ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 80 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا honda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-16 20:51
ھالقىلىق پەيىتتە سۇغا يىقىلىش ۋە تاكتىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق دىگەندەك بىر تېما لازىمدەك قىلىدۇ.
گروسسونىڭ 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيە- ئاۋىستىرالىيە مۇسابىقىسىدە 90-مىنۇتتا ۋاقىدە يىقىلىپ نۇقتا توپ ئېلىپ خۇئاڭجىيەنشىياڭنى ۋارقىرىتىۋەتكەن يىقىلىشى ئەڭ داڭلىق نادىر سۇغا سەكرەش بولسا كېرەك.
گروسسو شۇ ۋاقىت ئاتلاپمۇ ئۆتۈپ كىتەلەيتى، لىكىن ئارقىسىدىن توپنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ياكى ۋارتارغا كىرگۈزەلىشى ناھايىتى ئېنىقسىز بىر ئىش ئىدى. ئەمما ئەزەلدىن نامى چىقمىغان بىر بېك كاللىنى رىكىتتەك ئىشلىتىپلا ۋاققىدە يىقىلىپ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيەنىڭ چېمپىيون بولىشىدىكى تۆھپىكارغا ئايلاندى.
ئاڭلاڭلار ئېنتىردا ئاساس ئەزا بولالماي، ئىجارىگە بېرىلىپ يۈرگەن بىر بېك، ئەنە ئاشۇ يالغان يىقىلىشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ كىلاسسىك 3-نومۇرلۇق توپچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇش شەرىپىگە ئېرىشتى. ھەتتا ئەينى ۋاقىت گروسسو بىردىنلا ئېنتىر مەستانىلىرىنىڭ مەدىيەلىشىگە ئېرىشكەن. ئېنتىردىلا نام قازانغان دىگەن گەپلەرمۇ بولغان.
ھېچكىم ئۇنى سۇغا سەكرىگۈچى دېمىگەن.
ئەمما بۇ توپچى جۇڭگودا بەلكىم خۇئاڭ جىيەنشىياڭنىڭ شۇ بىر ۋارقىرىشى بىلەنلا ئېنتىر مەستانىلىرى ۋە باشقا مەستانىلەرنىڭ ئېسىدە قالغان بولىشى مۇمكىن.
مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق بىر نام قازانمىغان توپچىنىڭ ئەڭ نادىر يىقىلىشىدەك ھالقىلىق پەيىتلەردىكى يىقىلىشلار ئاز ساز بولۇپ تۇرسا يالغان يىقىلىشتىنمۇ بىر خىل ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.
يالغان يىقىلىش ئەڭ نادىر سەنئەت. ھوللىۋود چولپانلىرى كىنوغا ئېلىشتىن ئىلگىرى نەچچە قېتىم رىپىتسىيە قىلىدۇ، توپچىلارمۇ مەشىق مەيدانىدا نۇرغۇن قېتىم مەشىق قىلسىمۇ، ئەمما دوغا دو نەق مۇسابىقە ۋاقتى چاندۇرماي قىلالىشى ناتايىن. چېنىپ قالغاندا شۇنداق كۈلكىگە قالىغان گەپ.
لىكىن گروسسونىڭكىدەك ھالقىلىق پەيىتتىكى يالغان يىقىلىش يەنىلا بىر خىل ھۇزۇرلۇق، كىشلەر ئۇنىڭ يالغان يىقىلغانلىقىنى ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ يالغان يىقىلغانلىقىغا مەدىيە ئوقۇيدۇ.
ئىلگىرى نۇرغۇن كىشلەر گروسسونىڭ شۇ يالغان يىقىلىشىنى سۇغا سەكرەش دىمەي تۇرۇپ مەدىيە ئوقۇغان.
خۇئاڭ جىيەنشىياڭ ئۆزىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ۋارقىرىۋەتكەن.
ئەپسۇس بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇچە تەنتەربىيە تور بەتلىرى مېسسى، رونالدو پەيدا بولغاندىن بۇيان ھەممە خەۋەرنى مېسسى، رونالدوغا چېتىش ئارقىلىق كۆرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان كۆپۈك خەۋەر پەيدا قىلىۋاتقاچ، بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى جەمىيەتكە يامراپ كەتتى. |
|