akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1369|ئىنكاس: 48

سامانيولى جەڭ كېمىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى توختاپ قالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سامانيولى جەڭ كېمىسىنىڭ  ئالغا ئىلگىرلىشى توختاپ قالدى
(ئىسپانىيە بىرلەشمىسى17-ئايلانما خەۋرى)



   بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت نۆلدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسى مىستالىيە پۇتبۇل مەيدانىدا  خانلىق مادرىت كوماندىسى بىلەن ۋالېنسىيە كومانىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.
دەسلەپكى مەيداندا ۋالىنسىيە ماھىرىنىڭ قول توپى مۇناسىۋىتى بىلەن نوقتا توپقا ئىرىشىپ كىرىستىيانۇ رونالدۇ بۇ توپنى كىرگۈزدى.كېيىن ېالىنسىيە كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ قاتتىق تىرىشىشى بىلەن ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، سامانيولى جەڭ كېمىسىنىڭ 22 مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىش قەدىمىنى توختىتىپ قويدى.







پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 12:12:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ مۇسابىقىنى مەنمۇ تولۇق كۆردۈم، ھېس قىلغان نۇقتىلىرىمنى دەپ باقاي:
1. ۋالۇنسىيە سەل مەينەترەك بولسىمۇ، يەنىلا جانلىق ۋە جەڭگىۋار ئوينىدى. 90 مىنۇت بەل قويۇۋەتمەي، توپنى ئىتتەك تالاشتى. ۋالۇنسىيەنىڭ 12 - 13 ئادىمى بۈگۈن قوپالايدىغاندەك ئەمەس. تىرېنېرنىڭ تاكتىكىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى، مۇھىمى، ۋالۇنسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ "ساڭا بوزەك بولمايمەن، رېكورت بىلەن كارىم يوق" دېگەن قارىشى ئۈنۈم بەردى. ئۇلارنىڭ روھىغا ئاپىرىن!!!
2. رېئال مارىدنىڭ مۇداپىيەسى ياخشى بولغان، بىراق ئوتتۇرا مەيداننىڭ تىزگىنلەش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلدى. رودرېگىز يوقاپ كەتتى، ئىسكودا پاس خاتالىقى كۆپ كۆرۈلدى، پەقەت كىروسلا لاياقەتلىك. بېل قارشى تەرەپنىڭ 6 - نومۇرلۇق بېكى ئولۋاندىن قەتئىي ئۆتەلمىدى(خېسەيمۇ شۇ). بىر مۇھىم توپنىمۇ بېنزىماغا ئىتتىرىپلا قويسا تۈگەيتتى، نەتىجىمۇ 2 دە 1 بولىتى، مۇشۇ خاپىلىق يوق. رونالدو كېيىنكى مەيداندا كۆرۈنمىدى، بېنزىما بارا - بارا ئېچىلغان، ئەمما يەنىلا چەكلىك رول ئوينىدى. ئەمما، پې پې، راموس، مارسېلو بۇ ئۈچ ماھىرغا يۇقىرى نومۇر بېرىش كېرەك.
  3. يېڭىش - يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. 22 مەيدان ئۇدا يەڭمەكمۇ بەك نوچى ئىش. شۇڭا نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. مەنمۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم مارىد ئۈچۈن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدىم.
  لېكىن، بەزى ئاز ساندىكى مەستانىلەرگە دەيدىغىنىم: يېڭىلىشنى قوبۇل قىلايلى. مادرىد كۈچەمدۇ - كۈچىمەمدۇ، ھېرىپ قالدىمۇ - قالمىدىمۇ، ئۇ مادرىدنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، رەقىبىنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇڭا، ئۇتتۇرغاندا مەيلى قانداق مۇسابىقە بولسۇن، مەيلى كىمنى مەيدانغا چىقارسۇن، "بىز ئۇتتۇردۇق" دېسەڭلارلا كۇپايە. بولمىسا ئۆزۈڭلارنى ئەرزان قىلىپ قويۇسىلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 05:55:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامما دەششەت ئىچىم  سىيرىلدى جۇما، رىكۇرد بۇزۇلدىدە ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 05:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 05:57  

بارىسلونامۇ ئۇتتۇردى، ئىسىت پۇرسەتنى يوق قىلدى.بىر نەپەر مادىرىدچى دوستىمىزنىڭ پەرزى ھەجەپ ئۇدۇل چىقتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 05:56:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ ئىشى بەلكىم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 06:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئىسپان بىرلەشمىدە ( مۇشۇ مىنۇتتا )  قايسى كوماندا ئۈستۈن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 06:17:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋاتتە مادرىددە
1-مادرىد
2-بارسىلونا
3-ئاتلاكتىكا مادرىد
4-ۋالۇنسىيە
5-سەۋىللىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 07:23:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ۋالۇنسىيەنىڭ تۈنۈگۈنكى جېنىنى تىكىپ ئوينىشىدىن مادرىد بىلەن تەڭلىشىپ قالارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم ،لېكىن ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنى پەقەت كاللامغا كەلتۈرمەپتىمەن  .
    فىلورىنتۇ  بېل  دېگەن گۇينى كوماندىدىن ھەيدەشنى ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك ، يېڭى پەسىل كىرگەندىن بۇيان مۇشۇ نېمىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ھەددىدىن بەك ئاشقىلى تۇردى ،ئۆزىنى ئۇزغۇنلۇق قەھرىمانى ،مەن بەك نوچى  دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ،سەپداشلىرىغا پەقەت پاس بەرمەيدىغان بولىۋالدى ،پاس بېرىش قېتىم سانى  بۇرۇنقىدىن ئازلاپ كەتتى .   
    بېنزىماغا پەقەت پاس بەرمەيدۇ دېسە ،نەچە قېتىم بولدى مۇشۇنىڭ بىلەن ،مىڭ تەستە قولغا كەلتۈرگەن 22 مەيدان ئۇدا يېڭىش رېكوتى توختاپ قالدى قاراپ تۇرۇپ .
    بۇ يىل زەردارلار ئۇتتۇرۇش بىلەن دەسلەپ قىلغىلى تۇردى ،ھېچقىسى يوق ،بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە
ئىپادىسىنى تېپىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
    Hala Madrid!!!   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 09:19:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادردنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى ئەخلەتتەكلا بىلىندى ئاخشام، شۇمۇ ئويناش بولدىمۇ؟! ئۇلارنى جەمىيەت ئوينىتىۋەتتى. پەقەت پې پې ،مارسىلو،ئىسكو دىگەنلەر خېلى ياخشى ئوينىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 09:21:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى  تۈنۈگۈن   بارسا  مادىرىت  ئ‍ۇتارسا    ئ‍الدىنقى  يىلدىكىدەكلام   ئ‍ۇيۇن  قىزاتتى  دىگن      راسلا   ئ‍ۇتتۇرۇپتىغۇ       ئ‍اللا    ئ‍اللا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 09:28:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپاندا كۈچلۈك كۇلۇپ  يوقتىغۇ؟نېمانداق بۇ ئىككىسىنى پۇتلاپ يۈرىيدىغاندۇ؟رىكورنىڭ يېڭىلىشىنى مۇشۇ  بىرلەشمىدىلا  توسۇپ قويدىغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 09:57:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنىڭ شەخسىيەتچىلىكى2توپنى يوق قىلدى،بولمىسا مادرىد ئۇتتۇرىۋەتمەسلىكىمۇ مۇمكىنىدى.ئورنىغائالمىشىپ چىققان خىسەي دىگەن ئاداشمۇ ئۇزۇن ئارام ئېلىۋېرىپ پۇتىدا توپ توختىماس بۇلۇپ قاپتۇ،ئاز دىگەندە ئۇدا5قېتىمدەك توپ تارتقۇزۇپ يۈرۈيدۇ،بېلدىنمۇ ناچار ئوينىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 10:01:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇكاس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 09:28
ئىسپاندا كۈچلۈك كۇلۇپ  يوقتىغۇ؟نېمانداق بۇ ئىككىسىنى  ...

خەپ مادىرىت خەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش