ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 80 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا riwayat7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 10:53
مېنىڭچە بۇ خۇددى مارسىلونىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى ‹‹كەمچىلىكى››دەك كەمتۈك تەپەككۇر، راموسنىڭ ‹‹ئاتكاچىلىقى››دەك ئۆزىنى بىلمەسلىك، رونالدونىڭ ‹‹شەخسىيەتچىلىكى››دەك ئۆزىنى چوڭ بېلىش بىلەن يېزىلغان تېما ئىكەن. ئەگەر رونالدونىڭ ئورنىغا باشقا پۇتبولچىنى چىقىرىپ مۇشۇنداق ھۇجۇم تەشكىللىسە رونالدودەك توپ ئۇرىشىغا كىم ھۆددە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا زاپاس چۈشىۋاتقان توپچىلاردىن كىم ئۇنىڭدەك پۇرسەت تۇتۇپ توپ ئۇرالايدۇ. رونالدونى ئاساس قىلىپ ھۇجۇم تەشكىللەنمىگەن بەلكى باشقا توپچىلارنىڭ دىققىتى ئاساسلىقى ۋارتارنىڭ دىققىتى توپ بار ئەزاغا بۇرالغان ۋاقىتتا باشقا ئەزالارغا پاس بېرىش ئارقىلىق توپ كېرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرگىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پاس ئالغۇچىنىڭ قايسىسى ئاكتىپ ئورۇندا بولسا شۇ ئەزاغا بېىرش نورمال ئىش. بۇ ئاساسلىقى رونالدونىڭ پۇرسەت تۇتۇش ئىقتىدارىغا باغلىق بولۇپ قالغان دەپ قاراشقا بوىلىدۇ. مەسىلەن بارىسلونانىڭ توپ كونىرول قىلىشىغا قارىساق يۇقىرى كەڭلىكتە توپ كونتىرول قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپ ئەزالىرىنى يان يولغا تارىتىپ ئوتتۇرىغا پاس تاشلاش ئارقىلىق بۇ ئورۇندىكى بوشلۇقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ. مارسىلو قانۇنىيتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاساسلىق سەۋەپ بولسا ئۇنىڭ ھۇجۇمغا كۆپ چىقىۋېلىشى ئەمەس بەلكى ھازىرقىدەك مەيدان تولۇقلاش ئۇقۇمى كەچىل بولغان ئوتتۇرا مەيدانچىلارنىڭ يوق بولىشىدۇر. مارسىلو ئالدىغا ماڭغاندا ھازىرقى سەپ شەكلى بويىچە ئوتتۇرا مەيدانچىدىن بىرسى يانغا چىقپ ھەم ھۇجۇم ھەم مۇداپىئەگە ماسلاشس ابۇ ئورۇن تولۇقلىنىدۇ. مورىنئو سەپ شەكلىدە(4-2-3-1) مارسىلو ئالدىغا ماڭسا ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇلايدىغانغا ئارقا بەل ئورنىدىكى ئادەم چىقىشقا توغرا كەلسە ئارقا بەل ئورنىدا بىر ئادم قىلىپ ئوتتۇرىدىن ھۇجۇم تەشكىللەشكە پۇرسەت يارىتىلىپ قالىدۇ. بۇ تىمىنى ئوقۇپ بولۇپ سەل ۋاقىت ئسراپ بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىميۇ شۇنداقتىمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم. |
|