akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: تۈمەن

فىرانسىيە كىچىك شاھى- كەرىم بېنزىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-4 18:26:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 18:41  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 18:14
مۇھىم مۇسابىقىلەردە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمىغان  ...


ئۇغۇ شۇ      لىكىن مۇشۇ بېنزىما قارىمنىڭ قاپقىغا كىرەي دەپ قالغان توپنىمۇ ھاۋايى مۇئەللەققە تىپىپ چىقىرۋەتكەن توپلىرنى دەيمەندە  سىزنى كۆپ سۆزلىتىپ قويدۇق تەقىسىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 18:33:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 18:36  

  بۇرادەرلەر، مۇشۇ تېمىدىكى 4 - رەسىم تولىمۇ ئېسىل رەسىم ئىكەن...
رەسىمدىكى تۆتەيلەن كىملەر؟ بېنزىما، ناسىرى، بېن ئارفا، كونسىتانت... بېنزىما فىرانسىيەنىڭ خوجىسى، ناسىرى ئەسلىندىنلا گىگانت چولپان، بېن ئارفا ئەسلى ناسىرىدىنمۇ ياخشىراق، تېخىمۇ يۇقىرى تۇغما تالانتقا ئىگە توپچى ئىدى، نيۇكاستېلدىمۇ ياخشى ئوينىغانىدى، ئەپسۇس،  مىجەزى ۋە قامغاقتەك تۇراقسىز ئىپادىسى ئۇنى تۈنۈگۈن تېخى فىرانسىيەدىكى نېس كۇلۇبىغا كەتكۈزۈۋەتتى... كونسىتانت ئىتالىيە جەڭ مەيدانلىرىدا ئالدى بەل، يان ھۇجۇمچى سۈپىتىدە چاڭ چىقىرىپ، مىلانغا قېتىلغان. مىلاندا يان بېك ئويناپ بىزنى رازى قىلغانىدى، ئەپسۇس، تىرېنېر تولا ئالمىشىپ، ئاخىرى يازدا تۈركىيەدىكى بىرابۇزۇن تەنتەبىيەسىگە يۆتكىلىپ كەتتى...
               يەكۈن: بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 18:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنىي ئىتقادى ئىسلام دىنى ئەمما ئاجايىپ ئىشلانى قىلىپ قويدى دە .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 20:12:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسى ئىشلىرىنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 20:43:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قول قويساق بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 21:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىپىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 21:05  

ئەينى چاغدا بىر مەزگىللىك ئىپادىسى تۆۋەنلىگەن چاغلاردا ئىنكاستا تىللىمىغان بىلەن ئىچىدە بېنزىمانى تىللاپ ئولتۇرغانلارنىڭ ئارىسىدا مەن بار ئىدىم ،  چۈنكى شۇ چاغلاردا ياردەمچى پاس ئۆزىل تەرىپىدىن، ھۇجۇم رونالدو تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان ئىدى ، ھىگۇايىن كىتىۋېدى  ئۇ تېخىمۇ بوشاپ كەتتى ، يا مورىنىھو ئاساسلىق قىلىۋېرىپ زىرىكمىدى ، مۇرىنىھو ئىشەنگەندىكىن بىزمۇ ئىشىنەيلى دەپ  بۇ ھۇجۇمچىدىن ئۈمىد كۈتكەنسىرى چەكلەنگەن رايۇندىكى كالامپايلىقلار ، ئاسمانغا ئۇچىۋاتقان چىرايلىق توپلار ، پۇشۇلداپ ئالدىرماي قوزغىلىشلار ...كۆز ئالدىمغا ۋېلبىك  ،ياق، غونجىن قوشۇلغان كالا ھارۋىسى بېرنابۇ چىملىقىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەندەك بىلىنىپ كەتكەنتى   ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەقىقەتەن ناچارمىدى ؟ ياق ناچار توپچى بولغان بولسا تىللاشنىڭ ئورنىمۇ يوق ، دېربىدىمۇ  توپ ئۇرماي ئوخشاش سەيلە قىلىپ يۈرگەن بولاتتى ، بىز ئۇنى قالتىس توپچى دەپ بىلگەن ، زور ئۈمىد كۈتكەن بولغاچقا ئۇنىڭ سەھۋەنلىكىنى  كۆتۈرەلمىدۇق ، ئۇنى داۋاملىق  قوللىيالمىدۇق ، شاتىراق مەستانە دىگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ، خۇددى بېنزىما بەزىدە ئاددى ئادەملىكىنى ئىپادىلەپ قويغىنىدەك بىزمۇ ئادەملىكىمىزنى  قىلىدىكەنمىز  
ئۇ ھازىر كىم ؟ بېنزىما ، كەرىم بېنزىما ، ۋاي بېنزىما قارىم !!!  ئۇ ئەنچىلوتتىنىڭ كاتالىزلىشى بىلەن يېڭىچە سېستىمىدا قايتىدىن ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ، تىللىغان ھەممىمىزنىڭ ئاغزىغا راسا كاچاتلىدى ...
ئىشىنىمەنكى ئابلەتجانمۇ بونىرانىڭ ئەمەلى كۈچىنى ئوبدان بىلىدۇ ، شۇڭا بەك تىللىۋەتكۈسى بولسىمۇ  ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنچ باغلايدۇ
مىسسىمۇ مەيداندا چۈش سەيلىسى قىلغاندا ، قۇسۇپ چىملىقتا يېتىپ قالغاندا ، ھالقىلىق پەيتتە ئەسقاتمىغاندا  ئۇنى ھەممە تەرەپتىن ئاشكارا يۇشۇرۇن تىللاشتۇق ، ھەتتا بەزى قوللىغۇچىلىرىمۇ ئاشۇ ئۇزغۇنلۇقتىن كېيىن ئوچۇق ئاشكارا ئۇنى كېرەكسىزگە چىقىرىشتى ، رونالدومۇ چاچلىرىنى پوپۇرۋايىت چىقىرىپ مەيدانغا چۈشۈپ بىر توپمۇ ئۇرالماي سالپىيىپ چۈشكەندە ، سۇغا سەكرەپ چاچلىرىنى ھۆلدەپ چىقىپ نۇقتا توپنى ئۇرىۋېتىپ ھۆركىرىگەندە مادرىت مەستانىلىرىنىڭمۇ گەدىنى قورۇلغان ....نىمىشقا ؟؟؟
چۈنكى ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەنلەرگە چۈشىدىغان ئەيىبلەشمۇ ئەڭ كۆپ بولىدۇ : ئۇ شۇنچە قالتىس تۇرۇپ سۇغا سەكرىدىما ، توۋا...مۇشۇ قىلىقى ئەرزىمدۇ ؟   كوماندا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق چاغدا ئۇ نىمىشقا يوق سەۋەبنى كۆرسىتىپ  ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىدۇ ؟ ئوڭلاپ تۈز   ئۇرالمايدىغان  نىمىسىگە شەخسىيەتچىلىك قىلىدۇ ئاۋۇ ؟   ھۇرۇن ، تەييار توپنى ساقلاپ  ئا مېڭىپ كىتىشىنى كۆرەيمۇ ... مىسسىدەك ئالداپ ئۆتەلىگەن بولسا قانداق قىلىتىكىن ، نىمدا تولا ئۇششاق ئۈنۈمسىز ھەركەت بۇ !!!....ئەلەي بەلەي ....
ئۇلار تولىمۇ قالتىس ، ئاشۇ ئالقىشلار ، ئەيىبلەشلەر ، تۈگىمەس سېلىشتۇرۇشلار ئارىسىدىن كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ چىقىپ  داۋاملىق ئۆز رىۋايىتىنى يارىتىۋاتىدۇ، بىز تولىمۇ بەخىتلىك ،مىلان خاندانلىقى  ياۋرۇپانى ئىستىلا قىلغان ، يەتتە بۆرە ھۇۋلاپ  جاھانغا خىرىس قىلغان ، چۈش 3 -قۇشۇنى  نەپىس  نەيزە  ماھارىتى بىلەن رەقىبلىرىنىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى ئۆتمە تۈشۈك  قىلغانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ  يېڭى يېڭى سەلتەنەتلەرنىڭ  باش كۆتۈرىشىگە ، رىۋايەتلىك چولپانلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ  يېڭى رىۋايەت يېزىۋاتقانلارنىڭ قەلىمىگە گۇۋاھ بولماقتىمىز ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
ئىسيانكار 75 + 10 ئىسىل قەلەم قۇۋۋەت

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 21:33:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما  بوپ  چىقىپتۇ…لىكىن  ۋارتار تۇرۇپ  قانداق بوپ ھۇجۇمچى بولغاندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 21:45:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ خىلى ئوينايدۇ شۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە سەل بوشاڭ كۆرىنىدىغان يېرى بار ، تەييار توپنى ئۇرالىسۇن ياكى ئۇرالمىسۇن ئىشقىلىپ بىرنى ھېجاراپ قويىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 22:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 22:36  

چىكىت يوق مۇسابىقىدە قالتىس ئەركىن ئوينايدۇ. چىكىت بولسا تەمتىرەپ پەقەت ئېچىلالمايدۇ. شۇڭا ب ب س گۇرىپىسى ياخشى ماسلاشتى دەيدۇ. قۇربانلىق بىرىشكە  ھەر ۋاقىت تەييارغۇ بۇ كېرەم ئەپەندىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-4 23:41:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل توپچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 00:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ سۆرەتنى مەن ئۆزۈم ئۆيۈمدىكى تېلۋۇزۇردىن تارتقان    شۇ ۋاقىتتا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدى ئىدى    ،  فىرانسىيە كوماندا گېزىتىنىڭ تېلۋۇزۇر قانىلى مەخسۇس پىروگرامما ئىشلەپ بېنزىمانى تۇنۇشتۇرغان  فىلىم ئىسمى ‹. بېنزىما  -فىرانسىيىنىڭ بېنزىماسى ›› ئىدى    ، بۇ پىروگراممىدا بېنزىمانى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن  شۇ ۋاقىتتا ئىسىمدە قالغان مەزمۇنلار:

رەئىس فىلورىنتو  مۇنداق دىگەن :   كەرىم بىر تالانتلىق شەخسىيەتسىز  بىر توپچى  ، ئۇنى ئۆزەمنىڭ بالىسىدەك كۆرىمەن   رائۇل دىن كىيىنكى رېئال ئۈچۈن بارلىقىنى شەرەپنى ۋە ئۆز كۈچ قۇۋۋېتىنى توختاۋسىز بېغىشلاۋاتقان بىر تەنھەرېكەتچى   ،  مىنىڭچە بولغاندا ئۇ  رونالدو بىلەن زىدانىنىڭ بىرىكمىسى ، ئۇ شۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىم ئايرىم ئۇرۇندا كۇلۇب ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنلىرىنى  بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ كەلدى .
زىدانى مۇنداق دەپ ئېيتقان : ھەممە ئادەم ئۇنى پەقەت مەن بولغانلىقىم ئۈچۈنلا مادرېدتا پۇت تېرەپ تۇرالىدى دەپ قارايدۇ ، ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنىڭدىن مىنىڭ سىمايىمنى    تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئۆزەمنى كۆردۈم ،  ھەرقانداق چاغدا ئۇ ھەرقانداق تېرىنىرنىڭ بىرىنچى تاللىشى بوپ كەلدى  نىمە ئۈچۈن ؟    ئۇ تېرىنىرنىڭ دىگەنلىرىنى بىجاندىل ئۇرۇنلايدۇ ، مەشىق تاشلىمايدۇ  ، كىچىكمەيدۇ ،   ئۇنىڭغا ئاتا ئانىسى ياق دىيىشنى ئۆگەتمىگەن چېغى ....
بېنزىما  :   ھەر مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن  مەن يېرىم سائەت ۋاقىتنى ئۆزەم ئۈچۈن ئەپ قۇيىمەن  .  10 مىنۇت تېرىنىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى بىر قېتىم كاللامدا تەھلىل قىلىمەن  ، يەنە 10 مىنۇت  نائۇشنىك بىلەن قۇرئان ئاڭلايمەن  ئاللانىڭ ماڭا نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن  10 مىنۇت ئۆزەمنى تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈزۈمنى يۇمۇپ خىيال سۈرىمەن .
بېنزىمانىڭ باسقۇنچىلىق دىلوسىغا چېتىلىپ قالغىنى راست  لىكىن ئۇ ۋاقىتتا بېنزىمامۇ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن دەپ قارېلىپ  ئۇنىڭ ئۈستىگە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرېغىچىمۇ بىر كوچا قىزى بولغاچقا ئاخىردا بۇ ئىشلارمۇ بېسىقىپ كەتتى ، مىنىڭ بىلگىنىم بولسا بېنزىمانىڭ لىيوڭدىكى مەسچىت قۇرلىشىغا قىلغان 3 مىلىيون ياۋرو ئىئانىسى
2014-يىلى  فىرانسىيىدە مادرېدنىڭ كىيمى ئەڭ كۆپ سېتىلغان   ئەڭ كۆپ سېتىلغىنى رونالدو يا بېل ئەمەس  بەلكى بېنزىمانىڭ كىيمى   جەمىي 230 مىڭ قۇر سېتىلغان   
يېقىندا تېلۋۇزۇردا فىلورېنتو بىر خەۋەر ئاشكارلىدى   ،  ‹‹ رونالدو ؟  بېل   ؟   مۇۋاپىق باھا بولسا  بىز ئويلىشىمىز .   بېنزىما ؟ئۇنداقتا مىنىمۇ قۇشۇپ يۆتكىسەڭلار قانداق ؟››
  بۇ بالىنى 2007-يىلى تۇنجى تۇنۇغان   لىكىن  قاتتىق ياقتۇرمىغان    ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە  قارشى تەرەپ ماھىرى يارېلىنىئپ قالسا توپنى توختاتماي ئاپىرىپ  توپنى توختىتىدۇ دەپ قاراپ تۇرغان ۋارېتارغا ئۇرېۋەتكەن  ، شۇ ۋاقىتتا كۆزۈمگە بەكلام سەت كۆرۈنگەنتى .
يەنە بىر خەۋەردە بېنزىما ئەگەر  پارىژغا كەلسە   پارىژ مادرېدقا كاۋانى ئۈستىدىن پۇل قېتىپ بېرىشكىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ  شۇنداقلا بېنزىماغا فىرانسىيە بويىنچە ئەڭ كۆپ مائاش بېرىشكىمۇ قۇشۇلۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 00:12:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نېھال11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 21:27  

قايتىلىما ئىنكاس  ، تەھرىرلەندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش