akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1237|ئىنكاس: 41

سۇغا سەكرەش پېشىۋاسى ئىنزاگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-16 14:06:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 14:10  

   نەچچە كۈندىن بېرى مۇنبىرىمىزدە "سۇغا سەكرەش" ھەققىدىكى تېمىلار ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇنبەرنى قىزىتتى.
   لېكىن، سۇغا سەكرەش دېيىلسىلا ئاساسەن مادرىدچىلارنىڭ لوپا ئەينىكى ئاستىدىكى بارسېلونا توپچىلىرى بىلەن بارسېلوناچىلارنىڭ لوپا ئەينىكى ئاستىدىكى مادرىد چولپانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككى كوماندىدا ئاز ئەمەس.  
    شۇنداق بىر سۇغا سەكرەش ماھىرى باركى — ئۇ بۇ جەھەتتە رونالدوغا ئۇستاز، دىروگباغا مۇئەللىم، ئاشىلى يوڭغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولالايدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇ مۇشۇ ماھارىتى بىلەن ئەيىبلەنمەستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان. ئۇ دەل ئىنزاگىدۇر. تېمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىم ئۇنى سۆكۈش ئەمەس ئۇنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىكىلىكىنى مۇئەييەنلەنلەشتۈرۈش. بۇمۇ بىر تاكتىكا.


  ئۇنىڭ ئازراققىنە سۈركىلىش بىلەن يىقىلىپ، نۇقتا توپ، ئىختىيارىي توپقا ئېرىشكەن ۋاقىتلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇنىڭ  30- 20 دىن كەم ئەمەسلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.
  
  ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى 2000 - يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 1 - ئايلانمىسىدا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا كەلگەن. مۇسابىقە 1 دە 1 مېڭىپ، 69 مىنۇتقا كەلگەندە ئىنزاگى تۈركىيە بېكى ئوۋكېن ناھايىتى قائىدىلىك، ئۆلچەملىك ئىتتىرىشى ئارقىسىدا نەچچە قېتىم دومىلاپ، رېپىرنىڭ نۇقتا توپ قويۇشىغا سەۋەب بولغان. قارىماققا، ئىنزاگى ئېنىرتسىيە تەسىرىدە يىقىلغان، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ھۈنىرى دەل باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئېنىرتىسىيەسىدە ئىپادىلەنگەن. ئۇ نۇقتا توپنى ئۆزى كىرگۈزۈپ، 2 دە 1 نەتىجە بىلەن ئىتالىيەنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن.

http://www.tudou.com/listplay/kt3rYZdg3gQ/6CxEvVR4MXc.html
   
    ئۇنىڭ سۇغا سەكرەشتە زادى قانچىلىك پەللىگە چىققانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى ۋە بەزى ماتېرىياللاردىن بىلىپ باقايلى:
   

1. نېستا(نېستا ئىنزاگىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرى، مىلاندىكى 10 يىللىق سەبدىشى. ئىلگىرى ئۇلار رەقىب ئىدى.): مەن ئۆمرۈمدە ئىككى ھۇجۇمچىدىن قورقىمەن. بىرى،  رونالدو (بىرازىلىيەلىك)، ئۇنىڭ چاقماقتەك ھەرىكىتى مېنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئىككىنچىسى، ئىنزاگى. ئۇنىڭ قانداق ھەرىكەت ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ھەر ۋاقىت چەكلەنگەن رايوندا يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇنى مۇداپىيە قىلغاندا ئۇنى يۆلەپ تۇرۇپ مۇداپىيە قىلىمەن.

201005042305204cc73.jpg

2. فورگېسىن: ئىنزاگى ئوفسايت سىزىقىدا تۇغۇلغان تەنھەرىكەتچى. يەنە بىرى، ئۇ بېكلارنىڭ يۈگۈرگەندە چىقارغان شامىلىدىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ.

001ec94849ef10cb7d220e.jpg

3. ئىتالىيەلىك ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان داڭلىق، ئۇزۇن يىللىق رېپىرى: بىز ئىنزاگىنىڭ ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كەتتۇق. ئۇ چەكلەنگەن رايونغا كىرگەندىن كېيىن بىردىنلا "جانسىزلىنىپ" كېتىدۇ دە، قارشى تەرەپنىڭ بەدىنى ئۇنىڭغا تېگە - تەگمەيلا ئۇ يەرنى قاماللايدۇ، ئارقىدىن ناھايىتى تەسىرلىك، ئېچىنىشلىق، ئۇۋال بولغاندەك چىراي ئىپادىسى بىلەن رېپىرنى ئالداشقا ئاتلىنىدۇ. بۇ بىزگە كار قىلماس بولدى. لېكىن بەزىدە ئامال يوق، بىزمۇ ئىككىلىنىپ نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ يالغان يىقىلىشتىن پەخەس بولۇش دەرسىمىزنىڭ ھەتتا بىزنىڭ رېپىرلىق ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان.

