ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2671 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 19:53
مەن بىر ئېغىز لىللا گەپ قىلايما:
گۇئادىئولا كەتتى، ھازىر ئۇنىڭ ئىسمىنى مىڭ دېسەكمۇ پايدىسى يوق. ئېنرىكنى ئىككىنچى گۇئادىئولا بولامدىكىن دېسەك، ئىككىنچى سېدورىف بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. كىلوپ دورتمۇندقا بولغاندەك قىلغىنى بىلەن بارسېلونادەك زەردارغا تېخى بالا. بوئاسنىڭمۇ پورتۇنى ئېرىشتۈرگەن نەتىجىسى قالمىغان، مۇرىنىئونىڭ ھەقىقىي ئىزباسارى دەپ قارالغانىدى، كېيىن قانداق بولدى؟ چېلسىنى ئەمەس، توتىنھامنىمۇ ئەپلەپ تۇتالمىدى. ھەقىقىي زەردارنى باشقۇرۇش ئاسان ئەمەس.
مېنىڭ ئويۇمدا، ھازىرقى ماردى رىقابەتنىڭ تىرېنېرى سىمونى تازا باب كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئارگېنتىنالىق، مېسسى، سۇئارېز، نېيمارنى باشقۇرۇشقا قولايلىق. ئىككىنچى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىيالايدۇ. 3. رېئال مادرىدنىڭ تازا ئەشەددىي رەقىبى، بارسېلونانىڭ كۈتىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇنداق كىشى.
كەلمەيدۇ دېيىشىڭىز، ياكى مادرىد ئوتۇنچىدەك ئوينايدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن. بارسېلونانى تۇتقۇسى كەلمەيدىغان ئۇ مۇرىنىئو ئەمەس (مۇرىنىئومۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېلەمدۇ تېخى، بەندە بىلمەيدۇ) . دۇنيادا بارسېلونانى رەت قىلىدىغان ئادەمدىن يا بىرسى، يا ئىككىسى چىقىدۇ، سېمونى بۇ ئىككىنىڭ ئارىسىدا ئەمەس. يەنە بىرى، قولىدىكى ماھىرلار شۇ ئوتۇنچىدەك ئوينايدىغانغا ئاران ياراۋاتسا شۇنداق ئوينىماي، بارسېلونادەك ئويناتسا بولامتى؟؟ بارسېلوناغا كەلگەندىن كېيىن ئويناش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. تاكتىكا دېگەن تىرېنېرنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن بىللە چۈشىدىغان نەرسىسى ئەمەس، مېسسى بىلەن ئېنىستانى قولغا چۈشۈرگەن ئادەمگە ئوتانچىدەك ئوينا دېسىمۇ ئۇنداق ئويناتمايدۇ. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|