلى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى نيۇكاستىل كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىنگىلاد رايۇنلار لوڭقىسىنى تاللىشىشتا مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ۋە مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى تەرىپىدىن غالىپ كىلىپ تۈنجى قىتىملىق لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1969-يىلى يەنە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرگەن ۋە بلېيسېستېر شەھىرى كوماندىسىنى 0-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ بۇ لوڭقىنىڭ تۆتىنجى قىتىملىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1970-يىلى ياۋرۇپا كۈشلۈكەر لوڭقىسىنى تاللىشىتا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ۋە 2-1 نەتىجە بىلەن غەربي بىرومىۋىچ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ لوڭقىنىڭمۇ تۈنجى قىتىملىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1976-يىلى نيۇكاستىل كوماندىسىنى 2-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئىككىنجى قىتىملىق ئنگىلاد ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1983-يىلى يەنە بىر قىتىم ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ قالغان . 1985-يىلى چاردون ماھارىتى كوماندىسىنى 5-1 چوڭ نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئنگىلاد ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۆرلەپ چىققان . 1987-يىلى يەنە بىر قىتىم ئنگىلاد ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ قالغان . 1989-يىلى ئنگىلاد ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەن . 1996-يىلى ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن دەرىجە تۆۋەنلەپ چۈشۈپ كەتكەن . 1998-يىلىدىن تارتىپ ئۇدا كەينى - كەينىلاپ دەرىجە ئۆرلىگەن ۋە 1999-يىلى يەنە قايتا ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەن . 2000-يىلى يەنە دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن . 2001-يىلى يەنە دەرىجە ئۆرلەپ ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەن ۋە ياخشى نەتېجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە....................!!
2008-يىلى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىك مەنسۇر باي مانچىېستېر شەھىرى كوماندىسىنى سېتىۋرالغان . ئۇ مانچىېستېر شەھىرى كوماندىسىنى قولىغا ئىلىپلا كۈچەيتىشكە باشلىغان ھەم 38مىليون فۇنېستىېرلىڭغا مان مادىرد كوماندىسىدىكى بىرازىليەلىك توپچى روبىخونى ئەكەلگەن ۋە كەينى - كەينىلەپ داڭلىق توپچىلارنى ئەكىلىشكە باشلىغان يەنى تېۋىز ، زىكى ، ياياتورى ، داۋىد سىلىۋا ، ئاگۈيرۇ ۋە ناسىرى قاتارلىق داڭلىقلارنى يۆتكەپ كەلگەن . مەنسۇر بايىنىڭ ساپ مۇلىكى20مىلياد فۇنېستېرلىك بولۇپ دۇنيا بويىچە پۇتبول خوجايىنلار ئىچىدە ئەڭ باي ھىسابلىنىدۇ . مەنسۇر باينىڭ ھازىر مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا سالغان مەبلىغى 1مىلياد فۇنېستېرلىڭغا يەتكەن .
مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ تارىخى نەتىجىلىرى ؛
بىر مۇسابىقە پەسىلدە ئەڭ جىق توپ ئۇرغان توپچى: 1928-1929 مۇسابىقە پەسىلىدە تامىر يۇۋىتىر 158توپ ئۇرغان .
ئەڭ جىق مەيدانغا چۈشكەن توپچى : 1959-1976 يىلغىچە ئارلىن ئوركىس 565 مەيدا مانچېستېر شەھىرى ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەن .
بىر مۇسابىقە پەسىلدە ئەڭ جىق توپ ئۇرغان توپچى : 1919-1930يىلىغىچە تامىر يۇۋىتىر 38توپ ئۇرغان .
ئەڭ قىممەت باھادا سىتىۋالغان توپچى : 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مادىرىد ماھارىتى كوماندىسىدىن ئارگىنتىنالىق ھۇجۇمچى ئاگۈيرۇنى 38مىليۇن فۇنېستېرلىڭغا سىتىۋالغان .
ئەڭ قىممەت باھادا قولىدىن چىقارغان توپچى : 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى فىل پۇسنى 21مىليۇن فۇنېستېرلىڭ باھا بىلەن چىلىسىگە سىتىپ بەرگەن .
بىر مەيداندا ئەڭ جىق توپ ئۇرغانلىرى : 1906-يىلى 9- ئاينىڭ 3-كۈنى ئىۋىرتون كوماندىسىنى 9-1نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان .
1930-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سىۋانسى شەھىرى كوماندىسىنى 10-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان .
1987-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى خادىرچى فىردى كوماندىسىنى 10-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان .
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىنى 6-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان .
|
|