sc040610010.jpg

4. داڭلىق كىنو ئارتىسى نې يۈەن: ئارتىسلىق تولىمۇ قىيىن ئىش دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، يالغان يىقىلىشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئىكەن. يالغان يىقىلىشمۇ يۈكسەك ماھارەت ۋە ئارتىسلىق تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى ماھارەتنىڭمۇ يۇقىرى - تۆۋىنى بولىدۇ. ئىنزاگى ھەقىقىي سەنئەتكار. ئۇ باشقىلاردەك چاندۇرمايدۇ، بەدىنىگە قارشى تەرەپ تەگمەي تۇرۇپ يىقىلمايدۇ. تەگكەن ھامان پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرقانچىنى دومىلاپ، ۋايجانلاپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈش بىلەن تەڭ رېپىرغا كۆزى بىلەن بېسىم قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىش نىسبىتى بەك يۇقىرى. (ئۇ بۇ سۆزنى 2010 يىلى مايدا، خۇاڭ جيەنشياڭنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەققىدىكى پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا دېگەن).

88bd9294g797c6ce07eb9&690.jpg

5. 2003 - يىلى ئۇزغۇنلۇقتا مىلانغا يېڭىلغان ئاجاكىس توپچىلىرى: بىز سىتامدىن ئىنزاگىنىڭ قۇۋلىقىنى ۋە يالغان يىقىلىش ماھارىتىنى كۆپ ئاڭلىغان. بۈگۈن ئۆز ئۆز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. سىتام پەقەت سىلىقلاشتۇرۇپلا دەپ بېرىپتىكەن. بىر قانچىمىز ئۇنىڭغا تېخى يېقىن - كېلەر كەلمەي ئۇ يىقىلىشقا تەمشەلدى. بىز كەتكۈزۈپ قويغان ھېلىقى ئىختىيارىي توپنىمۇ ئۇ ئاشۇنداق ئۇسۇل بىلەن قولغا كەلتۈرگەن. بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق...

ebaa2ce736d12f2e5dfb0e5e4dc2d562843568dd.jpg

6. ئىتالىيە تاراتقۇلىرى: 2008 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر، مىلان 2 دە 1 نەتىجە بىلەن سىيېنانى ئۇتتى. ئىنزاگىنىڭ يالغان يىقىلىپ قولغا كەلتۈرگەن نۇقتا توپى مۇسابىقىنى بوغۇزلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئىنزاگى 90 مىنۇت ئىچىدە ھېچ ئىش قىلمىدى، پەقەت چۈشىنىكسىز نۇقتا توپتىن بىرنى "كەشىپ" قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ داڭلىق كەشپىياتچىدۇر.

u=3527499222,2262564529&fm=21&gp=0.jpg

7.بەيدۇ تورى: بەيدۇ تورىنىڭ ئىنزاگىنى تونۇشتۇرغان تەرجىمىھالىدىكى مۇنداق بايان كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: ئىنزاگى "يىقىلىش شاھزادىسى" دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بەدىنى ئاجىز، تەن قۇۋۋىتى باشقىلاردىن پەرقلەنگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمچى بولغاچقا باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئىتتىرىشىپ قالغاچقا شۇڭا تولا يىقىلغان. لېكىن، ئۇنىڭ پەقەت چەكلەنگەن رايوندىلا مۇشۇنداق ئاجىز بولۇپ قېلىشىغا كىشىنىڭ  ئەقلى يەتمەيدۇ.


430985.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
buyuk + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 17:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇغا سەكرەشنى ئادەت قىلۋالماي ، بەك ئىسسىپ كەتكەندە بىرەر قېتىم سەكرەپ قويسا بولىدۇ دەپ قارايمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 16:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:39:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 14:48  

بەش يىل بۇرۇن تاغام ماشىنا ھەدەپ بىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇش يولىدا ،يىگىرمە ياشلار چامىسدىكى بىر يىتىم
توكسىكىلىتنى خاتا ھەيدەپ تاغامنىڭ ماشىنىسىغا ئۆزى ئۈسىۋالدى .تاغام سۈرتى ئاستا ماشىنى ۋاقتىدا توختاتتى
سېرىق سىزقنىڭ قىشىدا ئۇ بالا يىتىۋالدى، بىز قاتناش ساقچىسىغا تىلفۇن قىلدۇق ،ئۇ تۇققانلىرىغا دادىسىغا تىلفۇن قىلدى .ساقچى ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئۇششۇقلۇق قىلماسلىقنى ئىيتسىمۇ دادىسى تاغامنىڭ ياقىسغا ئىسلىپ يىتىۋالدى ،110ساقچىسى كىلىپ ئاجراتتى،تاغام باشقىلارنىڭ خاتا بولسىمۇ  ھىچقىسى يوق دەپ دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتتۇق ساقمىساق چىقسىمۇ يىتۋالدى ،تاغام 200سوم بىرىپ قۇتۇلدى
شۇندىن بۇيان ئۇششۇقلارغا ئۆچمەن .
سۇغا سەكرەيدىغانلارمۇ،نۇمۇسسىزلاردۇ دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 15:29:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چولپان .دەرجىدىن تاشقىرى چولپان .ۋاي نىمانداق چولپان بىلەن قالىسىلە ،مەسلە چولپان بولۇش بولماسلىقتا ئەمەس، ئۆزىڭىزنى شۇ مەيداندا توپ ئويناۋاتقان تەنھەركەتچى دەپ ئويلاڭ .سىزنىڭ كوماندىڭىز ئۇتتۇرۇش ياكى تەڭلىشىپ قىلىش ئىھتىماللىق بولغاندا سىزمۇ چوقۇم شۇنداق ھەركەتلەرنى ئىشلىشىڭىز تەبىلا .چۈنكى كوماندىنى رەسۋاچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرغا تىلفۇن قىلغاندەكلا ئىش .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئىنزاگى 72 خىل ھۈنەرلىك پىشىۋاكەندە. رەھمەت بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق. دىمىسىمۇ يىقىلىش ھەركىتى بىر خىل
سەنئەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:26:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان يىقىلىش ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل تاكتىكا بولغان بىلەن، دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارغا نىسبەتەن بىر خىل ئاجىزلىق ھەم نۇمۇس ئىش. نەتىجىگە ئۆز ماھارىتى بىلەن ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش بىلەن سۇغا سەكرەپ ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئۇقۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:30:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FC-Messi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 14:26
يالغان يىقىلىش ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل تاكتىكا بولغان بىل ...

مىنىڭچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينالغان سۇغا سەكرەش ھەركىتى ھەرگىزمۇ نۇمۇس ئىش ئەمەس. بەلكى بىر قىتىملىق
ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:33:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 14:30
مىنىڭچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينالغان سۇغا سەكرەش ھەركىت ...

بۇنداق ئويلىساق دەل ئابلەتجان دېگەندەك تاكتىكا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان دېگەن نامنىڭ خاراكتىرىنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:38:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىئوغا بوپ بېرىدىغان تېما ئىكەن بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 14:39:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FC-Messi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 14:26
يالغان يىقىلىش ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل تاكتىكا بولغان بىل ...

ھېچكىم ئۇنى بىر ئۇقۇم دېمىدى. بىر ئۇقۇم بولىدىغىنى نەتىجە.
  مۇشۇ تېمىنى يوللىمىسام يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئىنزاگىنىڭ مۇنداقمۇ ھۈنىرى بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالىدىغىنى يەنىلا نەتىجە. ئىنزاگىنىڭ ئاجاكېسنى بابلىغىنى ئۇنتۇلۇپ كەتتىيۇ، ئۇنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىسى بىلەن مىلاننىڭ چېمپىيونلۇقى ئۇنتۇلمىدى.
   گەپ بىزنىڭ تاكتىكىنى قانداق چۈشىنىمىزدە. مۇداپىيەچى ۋاراتار بىلەن يەكمۇيەك قالغان قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىنى ئېسىلىپ بولسىمۇ يىقىتىپ، قىزىل كارتىغا ئۇچرايدۇ. بۇنى توپ كەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن تاكتىكا دەيمىز. ئەجىبا بۇ توغرىكەندە... بۇ ئەمەلىيەتتە پۇتبول قائىدىسى بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FC-Messi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 14:33
بۇنداق ئويلىساق دەل ئابلەتجان دېگەندەك تاكتىكا بولۇپ ...

قاچانغىچە دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان دەپ يۈرىمىز ؟ چۈنكى ئۇلارمۇ بىر پۇتبۇلچى، باشقىلار قىلغاننى ئۇلارنىڭمۇ قىلغۇسى، بەلكى تىخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇسى كىلىدۇ. مەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان دەپ پۇتى سۇنسىمۇ
يىقىلماي يۈرگىلى بولمايدۇ.
ئابلەتجان قايسى بىر ئىنكاسىدا دەپ ئۆتكۈنىدەك مۇشۇ بۈرگە بىلەن چىكىت رىقابىتىدىن كىيىن باشقا توپچىلارنىڭ
گىپى يوق مۇشۇ ئىككىسىنىڭلا گىپى. راست گەپ قىلسام مۇشۇ ئىككىسى ھازىرقى پۇتبۇلچىلىق ساھەسىدە ئارتۇقچە
ھىسابلىنىدىغان ئادەم. باشقا پۇتبۇلچىلارغا مۇشۇ ئىككىسىنىڭ كاساپىتىدىن ياخشىراق كۈن يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇگۇينىڭمۇ مۇنداق ماھارەتلىرى بار ئىكەندە.   ھەقىقەتەن ئۇستىكەن بۇ.  لېكىن باشقىچە ئويلىسا بۇمۇ بىر كەسپىي ماھارەت ،پۇرسەت ئىكەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىزاگىمۇ خېلى پۇختا ئىگىلەپتىكەن بۇ ھۈنەرنى، مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تېخى بىزنىڭ بارىسلونالىقلارغا خاس ھۈنەرمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 14:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 04:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش