ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2671 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ مۇسابىقىنى مەنمۇ تولۇق كۆردۈم، ھېس قىلغان نۇقتىلىرىمنى دەپ باقاي:
1. ۋالۇنسىيە سەل مەينەترەك بولسىمۇ، يەنىلا جانلىق ۋە جەڭگىۋار ئوينىدى. 90 مىنۇت بەل قويۇۋەتمەي، توپنى ئىتتەك تالاشتى. ۋالۇنسىيەنىڭ 12 - 13 ئادىمى بۈگۈن قوپالايدىغاندەك ئەمەس. تىرېنېرنىڭ تاكتىكىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى، مۇھىمى، ۋالۇنسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ "ساڭا بوزەك بولمايمەن، رېكورت بىلەن كارىم يوق" دېگەن قارىشى ئۈنۈم بەردى. ئۇلارنىڭ روھىغا ئاپىرىن!!!
2. رېئال مارىدنىڭ مۇداپىيەسى ياخشى بولغان، بىراق ئوتتۇرا مەيداننىڭ تىزگىنلەش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلدى. رودرېگىز يوقاپ كەتتى، ئىسكودا پاس خاتالىقى كۆپ كۆرۈلدى، پەقەت كىروسلا لاياقەتلىك. بېل قارشى تەرەپنىڭ 6 - نومۇرلۇق بېكى ئولۋاندىن قەتئىي ئۆتەلمىدى(خېسەيمۇ شۇ). بىر مۇھىم توپنىمۇ بېنزىماغا ئىتتىرىپلا قويسا تۈگەيتتى، نەتىجىمۇ 2 دە 1 بولىتى، مۇشۇ خاپىلىق يوق. رونالدو كېيىنكى مەيداندا كۆرۈنمىدى، بېنزىما بارا - بارا ئېچىلغان، ئەمما يەنىلا چەكلىك رول ئوينىدى. ئەمما، پې پې، راموس، مارسېلو بۇ ئۈچ ماھىرغا يۇقىرى نومۇر بېرىش كېرەك.
3. يېڭىش - يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. 22 مەيدان ئۇدا يەڭمەكمۇ بەك نوچى ئىش. شۇڭا نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. مەنمۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم مارىد ئۈچۈن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدىم.
لېكىن، بەزى ئاز ساندىكى مەستانىلەرگە دەيدىغىنىم: يېڭىلىشنى قوبۇل قىلايلى. مادرىد كۈچەمدۇ - كۈچىمەمدۇ، ھېرىپ قالدىمۇ - قالمىدىمۇ، ئۇ مادرىدنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، رەقىبىنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇڭا، ئۇتتۇرغاندا مەيلى قانداق مۇسابىقە بولسۇن، مەيلى كىمنى مەيدانغا چىقارسۇن، "بىز ئۇتتۇردۇق" دېسەڭلارلا كۇپايە. بولمىسا ئۆزۈڭلارنى ئەرزان قىلىپ قويۇسىلەر. |
|