ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 17:38
ئىنرىك بارىسلوناغا باش مەشقاۋۇل بولغىلى يېرىم يېلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ھازىرغىچە ئوينالغان 24مەيدان مۇسابىقىدە ھەر قېتىم ئوخشاش بولمىغان تاكتىكا قۇللاندى.ئاخشامقى 25-مەيدان مۇسابىقىدىمۇ شۇ. ئەمما ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى. بايرىن مىيۇنخىېن كوماندىسى يىتەكلەۋاتقان گۋادىئولامۇ ئوخشاشلا ئوخشىمغان سەپ شەكلىنى قوللونوپ ياخشى ئۈنۈم يارتىپ كىلۋاتىدۇ.ئۇنداقتا نىمىشقا ئىنرىك نىڭ كوماندىسى ئادەمنى ئەنسىرتىپلا يۈرۈيدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ،ئۇ بولسىمۇ ئىنرىك ھازىرغىچە ئۆز خاھىشى بۇيىچە قايسى ئەزانى مەيدانغا چىقارغۇسى كەلسە شۇنى چىقىردىغان، ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغان تاكتىكا ،سەپ شەكىللىرنى دادىللىق بىلەن ھەرقانداق مۇسابىقىدە سىناپ باقىدىغان ،كوماندىدا ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشنى باش مەخسەت قىلدىغان ،شەخسىي ئىڭى ناھايىتى كۈچلۈك تېرنىر ئىكەنلىگىنى كوماندا ئەزالىرغا كۆرسىتىپ قۇيۇشنى ياخشى كۈردىغان بەزى تىپىك تەرەپلىرى ئىسپاتلىدى. لېكىن ھازىرغىچە ئىنرىك ئۆز كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى ،كوماندىغا ھالقىلىق پەيتتە ئەس قاتىدىغان 11ئادەمنى تاللاپ بولالمىدى. ئاخشام ئوينالغان مۇسابىقىدە مېسسى ،نىيمار،ئارۋىس زاپاس ئەزاغا ئايلىنىپ قالدى .بۇنىڭغا قارىتا ئىنرىك بۇ ئۈچ توپچى جەنۇبى ئامرىكىدىن بارىسلوناغا باشقا توپچىلارغا قارىغاندا سەل كىچىىپ كەلدى،ھەم مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان مەشىققە قاتنىشىشى باشقا توپچىلارغا قارىغاندا كۆپ بولىمىدى ،شۇڭا مەن كوماندىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئويلۇشۇپ بۇ ئۈچ نەپەرتوپچىنى زاپاس ئەزا قىلىپ مەيدانغا چۈشۈردۈم دىگەن.لېكىن مۇسابىقىدىن كىيىن مېسسى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. گۋادىئولا زامانىسىدا مېسسىغا نىسپەتتەن مەيدانغا چىقىش ياكى چىقماسلىق ئۈزى بەلگىلەيدىغان كىچىككىنە ئىش ھىساپلىناتتى،بىراق ھازىر ئوخشىمايدۇ.ئاخشامقى مۇسابىقىدىن كىيىن مېسسى تاراتقۇلار ئالدىدا ئۇچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىنرىك تىن نارازى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويغان. مېسسىنىڭ قارىشىچە ئىنرىك بارىسلونا كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى تەڭپۇڭ ھالىتىنى تامامەن قالايمىقان ھالەتكە ئەكىلىپ قۇيغان.شۇڭا دەرھال كوماندا تېرنىر ئالماشتۇرىشى كىرەك دىگەن.
دۇنيا تەنتەربىيە خەۋەرلىرى گىزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە مېسسى بىلەن ئىنرىك نىڭ مۇناسىۋىتى بۇ قېتىملىق روجىستېۋا بايرىمى دەم ئىلىشى ئاخىرلىشىپ كوماندىغا يىغىلغان چاغدا بۇزۇلغان. مېسسى كوماندىغا قايتىپ مەشىقنى باشلىغاندا ،ئىنرىك مېسسى نىڭ بەزى تەلەپلىرى بەك ھەددىدىن ئارتۇق بۇلۇپ كەتتى، ھەم باشقا توپچىلارنىڭ تەلپىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى دەپ ئەيىبلىگەن. ئىنرىك كۆپ قېتىم مېسسىدىن نارازى بولغان. مەشىق داۋامىدا ھەممە توپچى ئىنرىكنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە ئىش قىلسا پەقەت مېسسىلا ئىنرىكنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىققان.شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن ئاغىرنىش كەيپىياتى تەدىرىجى شەكىللەنگەن.
مەيلى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىدە مەسلە چىقسۇن ۋەياكى تاكتىكا جەھەتتە مەسىلە چىقسۇن بارىسلونا كۇلۇبى ئىزچىل ئىنرىكنى قوللاپ كەلگەن ،شۇڭلاشقا مېسسى بارىسلونا قاتلىمىدىنمۇ نارازى بولغان.ئىنرىك ھازىر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈينىڭ ئاتامانى بۇلۇشنىمۇ مېسسىدىن تالاشقاندەك كەيپىيات شەكىللەنگەن.
كاتولونىيە تاراتقۇلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ:مېسسى نىڭ مەيداندا بۇلۇشى ھەرۋاقىت كوماندىغا مۇھىم ھىساپلىنىدۇ.مېسسى مەيداندا بولغاندىلا كوماندىنىڭ ئىتىپاقلىقى،ھەم جانلىقلىقى تەڭپۇڭ بۇلىدۇ، كوماندىدىكى توپچىلار مېسسنىڭ ئەڭ شەخسىيەتسىز سەپدىشى ئىكەنلىكىگە ھەر ۋاقىت ئىشىنىدۇ. ئىنرىك مەشقاۋۇل بۇلغاندىن باشلاپ مېسسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىدى. ئەگەر بىز توپ مەستانىلىرىگە ئىنرىك بىلەن مېسسى دىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە ،بىز ئىكىلەنمەستىنلا مېسسىنى تاللايمىز دىگەن.بارىسلونا مەستانىلىرىگە ئىنرىكنىڭ ئاخشام ئوينالغان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان چاغدىكى چىراي ئىپادىسى پەقەتلام ياقمىغان.قارىغاندا ئىنرىك بۇ پەسىلنى ئاران چىقىرالايدىغان ئوخشايدۇ.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|