ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1607 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ سۆرەتنى مەن ئۆزۈم ئۆيۈمدىكى تېلۋۇزۇردىن تارتقان شۇ ۋاقىتتا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدى ئىدى ، فىرانسىيە كوماندا گېزىتىنىڭ تېلۋۇزۇر قانىلى مەخسۇس پىروگرامما ئىشلەپ بېنزىمانى تۇنۇشتۇرغان فىلىم ئىسمى ‹. بېنزىما -فىرانسىيىنىڭ بېنزىماسى ›› ئىدى ، بۇ پىروگراممىدا بېنزىمانى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن شۇ ۋاقىتتا ئىسىمدە قالغان مەزمۇنلار:
رەئىس فىلورىنتو مۇنداق دىگەن : كەرىم بىر تالانتلىق شەخسىيەتسىز بىر توپچى ، ئۇنى ئۆزەمنىڭ بالىسىدەك كۆرىمەن رائۇل دىن كىيىنكى رېئال ئۈچۈن بارلىقىنى شەرەپنى ۋە ئۆز كۈچ قۇۋۋېتىنى توختاۋسىز بېغىشلاۋاتقان بىر تەنھەرېكەتچى ، مىنىڭچە بولغاندا ئۇ رونالدو بىلەن زىدانىنىڭ بىرىكمىسى ، ئۇ شۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىم ئايرىم ئۇرۇندا كۇلۇب ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ كەلدى .
زىدانى مۇنداق دەپ ئېيتقان : ھەممە ئادەم ئۇنى پەقەت مەن بولغانلىقىم ئۈچۈنلا مادرېدتا پۇت تېرەپ تۇرالىدى دەپ قارايدۇ ، ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنىڭدىن مىنىڭ سىمايىمنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئۆزەمنى كۆردۈم ، ھەرقانداق چاغدا ئۇ ھەرقانداق تېرىنىرنىڭ بىرىنچى تاللىشى بوپ كەلدى نىمە ئۈچۈن ؟ ئۇ تېرىنىرنىڭ دىگەنلىرىنى بىجاندىل ئۇرۇنلايدۇ ، مەشىق تاشلىمايدۇ ، كىچىكمەيدۇ ، ئۇنىڭغا ئاتا ئانىسى ياق دىيىشنى ئۆگەتمىگەن چېغى ....
بېنزىما : ھەر مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن مەن يېرىم سائەت ۋاقىتنى ئۆزەم ئۈچۈن ئەپ قۇيىمەن . 10 مىنۇت تېرىنىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى بىر قېتىم كاللامدا تەھلىل قىلىمەن ، يەنە 10 مىنۇت نائۇشنىك بىلەن قۇرئان ئاڭلايمەن ئاللانىڭ ماڭا نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن 10 مىنۇت ئۆزەمنى تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈزۈمنى يۇمۇپ خىيال سۈرىمەن .
بېنزىمانىڭ باسقۇنچىلىق دىلوسىغا چېتىلىپ قالغىنى راست لىكىن ئۇ ۋاقىتتا بېنزىمامۇ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن دەپ قارېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرېغىچىمۇ بىر كوچا قىزى بولغاچقا ئاخىردا بۇ ئىشلارمۇ بېسىقىپ كەتتى ، مىنىڭ بىلگىنىم بولسا بېنزىمانىڭ لىيوڭدىكى مەسچىت قۇرلىشىغا قىلغان 3 مىلىيون ياۋرو ئىئانىسى
2014-يىلى فىرانسىيىدە مادرېدنىڭ كىيمى ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەڭ كۆپ سېتىلغىنى رونالدو يا بېل ئەمەس بەلكى بېنزىمانىڭ كىيمى جەمىي 230 مىڭ قۇر سېتىلغان
يېقىندا تېلۋۇزۇردا فىلورېنتو بىر خەۋەر ئاشكارلىدى ، ‹‹ رونالدو ؟ بېل ؟ مۇۋاپىق باھا بولسا بىز ئويلىشىمىز . بېنزىما ؟ئۇنداقتا مىنىمۇ قۇشۇپ يۆتكىسەڭلار قانداق ؟››
بۇ بالىنى 2007-يىلى تۇنجى تۇنۇغان لىكىن قاتتىق ياقتۇرمىغان ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ماھىرى يارېلىنىئپ قالسا توپنى توختاتماي ئاپىرىپ توپنى توختىتىدۇ دەپ قاراپ تۇرغان ۋارېتارغا ئۇرېۋەتكەن ، شۇ ۋاقىتتا كۆزۈمگە بەكلام سەت كۆرۈنگەنتى .
يەنە بىر خەۋەردە بېنزىما ئەگەر پارىژغا كەلسە پارىژ مادرېدقا كاۋانى ئۈستىدىن پۇل قېتىپ بېرىشكىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ شۇنداقلا بېنزىماغا فىرانسىيە بويىنچە ئەڭ كۆپ مائاش بېرىشكىمۇ قۇشۇلۇپتۇ
|
|