ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2654 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 16:46
مەن بۇرۇنمۇ دىگەن ، چىلسى يازلىق بازاردا كوستا لارغا قوشۇپ يەنە بىر ئوتتۇرا مۇداپىئەچى ئىلۋەتكەن بولسا ، ئورۇندۇق كۈچلىرىدىن تارتىپ ھەممىدىن تەكشى كوماندا بولاتتى . شۇ ۋاقىتتا ياۋرۇپادىن ئوت چىقىرۋىتىدىغىنى چىلسى ، مىيۇنخىن ، مادىرىت مۇشۇ ئۈچىنىڭ ئارىسىدىن چىقىشى مۇمكىنتى . مۇرىنئۇ ئەزەلدىن ئارقا بەلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان تىرىنىرلاردىن ، ماتىچىنىڭ كوماندىدىكى رولى بەكلا مۇھىمكەن .
كاخىل مىيۇنخىننىڭ ۋانجال مەزگىلىدىكى دىماكەلىسكە ئازراق ئوخشاپ كىتىۋاتىدۇ . ياخشى ئوينىغان مەيدانلىرى ئالامەت ، بەزى مەيدانلاردا ‹‹ ئەمەس›› لا بولۇپ قالىدۇ . تىررى نىملا دىمىگەن بىلەن ياشقا چوڭ ھازىر ، بۇرۇنقى ‹‹ بىرگە - بىر ›› شاشلىقلىرىنى ھەر مەيداندا كۈتۈش سەل ئارتۇقچىرەك ، مۇشۇنداق تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىغاندا ياش ھەم بەدەن جەھەتتە ئازراق ئۈستۈنلىكى بولغان كاخىلنىڭ چىلسى ئوتتۇرا ئارقا مۇداپىئە سىپىدىكى ‹‹قەرەللىك بومبا ›› غا يىقىنلاپ قېلىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان . بۇ دارازىنىغۇ تازا ئىشەنچلىك كۈرمەيتتىم بۇرۇندىن . ئاسپىلىكۇيتا دىگەن ياش بالا ئارقا سەپتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تىرىشچان ئەزا ، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق .
مۇرىنىئۇ قىشلىق بازاردا پەقەت بىرلەشمە ئۈچۈن بولسىمۇ زاپاسقا بىر ئوتتۇرا بىك سودىسى قىلمىسا ، يارلىنىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالەتلەردىمۇ ، پەسىلنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرقى مەزگىللىرىدە قىينىلىپ قىلىشى چوقۇملا . |
|