ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2623 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەنچىلودىغا مۇبارەك بولسۇن ، ئاۋۋال ئىنتىرنىڭ رىكۇرتىغا يىتىشۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن . ئاندىن داۋاملاشتۇرمىز قالغىنىنى . بۇ ئادەمدىن ئازراق ئۈمۈد قىلدىغىنىم ئادەم ئالماشتۇرۇشتا ، سەن ‹‹كەسكىنرەك ›› بولسا بولاتتى ، بۇمۇ بوپ قالار ئاستا - ئاستا ، دىققەت قىلىڭلار ، مادىرىت قايتىپ كەلدى !
بەزىڭلارغا راستىنلا ئامال يوقكەن ‹‹دەۋالاي ، ئىيتىۋالاي ›› لار جىقلاپ كىتىپ بارامدۇ نىمە ؟ بۇ تىمىدا مۇرىنىئۇنىڭ قىستۇرلىشى نە ھاجەت بولۇپ قالدى ؟ ! نىتىرال مەستانلەردىن سوراپ باقاي ، 2008 - يىلدىن باشلاپ مادىرىتنىڭ مۇسابىقىسىنى قانچىلىك كۆرۈپ باقتىڭىز ؟ مىلان خاندانلىقىدىن كىيىن قايسىبىر كۇلۇپ بارسىلۇنادەك كۈچلىنەلىگەن ؟ سىز مادىرىتنىڭ مۇسابىقىسىنى قانچىلىك كۆرۈپ باقتىڭىز ؟
ئۆرتكەنكى بەش يىلدا بارسىلۇنا ھەقىقەتەن ساماۋىي كوماندىنىڭ رولىنى ئالدى . بۇ يەردە پەقەت ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلىپ ئازراق چۈشەنچە بىرىپ قوياي : بارسىلۇنانى ئۇتۇش تۇرماق ، ۋالدىز بىقىۋاتقان ۋارتارغا بىرەر مادىرىتلىقنىڭ توپ كىرگۈزۈپ باقمىغىنىغىمۇ تەخمىنەن 320 مىنۇتلار ئەتراپىغا بارغانغۇ دەيمەن . مۇرىنىئۇ دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقتى ، مەيلى ئۇ بىشىدا ‹‹يەر بىلەن يەكسان ›› بولسۇن ، كەينى كەينىدىن قىينالسۇن ...ئاخىرىدا بارسىلۇنانى ئۇتالىدى .
مەن يىللاپ كۈتكەن ، شۇ چاغ شۇ شۇ ھالەتتىكى بارسىلۇنانى ئۇتۇشنىڭ زادى قانداق تۇيغۇلىقىنى ھىچبولمىسا مەندەك نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئاددىي مەستانىسىگە ھىس قىلدۇرالىدى . سىز بۇ تۇيغۇلارنى ئەسلا چۈشەنمەيسىز ، چۈنكى سىز نىتىرال مەستانە ، مادىرىت ھەققىدە تالاي سۆزلىسىڭىزمۇ كۆرگىنىڭىز ئىشىپ كەتسە دىربىيلام خالاس .
مادىرىتتىكى ئۈچ يىل پەقەت ئۈچ لوڭقا بىلەنلا كۇپايىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ تىرىنىرلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن پەللىسىنى ياراتقان مۇرىنىئۇغا نىسبەتەن ئالغان ھوسۇل راستىنلا ئاز . لىكىن بىر نەرسىنى ئۇنتىماڭ ، بارسىلۇنانى كۆرسە پۇتى كالۋالىشىدىغان ، ‹‹بارسىلۇنا ئاسارىتى ›› دىن يىللاپ قۇتۇلالماي كەلگەن ، ئۇزغانلىقتا ئالتە يىل گۇرۇپپىدىن چىقىش بىلەنلا كۇپايلىنىپ قالغان ...مادىرىتقا ‹‹يۈرەك ›› كىرگۈزگىنى دەل شۇ تەلۋە ، ئۇنى تېخىمۇ بەكرەك ساغلام توختىماي سوقىدىغان قىلۋەتكىنى ئەنچىلودى .
مانا بۇ مۇرىنىئۇنىڭ ئۈچ لوڭقىدىن باشقا مادىرىتقا قالدۇرۇپ كەتكىنى ، مەن بۇ يەردە مەجبۇرى ھالدا ئەنچىلودىنىڭ تۆھپىسىگە مۇرىنىئۇنى شىرىك قىلماقچى ئەمەسمەن ، ئۇندا نىيىتىممۇ يوق . لىكىن مەن شۇنداق ئويلايمەن ، ئەينى يىللاردا مۇرىنىئۇنىڭ ئالدىدا ئەنچىلودى كەلگەن بولسىمۇ تۇنجى يىلىلام ئۇزغانلىق ئالالىشى ناتايىنتى .
ئوتتۇردىكى جاپا مۇشەقىقەتلىك ، قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن بۇ ئۈچ يىل بەك مۇھىم ، ئالغان نەرسىلەر بەك ئاز بولسىمۇ گەرچە .
سىزدىن ئاخىرىدا يەنە بىر سوراپ باقاي ، مادىرىتنىڭ نەچچىلىك مۇسابىقىسىنى كۆردىڭىز ؟
Hala Ancelotti
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|