ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4078 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەر قانداق بىر كوماندىدا ئىنتايىن باش قاتۇرىدىغان ئىشلار بار. بەزىلىرىدە تاكتىكا بەزىلىرىدە كېسەل، بەزىلىرىدە پىسخىكا بەزىلىرىدە جېدەل ... دېگەندەك. ياقتۇرىشىمىزنىڭ ھەم كۆرۈش نۇقتىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك ئۆزىمىز ئامراق كوماندىدىكى بەزى نۇقتىلار ئىچىمىزنى ئىنتايىن سىقىشى مۇمكىن. شۇڭا مەستانىلەرنىڭ ئوخشاش بىر كوماندىغا نىسبەتەن ياقتۇرىدىغان ھەم ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرىمۇ ئوخشاش بولماي قالىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن ياقتۇرىدىغان مەلۇم سەپ شەكلى،تاكتىكا، توپچىلار بىلەن يەنە بىر مادرىد مەستانىسىنىڭكى يۈزدە يۈز ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدىكەن. ھازىرقىدەك ئەڭ ياخشى ھالەتتە دېيىلىۋاتقان مادرىدقا نىسبەتەنمۇ مېنى ئىزچىل بىئارام قىلىدىغان مەلۇم نۇقتىلار بار. تۆۋەندە شۇلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي
1. مارسېلو
ئېسىمدە قېلىشىچە مارسېلو 8 يىللار بۇرۇن ھىگۇائىن بىلەن گاگونى سېتىۋالغان قىشلىق يۆتكىلىشتە مادرىدقا قوشۇلغان. (06-يىللىرى بولىشى مۇمكىن) مارسېلو مادرىدقا كەلگەندىن تارتىپلا ئۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى ھەم ھۇجۇمىنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىلىپ ، بىرازىلىيە ھەم مادرىدنىڭ داڭلىق سول بېكى كارلوسنىڭ ئىز باسارى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇنىڭ ھۇجۇمىنىڭ كۈچلۈك ھەم تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەقىقەت . لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ مادرىدتىكى روشەن بىر چوڭ ئۆسمە. ئۇ كۆپ مۇسابىقىلەردە باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ، ھۇجۇم تەشكىللەپ ئانچە مۇنچە توپ ئۇرۇپ ھەم پاس چىقىرىپ تۇرىدۇ. لېكىن مېنىڭ ئۆلچىمىمدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلىگەندىن كېيىن ھۇجۇمدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرالىسا، ئاندىن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىدى. بىراق ئۇ مۇقىم ئەزا بولغاندىن بۇيانقى مۇسابىقىلەردە، مادرىدنىڭ سول تەرىپى قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش ئوبېكتى بولۇپ كەلدى. ھازىرغىچە بولغان مۇھىم مۇسابىقىلەردىكى مەغلۇبىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسدا ئۇنىڭدىن يوچۇق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ھازىرمۇ قاچانكى چوڭراق بىرەر مۇسابىقە بولۇپ قالسا، قارشى تەرەپنىڭ سول تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ قايسىبىرى كىرىپ كېتەركىن دەپ يۈرەك سۇ. مورىنىئو كوئېنتىراۋنى شۇ سەۋەبلىك سېتىۋالغان ئىدى، بىراق ئۇ پورتۇگالىيەدىكى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرالمىدى. شۇنداقتىمۇ مورىنىئو دەۋرىدىكى مۇھىملا مۇسابىقە بولسا مارسېلونى ئەمەس كوئېنتىراۋنى سول بېكتە كۆردۇق. بۇنىڭدىن قىلچىلىك ھەيران قالمايتتىم. ئەنچېلوتتى چىققاندىن كېيىنمۇ دىققەت قىلساق، توپ كەتكۈزمەسلىك بەكرەك ئاساس قىلىنغان مۇھىم مۇسابىقىلەردە، ئىككىلىسى ساق بولۇپ قالسا، يەنىلا كوئېنتىراۋنى ئىشلەتكىنىنى كۆرىمىز. بۇ يىل ئىسكونىڭ غايەت زور تىرىشچانلىقىنىڭ پايدىسىنى مارسېلو كۆردى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئىسكو مالاگادىكى ۋاقتىغا قىلچىلىك ئوخشىمىغان ھالدا، مۇداپىئەگە ئىنتايىن كۆپ كۈچ چىقىرىدىغان ھالەتكە كەلدى، بۇنىڭ پايدىسى ھۇجۇمغا كۆپ چىقىدىغان ھەم مۇداپىئەسى ناچار مارسېلوغا بولدى. بىراق ھازىرمۇ مۇھىم مۇسابىقىلەر بولسا قارشى تەرەپ مارسېلو تەرەپتىن ھۇجۇمنى كۆپرەك تەشكىللەيدۇ. شۇڭلاشقا مارسېلو ياكى مۇداپىئەنى ياخشىلىشى ياكى چوڭ مۇسابىقىلەردە كوئېنتىراۋغا ئورۇن بېرىشكە مەجبۇر . بۇ نۇقتا مېنى ئىزچىل بىئارام قىلىدىغان نۇقتىلارنى بىرى ...
2. سېرگىئو راموسنىڭ ئاتكاچىلىقى
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا تەجرىبىنىڭ تولۇقلىنىۋېرىشى بىلەن راموسنىڭ مۇداپىئەسىدە ئىلگىرىلەش ئىنتايىن چوڭ. ئۇنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى، سۈرئىتى، كاللا توپى قاتارلىقلار ئىنتايىن ياخشى. بىراق مادرىدتىكى ۋاقتىنىڭ ھەم ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئېشىپ كەتكەن ئىشەنچى مېنى سەل بىئارام قىلىپ قويىدۇ. قاچانكى راموس پۇتىغا توپ چۈشۈپ يىراققا قارىسىلا ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئۇزۇن توپ تاشلاپ قويىدۇ. نەزىرىنى ئالونسو كەبى يىراقلارغا سالىدۇكى، توپ توققۇز ئۈلۈشلا قارشى تەرەپكە چۈشىدۇ ياكى چىقىپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىختىيارى توپلارغا ئىنتايىن زور ئىشەنچلەر بىلەن يېقىنلىشىدۇ. ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان توپلارنى تېپىپ قويىدۇ، تەلىيىگە قانداق بولدىكىن بىر قېتىم ئۇقۇشماسلىقتىن توپ ئۇرۇپمۇ قويغان بولدى. بىراق ئۇ كىرگەن توپنى تەپكەن سانىغا نىسبەتلەشتۈرسەك ئىنتايىن يۇمۇرىستىك سانلارنى كۆرىشىمىز مۇمكىن. بۇلار يەتمىگەندەك نۇقتا توپ تېپىپ قويۇشىمۇ بار. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بايرىن بىلەن سېلىشقان نۇقتا توپتا، مادرىد ئىككى توپ كەينىدە تۇرۇقلۇق يېتىشىۋالسا، راموس تېپىپ چىقىرىۋېتىپ ئىنتايىن ئۆچلىگىمنى كەلتۈرگەن. مورىنىئونىڭ دەۋرىدە بىر نۇقتا توپنى تالىشىپ تېپىپ نۇرغۇن يۇمۇرلارغا سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ مادرىدنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىدىكى تۆھپىسىنىڭ چوڭلۇقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا ئالدىنقى يىللىق ئۇزغانلىق چېمپىيونىدىمۇ بۇنىڭ تۆھپىسىنى ئەڭ چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. باشقا يەرلىرىدە مەسىلە يوق شۇ ئاتكاچىلىقى مېنى ئىنتايىن تەڭقىسلىقتا قويىدۇ ...
3. كوماندىنىڭ رونالدو ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى
رونالدونىڭ مادرىدتىكى رولىغا ھەم تۆھپىسىگە گەپ كەتمەيدۇ. بىراق ئۇنىڭ شەخسىي شان شەرىپى ئۈچۈن مادرىدنىڭ ھەم سەبداشلىرىنىڭ تۆلىگەن بەدىلى سەل بىنورمال تەسىر بېرىدۇ. مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىكى مۇسابىقىلەرگە دىققەت قىلساق، ئالدى سەپتىكى پۇتبولچىلار ئۆزىنىڭ توپ ئۇرۇش شارائىتى ياخشى بولغان ئەھۋالدىمۇ ، توپنى ئالدى بىلەن رونالدوغا ياساپ بېرىپ ئۇنىڭ توپ ئۇرىۋېلىشىنى بەكرەك مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بېنزېما. ھىگۇئائىننىڭ كېتىپ بېنزېمانىڭ قېلىشىمۇ دەپ بېنزېمانىڭ ھۇجۇمچىلاردا ئاز بولغان شەخسىيەتسىزلىكىدە. رونالدو توپ ئۇرالمىغان ئەھۋالدا كوماندىدىكى باشقا ئەزالار توپ ئۇرۇپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردىمۇ، رونالدونىڭ توپ ئۇرۇشى ئۈچۈن قايتا قايتا كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ كېتىدۇ. توپ ئۇرالمىغان رونالدو چېچىلىپ توپ ئۇرغۇسى كېلىپ شەخسىيەتچىلىك قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ توپ ئۇرىۋالسىغۇ ياخشى، بىراق ئۇرالماي قالسا مۇسابىقىدە توپ كونترول قىلىپ قۇۋۋەت ساقلاپ قالسا بولىدىغان شارائىت تۇرۇقلۇق، رونالدونىڭ توپ ئۇرىشى ئۈچۈن قۇۋۋەت ئىسراپ قىلىپ ھۇجۇم تەشكىللەشكە ئۇرىنىدۇ. رونالدو بالدۇر توپ ئۇرىۋالغان مۇسابىقىلەردىكى ئومۇمىي كەيپىيات ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، بىراق توپ ئۇرالمايلا قالسا كوماندىدىكى باشقا ئەزالارغا ئۇۋال بولغاندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالىمەن. ئەڭ دەسلەپ مادرىدقا كەلگەندىكى ھەمدە پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى رونالدوغا سېلىشتۇرغاندا، مادرىدتىكى رونالدو كۆپ ئۆزگەرگەن، يەنى ئۇنىڭ ياردەمچى پاسلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن كۆپلىكىنى كۆرىمىز. بىراق مۇشۇنداق شەخسىي شان شەرەپ جېڭى يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتلاردا كوماندىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مېنى ئازراق بىئارام قىلىپ قويىدۇ. بۇ يىللىق ئالتۇن توپنىڭ رونالدوغا بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى، مېنىڭچە ئاساسەن ئېنىق دېسەكمۇ بولىدۇ. بىراق لوڭقا قولغا تەگمىگەشمىكىن ئۇ ئارتۇقچە كۈچەپ ئۆزىنى ھەن سەبداشلىرىنى سەل چارچىتىپ قويىۋاتىدۇ ...
|
|