كۆرۈش: 2368|ئىنكاس: 39

ئېنگىلانىد بىرلەشمىسى 15-ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 03:52  

1-13110409515I95.jpg


   12-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6:45 تە 2014-2015-يىللىق ئېنىگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى قىززىق نوقتا بولغان بىر بىر مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ، ئېنگىلانىد زەردارى چېلسى كۇلۇبى مېھمان مەيداندا نېۋكاستىل كۇلۇبى بىلەن ئۇچۇراشتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن بىرمۇ توپ كىرمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 53 مىنۇت بولغاندا نېۋكاستىل كۇلۇبدىن زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان سسېي 2 توپ ئۇردى. مۇسابىقىنىڭ 83-مىنۇتىغا بارغاندا چېلسىدىن دىروگىبا بىر توپ كىرگۈزدى. چېلسى شۇنداق كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ ئوينىغان بولسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسى ئاستىدا 10 كىشلىل نېۋكاستىل كۇلۇبى تەرپىدىن مەغلۇپ قىلنىپ، بىرلەشمىدە  ئۇدا يېڭىلمەي كېتىۋاتقان قەدىمىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاتا ئېلۋالدى. شۇنداق قىلىپ چېلسى بىرلەشمىدە 11 مەيدان يېڭىش، 3 مەيدان تەڭلىشىش ۋە 1 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بىلەن يەنىلا بىرلەشمىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىدا ۋاقىتلىق تۇرۋاتىدۇ.



   12-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دە 2014-2015-يىللىق ئېنىگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئارسىنال كۇلۇبى مېھمان مەيداندا سىتوك شەھىرى كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 19 سىكونىت بولغاندا سىتوك شەھىرى كۇلۇبىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشى بىلەن كىروچ ناھايتى ياخشى كەلگەن پۇرسەتىنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتۇپ بىر توپ ئۇردى. بۇ توپ ئارسىنال تارىخىدىكى ئەڭ تىز كەتكۈزۈپ قويغان توپ بولۇپ قالدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 35 مىنۇت بولغاندا سىتوك شەھىردىن بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا بارسىلونا كۇلۇبىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن بوياڭ بىر توپ كىرگۈزدى. كىيىن سىتوك شەھىرىدىن ۋالتىرىس بىر توپ ئۇرۇپ بىراقلا ئارسىنالنى 3 توپ كەينىدە تاشلىۋەتتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ئارسىنال كۇلۇبىدىن كازولا بىلەن رامسسېي 3  مىنۇت ئىچىدە 2 توپ ئۇردى. 78 مىنۇت بولغاندا ئارسىنال توپچىسى چامبىرىسنىڭ ئىككى سېرىق كارتا سەۋەبدىن قىزىل كارتىغا ئايلىنىپ، مەيداندىن ئايرىلدى. 10 ئادەملىك ئارسىنال كۇلۇبى كىيىنكى ۋاقىتتا شۇنداق كۈچىگەن بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇبىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالماي، 2-3 نەتىجە بىلەن سىتوك شەھىرىگە يېڭىلپ قالدى.



   12-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دە 2014-2015-يىللىق ئېنىگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە لېۋىرپول كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا ساندىرلانىد كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن توپ كىرمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ شۇنداق تىركەشكەن بولسىمۇ ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقە ھېچقانداق بىر توپ كىرمەي نەتىجە 0-0 ئاياقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن لېۋىرپول كۇلۇبى بىرلەشمىدە 9-ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالدى.



   12-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 11:30 دا 2014-2015-يىللىق ئېنىگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى يەنە بىر مەيدان قىززىق نوقتىلىق مۇسابىقىدە مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا ئېۋىرتون كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 2 مىنۇت بولغاندا ئاگۇيرۇ يارلىنىپ ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.  22 مىنۇت بولغاندا  قارشى تەرەپ ئەزاسى چەكلەنگەن رايۇن سىزىقى ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ،  مانچىستىر شەھىرىگە بىر نوختا توپ پۇرسىتى كەلدى. بۇ توپنى ياياتورى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. كىيىن ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، توپ كىرمەي مانچىستىر شەھىرى غەلبە قىلىپ، قىممەتلىك 3 نومۇرنى قولغا كەلتۈردى شۇنداقلا چېلسى بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقىنى 3 كە چۈشۈردى.





باشقا مۇسابىقىلەر:

توتىنھام رىس 0-0 خىرۇستال ئوردا
ئايال پادىشاھ باغچە 2-0 بۇرنىلېي
ھول شەھىرى 0-0 غەربىي بىرومۋىچ
ۋاقتى: 2014-12-7 16:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 16:46  

مەن بۇرۇنمۇ دىگەن ،   چىلسى  يازلىق بازاردا  كوستا لارغا قوشۇپ يەنە بىر ئوتتۇرا مۇداپىئەچى ئىلۋەتكەن بولسا ،    ئورۇندۇق  كۈچلىرىدىن تارتىپ  ھەممىدىن  تەكشى كوماندا بولاتتى .   شۇ ۋاقىتتا  ياۋرۇپادىن ئوت چىقىرۋىتىدىغىنى   چىلسى  ، مىيۇنخىن ، مادىرىت  مۇشۇ ئۈچىنىڭ ئارىسىدىن چىقىشى مۇمكىنتى .    مۇرىنئۇ ئەزەلدىن ئارقا بەلگە  ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان تىرىنىرلاردىن  ، ماتىچىنىڭ كوماندىدىكى رولى بەكلا مۇھىمكەن .  

كاخىل    مىيۇنخىننىڭ  ۋانجال مەزگىلىدىكى   دىماكەلىسكە ئازراق ئوخشاپ  كىتىۋاتىدۇ  . ياخشى ئوينىغان  مەيدانلىرى  ئالامەت ،   بەزى مەيدانلاردا  ‹‹ ئەمەس›› لا بولۇپ قالىدۇ .     تىررى نىملا دىمىگەن بىلەن  ياشقا چوڭ ھازىر ،  بۇرۇنقى  ‹‹ بىرگە - بىر ›› شاشلىقلىرىنى ھەر مەيداندا  كۈتۈش  سەل ئارتۇقچىرەك ، مۇشۇنداق تۇرۇپ  ئۇنىڭغا قارىغاندا ياش ھەم  بەدەن  جەھەتتە ئازراق ئۈستۈنلىكى بولغان كاخىلنىڭ     چىلسى    ئوتتۇرا ئارقا مۇداپىئە سىپىدىكى  ‹‹قەرەللىك بومبا ›› غا   يىقىنلاپ قېلىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان .     بۇ  دارازىنىغۇ    تازا ئىشەنچلىك كۈرمەيتتىم   بۇرۇندىن .     ئاسپىلىكۇيتا دىگەن ياش بالا  ئارقا سەپتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تىرىشچان ئەزا  ، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق .  

مۇرىنىئۇ    قىشلىق بازاردا   پەقەت بىرلەشمە ئۈچۈن بولسىمۇ   زاپاسقا بىر ئوتتۇرا بىك  سودىسى قىلمىسا ،   يارلىنىشلارنى  نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالەتلەردىمۇ  ،      پەسىلنىڭ  ئوتتۇرا  ئاخىرقى مەزگىللىرىدە   قىينىلىپ  قىلىشى چوقۇملا .  
ۋاقتى: 2014-12-7 03:49:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنالغا ئەلەم بولدىدە. ۋىنگىر توختام ئۇزارتىشنىڭ غىمىدە يۈرۈپ بەك ئالدىراش ئىدى.
ۋاقتى: 2014-12-7 03:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ ئايلانما لاتارىيىچىلەگە بەك زىيان بولدىدە چىلسى ئەجەپ پۇتلىشىۋەدى   
ۋاقتى: 2014-12-7 04:03:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت ئىسيانچى باشقىلار يوللىۋالمىسۇن دەپ ئۇخلىماي ئولتاسام چاققان چىقۋاپسىليا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-7 04:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانۇزاي يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 04:03
ئىسىت ئىسيانچى باشقىلار يوللىۋالمىسۇن دەپ ئۇخلىماي ئو ...

مەنمۇ ئۇخلىماي ئولتاغان شۇ....
ۋاقتى: 2014-12-7 04:56:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
isyanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 04:42
مەنمۇ ئۇخلىماي ئولتاغان شۇ....

ئەمدە ئۇخلاڭلا جۇما، ئىسپانىيە بىرلەشمىسنى يوللىۋىتىپ.
ۋاقتى: 2014-12-7 07:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېسلسى ئەجەپ پۇتلىشىپتۇ
ۋاقتى: 2014-12-7 08:35:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەردارلارپۇتلىشىپ كىتىپتىغۇ ?   
ۋاقتى: 2014-12-7 08:43:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسى بىر پۇتلاشتىدە شەھەر ئۇتقان بىلەنمۇ ئارقىدا
ۋاقتى: 2014-12-7 08:59:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يىلى مۇشۇ  ساندىرلەن  بىلەن  نېۋكاستىلغا پۇتلاشمىسا  ھىساپ  ئەمەس  
ۋاقتى: 2014-12-7 08:59:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يىلى مۇشۇ  ساندىرلەن  بىلەن  نېۋكاستىلغا پۇتلاشمىسا  ھىساپ  ئەمەس  
ۋاقتى: 2014-12-7 09:00:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار ئۈچۈرۈلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-2-19 23:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش